Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - Përkthimi ujgurisht - Muhamed Salih

تۇر

external-link copy
1 : 52

وَٱلطُّورِ

تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى[1]، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 52

وَكِتَٰبٖ مَّسۡطُورٖ

ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى[2ـ3]، info
التفاسير:

external-link copy
3 : 52

فِي رَقّٖ مَّنشُورٖ

ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى[2ـ3]، info
التفاسير:

external-link copy
4 : 52

وَٱلۡبَيۡتِ ٱلۡمَعۡمُورِ

بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى[4]، info
التفاسير:

external-link copy
5 : 52

وَٱلسَّقۡفِ ٱلۡمَرۡفُوعِ

ئاسمان بىلەن قەسەمكى[5]، info
التفاسير:

external-link copy
6 : 52

وَٱلۡبَحۡرِ ٱلۡمَسۡجُورِ

(قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى[6]، info
التفاسير:

external-link copy
7 : 52

إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَٰقِعٞ

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 52

مَّا لَهُۥ مِن دَافِعٖ

ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 52

يَوۡمَ تَمُورُ ٱلسَّمَآءُ مَوۡرٗا

ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 52

وَتَسِيرُ ٱلۡجِبَالُ سَيۡرٗا

تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 52

فَوَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي![11]. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 52

ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي خَوۡضٖ يَلۡعَبُونَ

ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر[12]. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 52

يَوۡمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا

ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ[13]. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 52

هَٰذِهِ ٱلنَّارُ ٱلَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ

(ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ)[14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 52

أَفَسِحۡرٌ هَٰذَآ أَمۡ أَنتُمۡ لَا تُبۡصِرُونَ

(ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟[15] info
التفاسير:

external-link copy
16 : 52

ٱصۡلَوۡهَا فَٱصۡبِرُوٓاْ أَوۡ لَا تَصۡبِرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡۖ إِنَّمَا تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ)[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 52

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَنَعِيمٖ

تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ[17]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 52

فَٰكِهِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ وَوَقَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ

ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ[18]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 52

كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

(ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)[19]. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 52

مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ سُرُرٖ مَّصۡفُوفَةٖۖ وَزَوَّجۡنَٰهُم بِحُورٍ عِينٖ

ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز[20]. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 52

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱتَّبَعَتۡهُمۡ ذُرِّيَّتُهُم بِإِيمَٰنٍ أَلۡحَقۡنَا بِهِمۡ ذُرِّيَّتَهُمۡ وَمَآ أَلَتۡنَٰهُم مِّنۡ عَمَلِهِم مِّن شَيۡءٖۚ كُلُّ ٱمۡرِيِٕۭ بِمَا كَسَبَ رَهِينٞ

ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر[21]. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 52

وَأَمۡدَدۡنَٰهُم بِفَٰكِهَةٖ وَلَحۡمٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ

ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز[22]. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 52

يَتَنَٰزَعُونَ فِيهَا كَأۡسٗا لَّا لَغۡوٞ فِيهَا وَلَا تَأۡثِيمٞ

ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ[23]. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 52

۞ وَيَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ غِلۡمَانٞ لَّهُمۡ كَأَنَّهُمۡ لُؤۡلُؤٞ مَّكۡنُونٞ

گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ[24]. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 52

وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ

ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ[25]. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 52

قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا قَبۡلُ فِيٓ أَهۡلِنَا مُشۡفِقِينَ

ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق[26]. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 52

فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَوَقَىٰنَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ

ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى[27]. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 52

إِنَّا كُنَّا مِن قَبۡلُ نَدۡعُوهُۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡبَرُّ ٱلرَّحِيمُ

بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[28]. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 52

فَذَكِّرۡ فَمَآ أَنتَ بِنِعۡمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٖ وَلَا مَجۡنُونٍ

(ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن[29]. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 52

