Vertaling van de betekenissen Edele Qur'an - De Oeigoerse vertaling van de samenvatting van de tafsier van de Heilige Koran.

نەبەئ

Het doel van deze surah:
بيان أدلة القدرة على البعث والتخويف من العاقبة.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈشكە بولغان قۇدىرتىنىڭ دەلىللىرى ۋە بۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامانلىقىنىڭ بايانى . info

external-link copy
1 : 78

عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ

ئۇ مۇشرىكلار، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەندىن كېيىن نېمە ھەققىدە سورىشىدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
2 : 78

عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلۡعَظِيمِ

ئۇلار بىر - بىرىدىن چوڭ بىر خەۋەر ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇ چوڭ خەۋەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 78

ٱلَّذِي هُمۡ فِيهِ مُخۡتَلِفُونَ

بۇ قۇرئاننى ئۇلار سېھىر، شېئىر، رەمماللىق، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئەپسانە دېگەندەك خىلمۇخىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 78

كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ

ئەمەلىي ئەھۋال ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار ئىنكارلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 78

ثُمَّ كَلَّا سَيَعۡلَمُونَ

كەلگۈسىدە بۇ ئىش ئۇلارغا ئېنىق بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 78

أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ مِهَٰدٗا

بىز زېمىننى ئۇلار ئۈچۈن ياشىغىلى بولىدىغان بىسات قىلمىدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
7 : 78

وَٱلۡجِبَالَ أَوۡتَادٗا

تاغلارنى زېمىنىڭ تەۋرەپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان قوزۇقنىڭ ئورنىدا قىلمىدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
8 : 78

وَخَلَقۡنَٰكُمۡ أَزۡوَٰجٗا

ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تۈرلەر ھالىتىدە ياراتتۇقكى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ بار. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 78

وَجَعَلۡنَا نَوۡمَكُمۡ سُبَاتٗا

ئۇيقۇڭلارنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئىش - پائالىيەتتىن ئۈزگۈچى قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 78

وَجَعَلۡنَا ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا

خۇددى لىباس ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقىنىغا ئوخشاش، كېچىنى ئۆز قاراڭغۇلۇقى بىلەن سىلەرنى ياپىدىغان سۈترە قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 78

وَجَعَلۡنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشٗا

كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىش ۋە رىزىق ئىزدەش مەيدانى قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 78

وَبَنَيۡنَا فَوۡقَكُمۡ سَبۡعٗا شِدَادٗا

ئۈستۈ ڭلاردا قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم، پۇختا يەتتە قات ئاسماننى بىنا قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 78

وَجَعَلۡنَا سِرَاجٗا وَهَّاجٗا

قۇياشنى يورۇقى ۋە نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك چىراق قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 78

وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡمُعۡصِرَٰتِ مَآءٗ ثَجَّاجٗا

ۋاقتى كەلگەندە بۇلۇتتىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 78

لِّنُخۡرِجَ بِهِۦ حَبّٗا وَنَبَاتٗا

بۇ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 78

وَجَنَّٰتٍ أَلۡفَافًا

بىز ئۇ ئارقىلىق دەل - دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئىنتايىن بولۇق باغلارنى چىقىرىپ بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 78

إِنَّ يَوۡمَ ٱلۡفَصۡلِ كَانَ مِيقَٰتٗا

شەكسىزكى خالايىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈن ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن بىر كۈندۇركى، ئۇنىڭدا قەتئىي كېچىكىپ قېلىش يوق. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 78

يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَتَأۡتُونَ أَفۡوَاجٗا

پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈرنى پۈۋلىگەن چاغدا -ئەي ئىنسانلار- سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 78

وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ أَبۡوَٰبٗا

ئاسمان ئېچىلىپ، ئۇنىڭ ئوچۇق ئىشىكلەرگە ئوخشاش تۆشۈكلىرى بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 78

وَسُيِّرَتِ ٱلۡجِبَالُ فَكَانَتۡ سَرَابًا

تاغلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، نىھايەت ئۇچۇپ يۈرگەن توزانغا ئايلىنىپ، سەرابتەك بوپكېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 78

إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتۡ مِرۡصَادٗا

شەكسىزكى جەھەننەم (كاپىرلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 78

لِّلطَّٰغِينَ مَـَٔابٗا

جەھەننەم زالىملارنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 78

لَّٰبِثِينَ فِيهَآ أَحۡقَابٗا

ئۇلار جەھەننەمدە چەكسىز ئۇزۇن زامان قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 78

لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرۡدٗا وَلَا شَرَابًا

ئۇلار جەھەننەمدە دوزاخ يالقۇنىنىڭ ھارارىتىنى سوۋۇتىدىغان سالقىن ھاۋاغا ئېرىشەلمەيدۇ، يەنە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىرەر ئىچىملىكنى تېتىيالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 78

