Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

Numri i faqes:close

external-link copy
31 : 78

إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ مَفَازًا

پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 78

حَدَآئِقَ وَأَعۡنَٰبٗا

ئۇ نېئمەتەلەر بوستانلىق ۋە ئۈزۈمزار باغلاردۇر . info
التفاسير:

external-link copy
33 : 78

وَكَوَاعِبَ أَتۡرَابٗا

كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش قىزلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 78

وَكَأۡسٗا دِهَاقٗا

شاراپ تولدۇرۇلغان جاملاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 78

لَّا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا كِذَّٰبٗا

ئۇلار جەننەتتە ھېچبىر بىكار گەپ ئاڭلىمايدۇ، يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە يالغان گەپ قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 78

جَزَآءٗ مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابٗا

مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ بەرگەن يېتەرلىك مۇكاپاتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 78

رَّبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا ٱلرَّحۡمَٰنِۖ لَا يَمۡلِكُونَ مِنۡهُ خِطَابٗا

ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ شەپقەتچىسىدۇركى، زېمىندىكى ياكى ئاسماندىكى ھەر كىم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچبىر سوئال سورىيالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 78

يَوۡمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ صَفّٗاۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنۡ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَقَالَ صَوَابٗا

ئۇ كۈندە جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ تۇرىدۇ، شاپائەت قىلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلمىغان ۋە پەقەت تەۋھىد كەلىمىسىگە ئوخشاش توغرا سۆزنى دېمىگەن ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 78

ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلۡحَقُّۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا

سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ كۈن يۈز بېرىشىدە قىلچە شەك بولمىغان كۈندۇر. شۇڭا كىم شۇ كۈندە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى خالىسا، پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
40 : 78

إِنَّآ أَنذَرۡنَٰكُمۡ عَذَابٗا قَرِيبٗا يَوۡمَ يَنظُرُ ٱلۡمَرۡءُ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلۡكَافِرُ يَٰلَيۡتَنِي كُنتُ تُرَٰبَۢا

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. بۇ كۈندە ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارايدۇ ۋە كاپىر بولغان ئادەم ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مەنمۇ قىيامەت كۈنى: تۇپراققا ئايلىنىپ كەت، دېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! دەيدۇ. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• التقوى سبب دخول الجنة.
تەقۋادارلىق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• تذكر أهوال القيامة دافع للعمل الصالح.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەلگە تۈرتكە بولىدۇ. info

• قبض روح الكافر بشدّة وعنف، وقبض روح المؤمن برفق ولين.
كاپىرنىڭ جېنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئېلىنىدۇ، مۇئمىننىڭ جېنى ئاستا، سىلىق ئېلىنىدۇ. info