أَمۡ يَقُولُونَ شَاعِرٞ نَّتَرَبَّصُ بِهِۦ رَيۡبَ ٱلۡمَنُونِ

ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز».[30] info
التفاسير:

external-link copy
31 : 52

قُلۡ تَرَبَّصُواْ فَإِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُتَرَبِّصِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»[ـ31]. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 52

أَمۡ تَأۡمُرُهُمۡ أَحۡلَٰمُهُم بِهَٰذَآۚ أَمۡ هُمۡ قَوۡمٞ طَاغُونَ

ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۇلارنى مۇشۇنداق (سۆز) قىلىشقا بۇيرۇمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋمدۇر[32]. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 52

أَمۡ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُۥۚ بَل لَّا يُؤۡمِنُونَ

ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى) ئۆزى توقۇدى» دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ[33]. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 52

فَلۡيَأۡتُواْ بِحَدِيثٖ مِّثۡلِهِۦٓ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ

ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار[34]. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 52

أَمۡ خُلِقُواْ مِنۡ غَيۡرِ شَيۡءٍ أَمۡ هُمُ ٱلۡخَٰلِقُونَ

ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟[35] info
التفاسير:

external-link copy
36 : 52

أَمۡ خَلَقُواْ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۚ بَل لَّا يُوقِنُونَ

ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ[36]. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 52

أَمۡ عِندَهُمۡ خَزَآئِنُ رَبِّكَ أَمۡ هُمُ ٱلۡمُصَۜيۡطِرُونَ

ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلار (شەيئىلەرنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) (كائىناتنى) بويسۇندۇرغۇچىمۇ؟[37] info
التفاسير:

external-link copy
38 : 52

أَمۡ لَهُمۡ سُلَّمٞ يَسۡتَمِعُونَ فِيهِۖ فَلۡيَأۡتِ مُسۡتَمِعُهُم بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ

ياكى ئۇلارنىڭ (ئاسمانغا چىقىپ) سۆز تىڭشايدىغان شوتىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇلارنىڭ سۆز ئاڭلىغۇچىسى ئوچۇق بىر پاكىتىنى كەلتۈرسۇن[38]. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 52

أَمۡ لَهُ ٱلۡبَنَٰتُ وَلَكُمُ ٱلۡبَنُونَ

ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟[39] info
التفاسير:

external-link copy
40 : 52

أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ

ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟)[40] info
التفاسير:

external-link copy
41 : 52

أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ

ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىلمى غەيب بولۇپ (ئۇنىڭدىن غەيب نەرسىلەرنى) يېزىۋالامدۇ؟[41] info
التفاسير:

external-link copy
42 : 52

أَمۡ يُرِيدُونَ كَيۡدٗاۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هُمُ ٱلۡمَكِيدُونَ

ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ[42]. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 52

أَمۡ لَهُمۡ إِلَٰهٌ غَيۡرُ ٱللَّهِۚ سُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن (بۇتلىرىدىن) ئاللاھ پاكتۇر[43]. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 52

وَإِن يَرَوۡاْ كِسۡفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ سَاقِطٗا يَقُولُواْ سَحَابٞ مَّرۡكُومٞ

ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ[44]. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 52

فَذَرۡهُمۡ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي فِيهِ يُصۡعَقُونَ

ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگۈچە تەرك ئەتكىن[45]. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 52

يَوۡمَ لَا يُغۡنِي عَنۡهُمۡ كَيۡدُهُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ

ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ[46]. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 52

وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ عَذَابٗا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن) بۇرۇن (دۇنيادىمۇ بىر تۈرلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[47]. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 52

وَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ فَإِنَّكَ بِأَعۡيُنِنَاۖ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ حِينَ تَقُومُ

پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى تەخىر قىلىش) ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن بىزنىڭ ھىمايىمىزدىدۇرسەن، (ئۇيقۇدىن) تۇرغان ۋاقتىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن[48]. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 52

وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡهُ وَإِدۡبَٰرَ ٱلنُّجُومِ

كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن[49]. info
التفاسير: