Përkthimi i kuptimeve të Kuranit Fisnik - El Muhtesar fi tefsir el Kuran el Kerim - Përkthimi ujgurisht

Numri i faqes:close

external-link copy
27 : 16

ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُخۡزِيهِمۡ وَيَقُولُ أَيۡنَ شُرَكَآءِيَ ٱلَّذِينَ كُنتُمۡ تُشَٰٓقُّونَ فِيهِمۡۚ قَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ إِنَّ ٱلۡخِزۡيَ ٱلۡيَوۡمَ وَٱلسُّوٓءَ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئاندىن قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى تەييارلايدۇ، ئۇلارنى خار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قېنى سىلەرنىڭ ئىبادەتتە مەن بىلەن شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن سىلەر مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم ۋە مۆئمىن بەندىلىرىمگە دۈشمەنلىك قىلدىڭلار؟. رەببانىي ئۆلىمالار: ھەقىقەتەن خارلىق ۋە ئازاب قىيامەت كۈنىدە كاپىرلارغا ھەقلىق بولىدۇ، .دەيدۇ info
التفاسير:

external-link copy
28 : 16

ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِيٓ أَنفُسِهِمۡۖ فَأَلۡقَوُاْ ٱلسَّلَمَ مَا كُنَّا نَعۡمَلُ مِن سُوٓءِۭۚ بَلَىٰٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغان ھالەتتە ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولغان پەرىشتىلەر جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ئۆلۈم كەلگەندە تەسلىم بولۇپ بويسۇنىدۇ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىلىقتىن ئىبارەت ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە پايدىسى تېگىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارغا: يالغان ئېيتتىڭلار، سىلەر ئاسىيلىق قېلىش بىلەن كاپىر بولدۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇنيادا قىلىۋاتقان قىلمىشىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 16

فَٱدۡخُلُوٓاْ أَبۡوَٰبَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۖ فَلَبِئۡسَ مَثۡوَى ٱلۡمُتَكَبِّرِينَ

ئۇلارغا: قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابى بىلەن مەڭگۈ تۇرۇش تەقدىر قېلىنغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كېرىڭلار دېيىلىدۇ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان-ھە!. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 16

۞ وَقِيلَ لِلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ مَاذَآ أَنزَلَ رَبُّكُمۡۚ قَالُواْ خَيۡرٗاۗ لِّلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٞۚ وَلَدَارُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞۚ وَلَنِعۡمَ دَارُ ٱلۡمُتَّقِينَ

پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا: پەرۋەردىگارىڭلار پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟، دېيىلسە، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىقلارنى نازىل قىلدى دەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلغان ۋە كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلار دۇنيادا غەلبە-نۇسرەت ۋە كەڭرى رىزىقتىن ئىبارەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغان ئاخىرەتتىكى ئەجىر-ساۋاپ ئۇلارغا دۇنيادا بېرىلگەن مۇكاپاتلاردىن ئەۋزەلدۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يۇرتى بولغان ئاخىرەت .دىيارى نېمىدېگەن ياخشى info
التفاسير:

external-link copy
31 : 16

جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ لَهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَۚ كَذَٰلِكَ يَجۡزِي ٱللَّهُ ٱلۡمُتَّقِينَ

ئۇلار دائىم تۇرىدىغان قەسىر ۋە باغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقلاردا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كېرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەردىن كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بولغان تەقۋادارلار مۇكاپاتلانغان مۇشۇ مۇكاپاتقا ئوخشاش، ئىلگىرىكى ئۈممەتنىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ .مۇكاپاتلايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
32 : 16

ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ طَيِّبِينَ يَقُولُونَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمُ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

تەقۋادارلارنى ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولغان پەرىشتىلەر قەلبى كۇپىردىن پاك ھالەتتە قەبزى روھ قىلغاندا، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: سالام سىلەرگە! بارلىق خاتىرجەمسىزلىكتىن ئامان بولدۇڭلار، دۇنيادىكى ساغلام ئەقىدە ۋە ياخشى ئەمەللىرىڭلار سەۋەبىدىن جەننەتكە كېرىڭلار دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 16

هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن تَأۡتِيَهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَوۡ يَأۡتِيَ أَمۡرُ رَبِّكَۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ

ئاشۇ يالغانچى مۇشرىكلار پەقەت ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىگە ۋە كاسىلىرىغا ئۇرۇشنى كۈتەمدۇ ياكى دۇنيادا ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇلارنى تۈپ-يىلتىزىدىن يوق قېلىۋىتىدىغان ئازابنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇ؟. ئىلگىرىكى مۇشرىكلارمۇ مەككە مۇشرىكلىرىغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، ئۇلارنى ھالاك قىلغاندا ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاكەت گىرداۋىغا كېلىشنى خالىدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 16

فَأَصَابَهُمۡ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُواْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى. مەزكۇر ئازاب زىكىر قىلىنغاندا ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئەمدىلىكتە ئۇلارنى ھەممە تەرەپتىن قورشىدى. info
التفاسير:
Dobitë e ajeteve të kësaj faqeje:
• فضيلة أهل العلم، وأنهم الناطقون بالحق في الدنيا ويوم يقوم الأشهاد، وأن لقولهم اعتبارًا عند الله وعند خلقه.
بۇ ئايەتتە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتى بايان قېلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار دۇنيادا ھەقنى سۆزلەيدۇ، قىيامەتتىمۇ ھەقنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ ئېتىبارى بولىدۇ. info

• من أدب الملائكة مع الله أنهم أسندوا العلم إلى الله دون أن يقولوا: إنا نعلم ما كنتم تعملون، وإشعارًا بأنهم ما علموا ذلك إلا بتعليم من الله تعالى.
پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئەدەپلىرىدىن: ئۇلار بىز بىلىمىز سىلەر بىلمەيسىلەر دېمەستىن ئىلىمنى ئاللاھغا نىسبەت بېرىدۇ، ئۇلار بىلگەن نەرسىلىرىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن بولغانلىقىنى ئېلان .قىلىدۇ info

• من كرم الله وجوده أنه يعطي أهل الجنة كل ما تمنوه عليه، حتى إنه يُذَكِّرهم أشياء من النعيم لم تخطر على قلوبهم.
ئاللاھنىڭ ئېسىللىكى ۋە سېخىلىقىدىن جەننەت ئەھلىگە ئۇلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىدۇ، ھەتتا نېمەتلەردىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نەرسىلەرنىمۇ ئېسىگە سالىدۇ. info

• العمل هو السبب والأصل في دخول الجنة والنجاة من النار، وذلك يحصل برحمة الله ومنَّته على المؤمنين لا بحولهم وقوتهم.
ئەمەل بولسا جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسىمۇ، بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مۆئمىنلەرگە قىلغان نېئمىتى بىلەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بولمايدۇ. info