Vertaling van de betekenissen Edele Qur'an - De Oeigoerse vertaling van de samenvatting van de tafsier van de Heilige Koran.

Pagina nummer:close

external-link copy
45 : 21

قُلۡ إِنَّمَآ أُنذِرُكُم بِٱلۡوَحۡيِۚ وَلَا يَسۡمَعُ ٱلصُّمُّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرنى پەرۋەردىگارىم ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق ئۇقتۇرغان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىمەن. گاسلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتۇلسا، ھەقىقەت چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىدىغان ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرۈلمىسە ئاڭلىمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 21

وَلَئِن مَّسَّتۡهُمۡ نَفۡحَةٞ مِّنۡ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئازابنى ئالدىراتقۇچىلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابىدىن ئازراق كېلىدىغان بولسا ئۇلار: ۋاي ئېسىت! بىز تۈگىشىپتۇق، بىز زىيان تارتىپتۇق، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەمدە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق زالىملاردىن بولۇپتۇق، دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 21

وَنَضَعُ ٱلۡمَوَٰزِينَ ٱلۡقِسۡطَ لِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ فَلَا تُظۡلَمُ نَفۡسٞ شَيۡـٔٗاۖ وَإِن كَانَ مِثۡقَالَ حَبَّةٖ مِّنۡ خَرۡدَلٍ أَتَيۡنَا بِهَاۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَٰسِبِينَ

بىز قىيامەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرى تارتىلىدىغان ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ئۈ كۈندە ھېچكىمگە ياخشىلىقىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى يامانلىقىنى كۆپەيتىپ قويۇش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىنمايدۇ. تارتىلىدىغان ياخشىلىق گەرچە قىچىنىڭ دانىسىچىلىك كىچىك بولسىمۇ، بىز چوقۇم ئۇنىمۇ ئېلىپ كېلىمىز. بىز بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئىنچىكە ھېسابلاشقا قۇدرىتىمىز يېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 21

وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ ٱلۡفُرۡقَانَ وَضِيَآءٗ وَذِكۡرٗا لِّلۡمُتَّقِينَ

ھەقىقەتەن بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى، ئىمان ئېيتقانلارنى يېتەكلىگۈچى ۋە پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا ۋەز - نەسىھەت بولغان تەۋراتنى بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 21

ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ وَهُم مِّنَ ٱلسَّاعَةِ مُشۡفِقُونَ

پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان تەقۋادار كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قورققۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 21

وَهَٰذَا ذِكۡرٞ مُّبَارَكٌ أَنزَلۡنَٰهُۚ أَفَأَنتُمۡ لَهُۥ مُنكِرُونَ

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ۋەز - نەسىھەت ئېلىشنى خالايدىغانلارغا ئەسلىتىشتۇر، پايدىسى ۋە ياخشىلىقى كۆپتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ قۇرئاننى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
51 : 21

۞ وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَآ إِبۡرَٰهِيمَ رُشۡدَهُۥ مِن قَبۡلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَٰلِمِينَ

بىز ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كىچىك ۋاقتىدىلا قەۋمىگە قارشى دەلىل - پاكىتلارنى ئاتا قىلدۇق، بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىككە لايىق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق، بىز ئۇنىڭغا قەۋمىگە دەلىل كەلتۈرۈشكە يارىغۇدەك ئىلىملەرنى ئاتا قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 21

إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا هَٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِيٓ أَنتُمۡ لَهَا عَٰكِفُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم دادىسى ئازەر ۋە قەۋمىگە: سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان ھەمدە چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 21

قَالُواْ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَٰبِدِينَ

ئىبراھىمغا قەۋمى: بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ بۇتلارغا چوقۇنۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق، شۇڭا بىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ بۇ بۇتلارغا چوقۇندۇق، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 21

قَالَ لَقَدۡ كُنتُمۡ أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

ئىبراھىم ئۇلارغا: ئەي ئەگەشكۈچىلەر! ھەقىقەتەن سىلەر ۋە سىلەر ئەگەشكەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئوچۇق - ئاشكارا گۇمراھلىقتا سىلەر، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 21

قَالُوٓاْ أَجِئۡتَنَا بِٱلۡحَقِّ أَمۡ أَنتَ مِنَ ٱللَّٰعِبِينَ

قەۋمى ئىبراھىمغا: سەن بۇ گەپلەرنى دېگىنىڭدە زادى راست دەۋاتامسەن ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟ دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 21

قَالَ بَل رَّبُّكُمۡ رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ ٱلَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا۠ عَلَىٰ ذَٰلِكُم مِّنَ ٱلشَّٰهِدِينَ

ئىبراھىم ئېيتتى: مەن چاقچاق قىلمىدىم، راست دەۋاتىمەن. سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇركى، ئۇ زات ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز ياراتتى. مەن ئۇ زاتنىڭ سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلار، شۇنداقلا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭمۇ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن. سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن قىلچە نېسىۋىسى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 21

وَتَٱللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصۡنَٰمَكُم بَعۡدَ أَن تُوَلُّواْ مُدۡبِرِينَ

ئىبراھىم قەۋمى ئاڭلىمايدىغان دەرىجىدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بايراملىق سىرتقا چىقىپ كەتكىنىڭلاردا بۇتلىرىڭلارغا سىلەر خالىمايدىغان ئىشنى قىلىمەن، دېدى. info
التفاسير:
Voordelen van de verzen op deze pagina:
• نَفْع الإقرار بالذنب مشروط بمصاحبة التوبة قبل فوات أوانها.
گۇناھنى ئىقرار قىلىشنىڭ پايدىسى ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشقا باغلىق. info

• إثبات العدل لله، ونفي الظلم عنه.
ئاللاھقا ئادىللىق سۈپىتىنى ئىسپاتلاپ، زۇلۇم سۈپىتىنى يوق قىلىش. info

• أهمية قوة الحجة في الدعوة إلى الله.
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا دەلىلى كۈچلۈك بولۇش مۇھىم. info

• ضرر التقليد الأعمى.
قارىغۇلارچە ئەگىشىش زىيانلىقتۇر. info

• التدرج في تغيير المنكر، والبدء بالأسهل فالأسهل، فقد بدأ إبراهيم بتغيير منكر قومه بالقول والصدع بالحجة، ثم انتقل إلى التغيير بالفعل.
مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشتە تەدرىجىي ۋاسىتە قوللىنىشتا ئالدى بىلەن ئەڭ قولايدىن باشلاش لازىم. مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمى ئىچىدىكى مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشنى دەسلەپتە گەپ بىلەن ۋە دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرۈش بىلەن باشلاپ، ئاندىن كېيىن ئەمەلىي ئۆزگەرتىشكە ئاتلانغان. info