Vertaling van de betekenissen Edele Qur'an - Oeigoerse vertaling - Mohammed Saleh

نەجم

external-link copy
1 : 53

وَٱلنَّجۡمِ إِذَا هَوَىٰ

ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى[1]، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 53

مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمۡ وَمَا غَوَىٰ

سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى[2]. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 53

وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ

(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 53

إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡيٞ يُوحَىٰ

پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 53

عَلَّمَهُۥ شَدِيدُ ٱلۡقُوَىٰ

ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 53

ذُو مِرَّةٖ فَٱسۡتَوَىٰ

ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى[6ـ7]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 53

وَهُوَ بِٱلۡأُفُقِ ٱلۡأَعۡلَىٰ

ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى[6ـ7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 53

ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ

ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 53

فَكَانَ قَابَ قَوۡسَيۡنِ أَوۡ أَدۡنَىٰ

ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 53

فَأَوۡحَىٰٓ إِلَىٰ عَبۡدِهِۦ مَآ أَوۡحَىٰ

ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھىيلەرنى ۋەھىي قىلدى[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 53

مَا كَذَبَ ٱلۡفُؤَادُ مَا رَأَىٰٓ

ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى)[11]. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 53

أَفَتُمَٰرُونَهُۥ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ

(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟ [12] info
التفاسير:

external-link copy
13 : 53

وَلَقَدۡ رَءَاهُ نَزۡلَةً أُخۡرَىٰ

ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى[13ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 53

عِندَ سِدۡرَةِ ٱلۡمُنتَهَىٰ

ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى[13ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 53

عِندَهَا جَنَّةُ ٱلۡمَأۡوَىٰٓ

جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر[15]. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 53

إِذۡ يَغۡشَى ٱلسِّدۡرَةَ مَا يَغۡشَىٰ

(ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى)[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 53

مَا زَاغَ ٱلۡبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ

(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى[17]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 53

لَقَدۡ رَأَىٰ مِنۡ ءَايَٰتِ رَبِّهِ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ

شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى[18]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 53

أَفَرَءَيۡتُمُ ٱللَّٰتَ وَٱلۡعُزَّىٰ

ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)[19ـ20]. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 53

وَمَنَوٰةَ ٱلثَّالِثَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ

ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)[19ـ20]. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 53

أَلَكُمُ ٱلذَّكَرُ وَلَهُ ٱلۡأُنثَىٰ

(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟[21] info
التفاسير:

external-link copy
22 : 53

تِلۡكَ إِذٗا قِسۡمَةٞ ضِيزَىٰٓ

ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر[22]. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 53

إِنۡ هِيَ إِلَّآ أَسۡمَآءٞ سَمَّيۡتُمُوهَآ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلۡطَٰنٍۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَمَا تَهۡوَى ٱلۡأَنفُسُۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مِّن رَّبِّهِمُ ٱلۡهُدَىٰٓ

بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل ـ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ[23]. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 53

أَمۡ لِلۡإِنسَٰنِ مَا تَمَنَّىٰ

ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟[24] info
التفاسير:

external-link copy
25 : 53

فَلِلَّهِ ٱلۡأٓخِرَةُ وَٱلۡأُولَىٰ

ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ)[25]. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 53

۞ وَكَم مِّن مَّلَكٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ لَا تُغۡنِي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡـًٔا إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ أَن يَأۡذَنَ ٱللَّهُ لِمَن يَشَآءُ وَيَرۡضَىٰٓ

ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ[26]. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 53

إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ لَيُسَمُّونَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ تَسۡمِيَةَ ٱلۡأُنثَىٰ

شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ[27]. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 53

وَمَا لَهُم بِهِۦ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّۖ وَإِنَّ ٱلظَّنَّ لَا يُغۡنِي مِنَ ٱلۡحَقِّ شَيۡـٔٗا

ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ[28]. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 53

فَأَعۡرِضۡ عَن مَّن تَوَلَّىٰ عَن ذِكۡرِنَا وَلَمۡ يُرِدۡ إِلَّا ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا

بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن[29]. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 53

ذَٰلِكَ مَبۡلَغُهُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱهۡتَدَىٰ

ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[30]. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 53

وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَسَٰٓـُٔواْ بِمَا عَمِلُواْ وَيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ بِٱلۡحُسۡنَى

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ[31]. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 53

