د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

د مخ نمبر:close

external-link copy
39 : 17

ذَٰلِكَ مِمَّآ أَوۡحَىٰٓ إِلَيۡكَ رَبُّكَ مِنَ ٱلۡحِكۡمَةِۗ وَلَا تَجۡعَلۡ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَتُلۡقَىٰ فِي جَهَنَّمَ مَلُومٗا مَّدۡحُورًا

بىز يۇقىرىدا ئوچۇق بايان قىلغان بۇيرۇقلار، چەكلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغانلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەي ئىنسان! ئاللاھقا باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن. بولمىسا قىيامەت كۈنى ئۆز - ئۆزۈڭگە مالامەت قىلغان، باشقىلارنىڭمۇ مالامىتىگە ئۇچرىغان ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالەتتە جەھەننەمگە تاشلىنىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 17

أَفَأَصۡفَىٰكُمۡ رَبُّكُم بِٱلۡبَنِينَ وَٱتَّخَذَ مِنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنَٰثًاۚ إِنَّكُمۡ لَتَقُولُونَ قَوۡلًا عَظِيمٗا

ئەي پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان مۇشرىكلار! پەرۋەردىگارىڭلار ئوغۇللارنى سىلەرگە خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ ئاللاھ سىلەر دەۋاتقان تۆھمەتلەردىن يۈكسەكتۇر. شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بالىسى بار دېيىش ئارقىلىق تولىمۇ قەبىھ سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر، كۇپرىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئاللاھنىڭ قىزلىرى بار دەپ بىلجىرلاۋاتىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 17

وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَا فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ لِيَذَّكَّرُواْ وَمَا يَزِيدُهُمۡ إِلَّا نُفُورٗا

بىز بۇ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق يولدا ماڭسۇن، زىيانلىق ئىشلارنى تاشلىسۇن دەپ ئەھكاملارنى، ۋەز - نەسىھەتلەرنى ۋە مىساللارنى روشەن بايان قىلدۇق. ھالبۇكى ئۇلاردىن تەبىئىتى بۇزۇلغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرى ئۇلارنى تېخىمۇ ھەقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ھەقنى ياقتۇرمايدىغان قىلىۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 17

قُل لَّوۡ كَانَ مَعَهُۥٓ ءَالِهَةٞ كَمَا يَقُولُونَ إِذٗا لَّٱبۡتَغَوۡاْ إِلَىٰ ذِي ٱلۡعَرۡشِ سَبِيلٗا

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنىڭ يالغان ئېيتقىنىڭلاردەك، ئەگەر ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا مەبۇدلار بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئاشۇ ساختا مەبۇدلار ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەرشنى تارتىۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىگەن بولاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 17

سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَقُولُونَ عُلُوّٗا كَبِيرٗا

ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 17

تُسَبِّحُ لَهُ ٱلسَّمَٰوَٰتُ ٱلسَّبۡعُ وَٱلۡأَرۡضُ وَمَن فِيهِنَّۚ وَإِن مِّن شَيۡءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمۡدِهِۦ وَلَٰكِن لَّا تَفۡقَهُونَ تَسۡبِيحَهُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورٗا

ئاسمانلارمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، زېمىنمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ھەر قانداق مەۋجۇدات ئاللاھنى مەدھىيىلەش بىلەن ئۇنى پاك دەپ بىلىدۇ. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ قانداق تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر پەقەت ئۆز تىلىڭلاردا تەسبىھ ئېيتىدىغانلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىشلىرىنىلا چۈشىنەلەيسىلەر. شەكسىزكى ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ھەلىيم سۈپەتلىك زاتتۇر، تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 17

وَإِذَا قَرَأۡتَ ٱلۡقُرۡءَانَ جَعَلۡنَا بَيۡنَكَ وَبَيۡنَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ حِجَابٗا مَّسۡتُورٗا

