Vertaling van de betekenissen Edele Qur'an - De Oeigoerse vertaling van de samenvatting van de tafsier van de Heilige Koran.

شەمس

Het doel van deze surah:
التأكيد بأطول قسم في القرآن، على تعظيم تزكية النفس بالطاعات، وخسارة دسّها بالمعاصي.
قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن قەسەم بىلەن تائەت-ئىبادەت بىلەن نەپسىنى پاكلاشنىڭ كاتتىلىقى، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كىرلاشتۇرۇشنىڭ زېيىنىنى تەكىتلەش. info

external-link copy
1 : 91

وَٱلشَّمۡسِ وَضُحَىٰهَا

ئاللاھ تائالا قۇياش بىلەن قەسەم قىلدى، شۇنداقلا قۇياش مەشرىق تەرەپتىن چىققاندىن كېيىنكى كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 91

وَٱلۡقَمَرِ إِذَا تَلَىٰهَا

قۇياش پاتقاندىن كېيىنلا چىققان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 91

وَٱلنَّهَارِ إِذَا جَلَّىٰهَا

نۇرى ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاشكارا قىلغان ۋاقىتتىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 91

وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰهَا

يەر يۈزىنى يېپىپ، قاراڭغۇ قىلىۋەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 91

وَٱلسَّمَآءِ وَمَا بَنَىٰهَا

ئاسمان بىلەن ھەمدە ئاسماننى پۇختا بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 91

وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا طَحَىٰهَا

زېمىن بىلەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن يېيىلىشى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 91

وَنَفۡسٖ وَمَا سَوَّىٰهَا

ھەر قانداق جان بىلەن ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقانلىقى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 91

فَأَلۡهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقۡوَىٰهَا

ئاللاھ تائالا نەپسكە نېمىنىڭ ساقلىنىشقا تېگىشلىك يامان ئىش، نېمىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەلىم - تەربىيەسىز چۈشەندۈردى. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 91

قَدۡ أَفۡلَحَ مَن زَكَّىٰهَا

ئۆز نەپسىنى پەزىلەتلىك ئىشلار بىلەن زىننەتلەپ، رەزىللىكلەردىن تازىلاش ئارقىلىق پاكلىغان كىشى مەقسىتىگە چوقۇم يېىتدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 91

وَقَدۡ خَابَ مَن دَسَّىٰهَا

نەپسىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمدۈرۈش بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 91

كَذَّبَتۡ ثَمُودُ بِطَغۡوَىٰهَآ

سەمۇد گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىش ئارقىلىق پەيغەمبىرى سالىھنى ئىنكار قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 91

إِذِ ٱنۢبَعَثَ أَشۡقَىٰهَا

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى قەۋمىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئورنىدىن تۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 91

فَقَالَ لَهُمۡ رَسُولُ ٱللَّهِ نَاقَةَ ٱللَّهِ وَسُقۡيَٰهَا

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ تۆگىسىنى ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە سۇ ئىچكىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 91

فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمۡدَمَ عَلَيۡهِمۡ رَبُّهُم بِذَنۢبِهِمۡ فَسَوَّىٰهَا

ئاندىن ئۇلار بۇ تۆگىنىڭ ئىشىدا پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆگىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى ئۆلتۈرۈۋەتتى، باشقىلار بولسا ئۇنىڭ قىلغىنىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھتا ئورتاق بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى چۈشۈردى. يەنى ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئوخشاشلا ھالاكەت جازاسى بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 91

وَلَا يَخَافُ عُقۡبَٰهَا

ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چۈشۈرگەن ھالاك قىلىش ئازابىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن قورقمايدۇ. info
التفاسير:
Voordelen van de verzen op deze pagina:
• أهمية تزكية النفس وتطهيرها.
نەپسنى پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم ئەمەلدۇر. info

• المتعاونون على المعصية شركاء في الإثم.
ئاسىيلىقتىكى ھەمكارلىق گۇناھكارلىقتىكى ئورتاقلىقتۇر. info

• الذنوب سبب للعقوبات الدنيوية.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىمۇ ئازابقا دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. info

• كلٌّ ميسر لما خلق له فمنهم مطيع ومنهم عاصٍ.
ھەر كىم ئۆزى يارىتىلغان ئەمەلنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىتائەت قىلغۇچىمۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىمۇ بار. info