ٱلَّذِينَ يَجۡتَنِبُونَ كَبَٰٓئِرَ ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡفَوَٰحِشَ إِلَّا ٱللَّمَمَۚ إِنَّ رَبَّكَ وَٰسِعُ ٱلۡمَغۡفِرَةِۚ هُوَ أَعۡلَمُ بِكُمۡ إِذۡ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَإِذۡ أَنتُمۡ أَجِنَّةٞ فِي بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡۖ فَلَا تُزَكُّوٓاْ أَنفُسَكُمۡۖ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَنِ ٱتَّقَىٰٓ

ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ[32]. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 53

أَفَرَءَيۡتَ ٱلَّذِي تَوَلَّىٰ

(ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن[33]. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 53

وَأَعۡطَىٰ قَلِيلٗا وَأَكۡدَىٰٓ

ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى[34]. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 53

أَعِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلۡغَيۡبِ فَهُوَ يَرَىٰٓ

ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟[35] info
التفاسير:

external-link copy
36 : 53

أَمۡ لَمۡ يُنَبَّأۡ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ

ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟[36] info
التفاسير:

external-link copy
37 : 53

وَإِبۡرَٰهِيمَ ٱلَّذِي وَفَّىٰٓ

ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، [37] info
التفاسير:

external-link copy
38 : 53

أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰ

بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)[ 38]. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 53

وَأَن لَّيۡسَ لِلۡإِنسَٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ

ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ[39]. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 53

وَأَنَّ سَعۡيَهُۥ سَوۡفَ يُرَىٰ

ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ)[40]. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 53

ثُمَّ يُجۡزَىٰهُ ٱلۡجَزَآءَ ٱلۡأَوۡفَىٰ

ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ[41]. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 53

وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ ٱلۡمُنتَهَىٰ

ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر[42]. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ أَضۡحَكَ وَأَبۡكَىٰ

ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ[43]. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ أَمَاتَ وَأَحۡيَا

ئاللاھ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر[44]. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 53

وَأَنَّهُۥ خَلَقَ ٱلزَّوۡجَيۡنِ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰ

ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى[45]. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 53

مِن نُّطۡفَةٍ إِذَا تُمۡنَىٰ

ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى)[46]. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 53

وَأَنَّ عَلَيۡهِ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُخۡرَىٰ

(ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى[47]. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ أَغۡنَىٰ وَأَقۡنَىٰ

ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە (ئاز بىلەنمۇ) مەمنۇن قىلالايدۇ[48]. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 53

وَأَنَّهُۥ هُوَ رَبُّ ٱلشِّعۡرَىٰ

ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[49]. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 53

وَأَنَّهُۥٓ أَهۡلَكَ عَادًا ٱلۡأُولَىٰ

ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى[50]. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 53

وَثَمُودَاْ فَمَآ أَبۡقَىٰ

سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى[51]. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 53

وَقَوۡمَ نُوحٖ مِّن قَبۡلُۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ هُمۡ أَظۡلَمَ وَأَطۡغَىٰ

ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى[52]. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 53

وَٱلۡمُؤۡتَفِكَةَ أَهۡوَىٰ

. لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54]. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 53

فَغَشَّىٰهَا مَا غَشَّىٰ

. لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى[53 ـ 54]. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 53

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ

ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟[55] info
التفاسير:

external-link copy
56 : 53

هَٰذَا نَذِيرٞ مِّنَ ٱلنُّذُرِ ٱلۡأُولَىٰٓ

بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[56]. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 53

أَزِفَتِ ٱلۡأٓزِفَةُ

قىيامەت يېقىنلاشتى[57]. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 53

لَيۡسَ لَهَا مِن دُونِ ٱللَّهِ كَاشِفَةٌ

ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر[58]. info
التفاسير:

external-link copy
59 : 53

أَفَمِنۡ هَٰذَا ٱلۡحَدِيثِ تَعۡجَبُونَ

(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟[59]. info
التفاسير:

external-link copy
60 : 53

وَتَضۡحَكُونَ وَلَا تَبۡكُونَ

(ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟[60]. info
التفاسير:

external-link copy
61 : 53

وَأَنتُمۡ سَٰمِدُونَ

سىلەر غاپىلدۇرسىلەر[61]. info
التفاسير:

external-link copy
62 : 53

فَٱسۡجُدُواْۤ لِلَّهِۤ وَٱعۡبُدُواْ۩

ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار[62]. info
التفاسير: