വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
109 : 5

۞ يَوۡمَ يَجۡمَعُ ٱللَّهُ ٱلرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَآ أُجِبۡتُمۡۖ قَالُواْ لَا عِلۡمَ لَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنى توپلاپ ئۇلاردىن: مەن سىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن قەۋملىرىڭلار سىلەرگە قانداق پوزىتسىيەدە بولغان ئىدى؟، دەپ سورايدۇ. ئۇلار جاۋابنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ: ئەي رەببىمىز! بىز بىلمەيمىز، شەكسىزكى بارچە ئىلىم ساڭا ئائىتتۇر. چوقۇمكى يالغۇز سەنلا غەيبىي ئىشلارنى بىلىدىغان زاتتۇرسەن، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 5

إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱذۡكُرۡ نِعۡمَتِي عَلَيۡكَ وَعَلَىٰ وَٰلِدَتِكَ إِذۡ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِ تُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗاۖ وَإِذۡ عَلَّمۡتُكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَۖ وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡـَٔةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ وَتُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ تُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ كَفَفۡتُ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَنكَ إِذۡ جِئۡتَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ

ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنكى، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: ئەي مەريەم ئوغلى ئىيسا! مەن سېنى ئاتىسىز ياراتقىنىمدا ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، ئاناڭ مەريەمنى ئۆز زامانىسىدىكى ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلغىنىمدىكى ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، سېنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچلەندۈرگىنىمدىكى نېئمىتىمنى ئەسلىگىنكى، سەن ئەمچەكتىكى بوۋاق ھالىتىڭدىمۇ كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىپ ئۇلارغا سۆزلەيتتىڭ، قۇرامىڭغا يەتكەن ۋاقىتتىمۇ مېنىڭ سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىم، شۇنداقلا ساڭا خەت يېزىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىم ھەققىدە سۆزلەيتتىڭ. مەن ساڭا مۇساغا نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ۋە ئۆزۈڭگە نازىل قىلىنغان ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ساڭا شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى، پايدىلىرىنى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگەتتىم. سېنىڭ لايدىن قۇشنىڭ ئوخشىشىنى شەكىللەندۈرەلىگەنلىكىڭ، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلىگىنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قۇشقا ئايلانغانلىقى، تۇغما كور كىشىنى داۋالاپ ساقايتالىغانلىقىڭ، ئاۋلاق كىشىنى داۋالىغىنىڭدا ئۇنىڭ سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەنلىكى، ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئاللاھقا قىلغان دۇئايىڭ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىرىلگەنلىكى ساڭا بەرگەن نېئمەتلىرىمدىندۇركى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەمرىم بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. ساڭا بەرگەن نېئمەتلىرىمدىن يەنە بىرى شۇكى، سەن بەنىي ئىسرائىلغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۇلار سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋېدى، بىز سېنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن قوغداپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئۇلار: ئىيسا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئىش ئوپئوچۇق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 5

وَإِذۡ أَوۡحَيۡتُ إِلَى ٱلۡحَوَارِيِّـۧنَ أَنۡ ءَامِنُواْ بِي وَبِرَسُولِي قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَٱشۡهَدۡ بِأَنَّنَا مُسۡلِمُونَ

ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىنكى، ھەۋارىيلارغا ماڭا ۋە ساڭا ئىمان ئېيتىشنى ئىلھام قىلغىنىمدا ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئەمىرگە بويسۇنۇپ: بىز ئىمان ئېيتتۇق، ئەي رەببىمىز! بىزنىڭ ساڭا بويسۇنغان مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولغىن، دەپ ئىنكاس بىلدۈرۈشتى. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 5

إِذۡ قَالَ ٱلۡحَوَارِيُّونَ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ هَلۡ يَسۡتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيۡنَا مَآئِدَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِۖ قَالَ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

ئەينى چاغدىكى ئىشنى ئەسلىگىنكى، ھەۋارىيلار: رەببىڭگە دۇئا قىلساڭ، ئۇ ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ دېدى. ئىيسا بۇنىڭغا قارىتا ئۇلارنى ئاللاھتىن قورقۇشقا ۋە سورىغان ئىشنى تەلەپ قىلىشتىن يېنىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق جاۋاب بەردى. چۈنكى بۇ تىلەك سەۋەبىدىن ئۇلارغا بىر سىناق كەپقېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. ئىيسا ئۇلارغا دېدىكى: ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، رىزىق تىلەشتە پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋەككۈل قىلىڭلار، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 5

قَالُواْ نُرِيدُ أَن نَّأۡكُلَ مِنۡهَا وَتَطۡمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعۡلَمَ أَن قَدۡ صَدَقۡتَنَا وَنَكُونَ عَلَيۡهَا مِنَ ٱلشَّٰهِدِينَ

ھەۋارىيلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز بۇ داستىخاننىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىدىن يېيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىگە ۋە سېنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە كۆڭلىمىزنىڭ تەسكىن تېپىشىنى، شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەنلىرىڭدە راستچىل ئىكەنلىكىڭنى ھەقىقىي بىلىپ، كىشىلەردىن ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان بۇ مۆجىزىگە شاھىت بولۇشنى خالايمىز، دېدى. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• إثبات جمع الله للخلق يوم القيامة جليلهم وحقيرهم.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنى چوڭ-كىچىك پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىنى توپلايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. info

• إثبات بشرية المسيح عليه السلام وإثبات آياته الحسية من إحياء الموتى وإبراء الأكمه والأبرص التي أجراها الله على يديه.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنىڭ ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۆلۈكنى تىرگۈزۈش، تۇغما كورنى ۋە بەرەس كېسلىنى ساقايتىشتىن ئىبارەت ھېسسىي مۆجىزىلىرىنىڭ ئىسپاتىدۇر. info

• بيان أن آيات الأنبياء تهدف لتثبيت الأتباع وإفحام المخالفين، وأنها ليست من تلقاء أنفسهم، بل تأتي بإذن الله تعالى.
پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەردىن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئىمانىنى چىڭىتىش ۋە قارشى تەرەپنى مات قىلىش نىشان قىلىنغانلىقىنى ھەمدە بۇ مۆجىزىلەرنىڭ پەيغەمبەرلەر تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. info