ئەي پەيغەمبەر! سەن قۇرئان ئوقۇغان ھەمدە ئۇلارمۇ قۇرئاندىكى چەكلىمىلەر ۋە پەند - نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان چاغدا بىز سەن بىلەن قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق پەيدا قىلىمىز، بۇ توسۇق ئۇلارنى قۇرئاننى چۈشىنىشتىن توسىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرىگە قارىتا بېرىلگەن جازادۇر. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 17

وَجَعَلۡنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ أَكِنَّةً أَن يَفۡقَهُوهُ وَفِيٓ ءَاذَانِهِمۡ وَقۡرٗاۚ وَإِذَا ذَكَرۡتَ رَبَّكَ فِي ٱلۡقُرۡءَانِ وَحۡدَهُۥ وَلَّوۡاْ عَلَىٰٓ أَدۡبَٰرِهِمۡ نُفُورٗا

قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىۋەتتۇق، قۇرئاننى مەنپەئەتلىنەلەيدىغان رەۋىشتە ئاڭلىمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن قۇرئان كەرىمدە يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ساختا ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالمىساڭ، ئۇلار دىننى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشتىن يىراقلىشىپ، كەينىگە قاچىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 17

نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَسۡتَمِعُونَ بِهِۦٓ إِذۡ يَسۡتَمِعُونَ إِلَيۡكَ وَإِذۡ هُمۡ نَجۡوَىٰٓ إِذۡ يَقُولُ ٱلظَّٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا

ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ قۇرئانغا نېمە مەقسەتتە قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز، ئۇلار بۇ ئارقىلىق توغرا يول تېپىشنى ئويلىمايدۇ، بەلكى سەن تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا ئويۇن - كۈلكە قىلىپ، قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى بولۇشىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئىنكار قىلىش ھەمدە باشقىلارنى قۇرئاندىن توسۇش ھەققىدە ئۆز-ئارا پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. كۇپرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بۇ زالىملار: ئەي ئىنسانلار! سىلەر سېھىرلىنىپ ئېلىشىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ كەينىگە كىرىۋاتىسىلەر، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 17

ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَالَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا

ئەي پەيغەمبەر! قارايدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ساختا، ئويدۇرما سۈپەتلەردىن چوقۇم ھەيران قالىسەن. ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، نەتىجىدە ھەق يولىنى تاپالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 17

وَقَالُوٓاْ أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا وَرُفَٰتًا أَءِنَّا لَمَبۡعُوثُونَ خَلۡقٗا جَدِيدٗا

مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ: بىز ئۆلۈپ، قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىپ، بەدەنلىرىمىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرگۈزۈلىمىزمۇ؟ بۇنداق بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• الزعم بأن الملائكة بنات الله افتراء كبير، وقول عظيم الإثم عند الله عز وجل.
پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ بىلجىرلاش ھەقىقەتەن چوڭ بوھتان ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە گۇناھى ئېغىر سۆزدۇر. info

• أكثر الناس لا تزيدهم آيات الله إلا نفورًا؛ لبغضهم للحق ومحبتهم ما كانوا عليه من الباطل.
كۆپىنچە ئىنسانلار ھەقنى ئۆچ كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ باتىل قىلمىشلىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى پەقەت ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. info

• ما من مخلوق في السماوات والأرض إلا يسبح بحمد الله تعالى فينبغي للعبد ألا تسبقه المخلوقات بالتسبيح.
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلار پەقەت ئاللاھقىلا تەسبىھ ئېيتىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنسان تەسبىھ ئېيتىشتا باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ كەينىدە قالماسلىقى كېرەك. info

• من حلم الله على عباده أنه لا يعاجلهم بالعقوبة على غفلتهم وسوء صنيعهم، فرحمته سبقت غضبه.
بەندىلەر شۇنچىۋالا غەپلەتتە قېلىپ، يامان ئىشلارنى قىلسىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى ئۇنىڭ بەندىلىرىگە كۆيۈمچان ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ رەھمىتىنىڭ غەزىپىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىدىندۇر. info