Vertaling van de betekenissen Edele Qur'an - De Oeigoerse vertaling van de samenvatting van de tafsier van de Heilige Koran.

بۇرۇج

Het doel van deze surah:
بيان قوة الله وإحاطته الشاملة، ونصرته لأوليائه، والبطش بأعدائه.
ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكى، ئەۋلىيالىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە دۈشمەنلىرىنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 85

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلۡبُرُوجِ

ئاللاھ تائالا قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 85

وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡمَوۡعُودِ

پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى توپلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 85

وَشَاهِدٖ وَمَشۡهُودٖ

ئۆز ئۈممىتىگە گۇۋاھچى بولىدىغان پەيغەمبەرگە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھچى بىلەن، ئۆز پەيغەمبىرىگە گۇۋاھچى بولىدىغان ئۈممەتكە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 85

قُتِلَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡأُخۡدُودِ

زېمىندا چوڭ خەندەكلەرنى كولىغانلارغا لەنەت بولسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
5 : 85

ٱلنَّارِ ذَاتِ ٱلۡوَقُودِ

ئۇ ئورەكلەرگە ئوتلار يېقىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇئمىنلەرنى تىرىك پېتى ئوت ئورەكلىرىگە تاشلايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 85

إِذۡ هُمۡ عَلَيۡهَا قُعُودٞ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئوتقا تولغان ئاشۇ ئورەكلەرگە (تاشلانغان مۇئمىنلەرنىڭ نالە - پەريادلىرىنى) تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇشاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 85

وَهُمۡ عَلَىٰ مَا يَفۡعَلُونَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ شُهُودٞ

ئۇلارمۇ نەخ مەيداندا بولغاچقا ئۆزلىرنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 85

وَمَا نَقَمُواْ مِنۡهُمۡ إِلَّآ أَن يُؤۡمِنُواْ بِٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ

بۇ كاپىرلار مۇئمىنلەرگە پەقەت ئۇلارنىڭ ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشتا مەدھىيەگە لايىق بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىشقان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 85

ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٌ

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 85

إِنَّ ٱلَّذِينَ فَتَنُواْ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ ثُمَّ لَمۡ يَتُوبُواْ فَلَهُمۡ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمۡ عَذَابُ ٱلۡحَرِيقِ

شەكسىزكى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى يالغۇز ئاللاھقا بولغان ئىمانىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوت بىلەن قىينىغان، ئاندىن كېيىن گۇناھلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى كۆيدۈرگەنلىكلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە دوزاخنىڭ ئوتىمۇ ئۇلارنى كۆيدۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 85

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡكَبِيرُ

شەكسىزكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ مۇكاپات ھېچنېمە تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 85

إِنَّ بَطۡشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ زالىمغا -مەلۇم مەزگىل مۆھلەت بەرگەن تەقدىردىمۇ- ئۇنى جازالاشقا ئەلۋەتتە كۈچى يېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 85

إِنَّهُۥ هُوَ يُبۡدِئُ وَيُعِيدُ

شەكسىزكى ئۇ يارىتىش ۋە ئازابنى دەسلەپتىمۇ يوقتىن بار قىلىدۇ ھەم قايتا قىلالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 85

وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلۡوَدُودُ

ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شەكسىزكى ئۇ تەقۋادار دوستلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 85

ذُو ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡمَجِيدُ

ئۇ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 85

فَعَّالٞ لِّمَا يُرِيدُ

ئۇ خالىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش، خالىغان كىشىنى جازالاشتىن ئىبارەت ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلغۇچىدۇر، ئۇنى مەجبۇرلىغۇچى يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 85

هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلۡجُنُودِ

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ھەقكە قارشى تۇرۇش ھەمدە باشقىلارنى ئۇنىڭدىن توسۇش ئۈچۈن توپلانغان لەشكەرلەرنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
18 : 85

فِرۡعَوۡنَ وَثَمُودَ

يەنى پىرئەۋننىڭ ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان سەمۇدنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
19 : 85

بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فِي تَكۡذِيبٖ

بۇلارنىڭ ئىمان ئيېتىشىغا توسالغۇ بولغان نەرسە ئۇلارغا ئىنكارچى ئۈممەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 85

وَٱللَّهُ مِن وَرَآئِهِم مُّحِيطُۢ

ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 85

بَلۡ هُوَ قُرۡءَانٞ مَّجِيدٞ

قۇرئان ئىنكارچىلار ئېيتقاندەك شېئىر ياكى قاپىيەلىك سۆز ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 85

فِي لَوۡحٖ مَّحۡفُوظِۭ

ئۆزگەرتىلىشتىن، بۇرمىلىنىشتىن، كەم - زىيادە قىلىنىشتىن ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. info
التفاسير:
Voordelen van de verzen op deze pagina:
• يكون ابتلاء المؤمن على قدر إيمانه.
مۇئمىننىڭ بېشىغا كېلىدىغان سىناق ئۇنىڭ ئىمانىغا قاراپ بولىدۇ. info

• إيثار سلامة الإيمان على سلامة الأبدان من علامات النجاة يوم القيامة.
ئىماننىڭ ساغلام بولۇشىغا تەن ساغلاملىقتىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش قىيامەت كۈنىدە ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• التوبة بشروطها تهدم ما قبلها.
شەرتلىرى تولۇق بەجا كەلتۈرۈلۈپ قىلىنغان تەۋبە ئىلگىرىكى پۈتۈن گۇناھلارنى يوققا چىقىرىدۇ. info