Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

external-link copy
54 : 37

قَالَ هَلۡ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ

ئۇنىڭ مۇئمىن دوستى جەننەتتىكى يارەنلىرىگە: بېرى كېلىڭلار، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان ئاشۇ دوستنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى، دەيدۇ. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• الظفر بنعيم الجنان هو الفوز الأعظم، ولمثل هذا العطاء والفضل ينبغي أن يعمل العاملون.
جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىگە ئېرىشىش بۈيۈك غەلىبىدۇر. ئەمەل قىلغۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئېھسان ۋە ئىلتىپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن. info

• إن طعام أهل النار هو الزقّوم ذو الثمر المرّ الكريه الطعم والرائحة، العسير البلع، المؤلم الأكل.
شەكسىزكى دوزىخىيلارنىڭ يېمەكلىكى مېۋىسى ئاچچىق، بەتتام، بەتبۇي، ناھايىتى تەس يۇتقىلى بولىدىغان، يېگۈچىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان زەققۇم دەرىخىدۇر. info

• أجاب الله تعالى دعاء نوح عليه السلام بإهلاك قومه، والله نعم المقصود المجيب.
ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاكىتى توغرىسىدا قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئاللاھ تائالا نېمىدېگەن ياخشى مەقسەتكە ئېرىشتۈرگۈچى، نېمىدېگەن تېز ئىجابەت قىلغۇچى؟ info