إِلَّا حَمِيمٗا وَغَسَّاقٗا

ئۇلار پەقەت ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناق سۇ ۋە دوزىخىيلارنىڭ بەدەنلىرىدىن ئېچىقىپ چىقىدىقان قان - يېرىڭ ئارىلاشمىلىرىنىلا ئىچىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 78

جَزَآءٗ وِفَاقًا

بۇ، ئۇلارنىڭ كۇپرىسى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىغا مۇۋاپىق جازادۇر. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 78

إِنَّهُمۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ حِسَابٗا

ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ قىيامەتتە ئۆزلىرىدىن ھېساب ئېلىشىدىن قورقمايتتى. چۈنكى ئۇلار قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن قورققان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 78

وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا كِذَّابٗا

ئۇلار يەنە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 78

وَكُلَّ شَيۡءٍ أَحۡصَيۡنَٰهُ كِتَٰبٗا

بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەمىلىنى خاتىرلەپ، ساناپ تۇرغان ئىدۇق. يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 78

فَذُوقُواْ فَلَن نَّزِيدَكُمۡ إِلَّا عَذَابًا

ئەي زالىملار! بۇ ئۈزلۈكسىز ئازابنى تېتىڭلار. بىز سىلەرنىڭ ئازابىڭلارغا پەقەت ئازابنىلا قوشىمىز. info
التفاسير:
Voordelen van de verzen op deze pagina:
• إحكام الله للخلق دلالة على قدرته على إعادته.
ئاللاھنىڭ يارىتىشىنىڭ پۇختىلىقى ئۇنىڭ قايتا تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• الطغيان سبب دخول النار.
زۇلۇم دەۋزەخكە كىرىشكە سەۋەپ بولىدۇ. info

• مضاعفة العذاب على الكفار.
كاپىرلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ. info

external-link copy
31 : 78

إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ مَفَازًا

پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 78

حَدَآئِقَ وَأَعۡنَٰبٗا

ئۇ نېئمەتەلەر بوستانلىق ۋە ئۈزۈمزار باغلاردۇر . info
التفاسير:

external-link copy
33 : 78

وَكَوَاعِبَ أَتۡرَابٗا

كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش قىزلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 78

وَكَأۡسٗا دِهَاقٗا

شاراپ تولدۇرۇلغان جاملاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 78

لَّا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا كِذَّٰبٗا

ئۇلار جەننەتتە ھېچبىر بىكار گەپ ئاڭلىمايدۇ، يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە يالغان گەپ قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 78

جَزَآءٗ مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابٗا

مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ بەرگەن يېتەرلىك مۇكاپاتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 78

رَّبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا ٱلرَّحۡمَٰنِۖ لَا يَمۡلِكُونَ مِنۡهُ خِطَابٗا

ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ شەپقەتچىسىدۇركى، زېمىندىكى ياكى ئاسماندىكى ھەر كىم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچبىر سوئال سورىيالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 78

يَوۡمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ صَفّٗاۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنۡ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَقَالَ صَوَابٗا

ئۇ كۈندە جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ تۇرىدۇ، شاپائەت قىلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلمىغان ۋە پەقەت تەۋھىد كەلىمىسىگە ئوخشاش توغرا سۆزنى دېمىگەن ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 78

ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلۡحَقُّۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا

سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ كۈن يۈز بېرىشىدە قىلچە شەك بولمىغان كۈندۇر. شۇڭا كىم شۇ كۈندە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى خالىسا، پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
40 : 78

إِنَّآ أَنذَرۡنَٰكُمۡ عَذَابٗا قَرِيبٗا يَوۡمَ يَنظُرُ ٱلۡمَرۡءُ مَا قَدَّمَتۡ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلۡكَافِرُ يَٰلَيۡتَنِي كُنتُ تُرَٰبَۢا

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. بۇ كۈندە ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارايدۇ ۋە كاپىر بولغان ئادەم ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مەنمۇ قىيامەت كۈنى: تۇپراققا ئايلىنىپ كەت، دېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! دەيدۇ. info
التفاسير:
Voordelen van de verzen op deze pagina:
• التقوى سبب دخول الجنة.
تەقۋادارلىق جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• تذكر أهوال القيامة دافع للعمل الصالح.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنى ئەسلەش ياخشى ئەمەلگە تۈرتكە بولىدۇ. info

• قبض روح الكافر بشدّة وعنف، وقبض روح المؤمن برفق ولين.
كاپىرنىڭ جېنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئېلىنىدۇ، مۇئمىننىڭ جېنى ئاستا، سىلىق ئېلىنىدۇ. info