د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

د مخ نمبر:close

external-link copy
105 : 17

وَبِٱلۡحَقِّ أَنزَلۡنَٰهُ وَبِٱلۡحَقِّ نَزَلَۗ وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا مُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا

بىز بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلدۇق، بۇ قۇرئان ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەستىن ۋە بۇرمىلانماستىن نازىل بولدى. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پەقەت تەقۋادارلارغا جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى، كاپىر ۋە ئاسىيلارنى دوزاخ بىلەن قورقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
106 : 17

وَقُرۡءَانٗا فَرَقۡنَٰهُ لِتَقۡرَأَهُۥ عَلَى ٱلنَّاسِ عَلَىٰ مُكۡثٖ وَنَزَّلۡنَٰهُ تَنزِيلٗا

بىز قۇرئان كەرىمنى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، سېنىڭ ئۇنى كىشىلەرگە ئالدىرىماي، تەرتىل بىلەن ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا ئەڭ قولايلىقتۇر. بىز قۇرئان كەرىمنى ھادىسىلەر ۋە ئەھۋاللارغا قاراپ تەدرىجىي بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
107 : 17

قُلۡ ءَامِنُواْ بِهِۦٓ أَوۡ لَا تُؤۡمِنُوٓاْۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ مِن قَبۡلِهِۦٓ إِذَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ يَخِرُّونَۤ لِلۡأَذۡقَانِۤ سُجَّدٗاۤ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار بەرىبىر، چۈنكى سىلەرنىڭ ئىمانىڭلار ئۇنىڭ (كامالىتىگە) بىر نەرسە قوشالمايدۇ، كۇپرىڭلارمۇ ئۇنىڭ (مەرتىۋىسىنى) چۈشۈرەلمەيدۇ. شەكسىزكى ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنى ئوقۇغان ھەمدە ۋەھىي ۋە پەيغەمبەرلىكتىن خەۋەردار كىشىلەرگە قۇرئان كەرىم ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلار ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىش يۈزىسىدىن دەرھال سەجدىگە يىقىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
108 : 17

وَيَقُولُونَ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِن كَانَ وَعۡدُ رَبِّنَا لَمَفۡعُولٗا

ئۇلار سەجدە قىلغان ھالەتتە: پەرۋەردىگارىمىز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن پاكتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ۋەدىسى ئىشقا ئاشتى. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ۋەدىلىرىمۇ چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 17

وَيَخِرُّونَ لِلۡأَذۡقَانِ يَبۡكُونَ وَيَزِيدُهُمۡ خُشُوعٗا۩

ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان پېتى سەجدىگە يىقىلىدۇ، قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاپ، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇشىنى ۋە ئەيمىنىشىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 17

قُلِ ٱدۡعُواْ ٱللَّهَ أَوِ ٱدۡعُواْ ٱلرَّحۡمَٰنَۖ أَيّٗا مَّا تَدۡعُواْ فَلَهُ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَلَا تَجۡهَرۡ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتۡ بِهَا وَٱبۡتَغِ بَيۡنَ ذَٰلِكَ سَبِيلٗا

ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ «ئەي ئاللاھ! ئەي راھمان!» دەپ دۇئا قىلىشىڭنى ياقتۇرمىغانلارغا ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ۋە راھمان» ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى ئىسمى بولۇپ، مەن مۇشۇ ئىككى ئىسىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىملاردىن قايسىسى بىلەن دۇئا قىلسام بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار. بۇ ئىككىسىمۇ شۇ ئىسىملارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھنى مۇشۇ ئىككى ئىسىم بىلەن ياكى بۇنىڭدىن باشقا ئىسىملار بىلەن چاقىرساڭلار بولىدۇ. نامىزىڭدا قىرائەتنى بەك يۇقىرى ئاۋازدا قىلمىغىن، بولمىسا مۇشرىكلار ئاڭلاپ قالىدۇ. بەك پەسمۇ قىلمىغىن، بولمىسا مۇئمىنلەر ئاڭلىيالماي قالىدۇ. بۇ ئىككى ئەھۋال ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتقىن. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 17

وَقُلِ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي لَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٞ فِي ٱلۡمُلۡكِ وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ وَلِيّٞ مِّنَ ٱلذُّلِّۖ وَكَبِّرۡهُ تَكۡبِيرَۢا

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر بالىدىن ۋە شېرىكتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان، خارلىق ۋە زاۋاللىق يەتمەيدىغان، ھەر تۈرلۈك مەدھىيەلەرگە لايىق بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئۇنىڭ ياردەمچىگە ۋە قوللىغۇچىغا ئېھتىياجى يوق. ئۇنى كۆپ ئۇلۇغلىغىن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا نە بالىنى، نە شېرىكنى نىسبەت بەرمىگىن، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ياردەمچىسى بار دېمىگىن. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• أنزل الله القرآن متضمنًا الحق والعدل والشريعة والحكم الأمثل .
ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ھەقىقەتنى، ئادالەتنى، شەرىئەتنى ۋە نەمۇنىلىك ھېكمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلغان. info

• جواز البكاء في الصلاة من خوف الله تعالى.
نامازدا ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاش دۇرۇس. info

• الدعاء أو القراءة في الصلاة يكون بطريقة متوسطة بين الجهر والإسرار.
نامازدا دۇئا ۋە قىرائەت يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ئارىلىقىدا نورمال رەۋىشتە بولۇشى كېرەك. info

• القرآن الكريم قد اشتمل على كل عمل صالح موصل لما تستبشر به النفوس وتفرح به الأرواح.
قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ كۆڭۈللەرنى خۇرسەن قىلىدىغان، روھلارنى ياشنىتىدىغان بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان. info