إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱذۡكُرۡ نِعۡمَتِي عَلَيۡكَ وَعَلَىٰ وَٰلِدَتِكَ إِذۡ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِ تُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِي ٱلۡمَهۡدِ وَكَهۡلٗاۖ وَإِذۡ عَلَّمۡتُكَ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَٱلتَّوۡرَىٰةَ وَٱلۡإِنجِيلَۖ وَإِذۡ تَخۡلُقُ مِنَ ٱلطِّينِ كَهَيۡـَٔةِ ٱلطَّيۡرِ بِإِذۡنِي فَتَنفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيۡرَۢا بِإِذۡنِيۖ وَتُبۡرِئُ ٱلۡأَكۡمَهَ وَٱلۡأَبۡرَصَ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ تُخۡرِجُ ٱلۡمَوۡتَىٰ بِإِذۡنِيۖ وَإِذۡ كَفَفۡتُ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَنكَ إِذۡ جِئۡتَهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
ئۆز ۋاقتىدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنكى، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: ئەي مەريەم ئوغلى ئىيسا! مەن سېنى ئاتىسىز ياراتقىنىمدا ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، ئاناڭ مەريەمنى ئۆز زامانىسىدىكى ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلغىنىمدىكى ئىلتىپاتىمنى ئەسلىگىن، سېنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچلەندۈرگىنىمدىكى نېئمىتىمنى ئەسلىگىنكى، سەن ئەمچەكتىكى بوۋاق ھالىتىڭدىمۇ كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىپ ئۇلارغا سۆزلەيتتىڭ، قۇرامىڭغا يەتكەن ۋاقىتتىمۇ مېنىڭ سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىم، شۇنداقلا ساڭا خەت يېزىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىم ھەققىدە سۆزلەيتتىڭ. مەن ساڭا مۇساغا نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ۋە ئۆزۈڭگە نازىل قىلىنغان ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ساڭا شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى، پايدىلىرىنى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگەتتىم. سېنىڭ لايدىن قۇشنىڭ ئوخشىشىنى شەكىللەندۈرەلىگەنلىكىڭ، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلىگىنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قۇشقا ئايلانغانلىقى، تۇغما كور كىشىنى داۋالاپ ساقايتالىغانلىقىڭ، ئاۋلاق كىشىنى داۋالىغىنىڭدا ئۇنىڭ سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەنلىكى، ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ بېرىش ھەققىدە ئاللاھقا قىلغان دۇئايىڭ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىرىلگەنلىكى ساڭا بەرگەن نېئمەتلىرىمدىندۇركى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەمرىم بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. ساڭا بەرگەن نېئمەتلىرىمدىن يەنە بىرى شۇكى، سەن بەنىي ئىسرائىلغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۇلار سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋېدى، بىز سېنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن قوغداپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئۇلار: ئىيسا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئىش ئوپئوچۇق سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشتى.
التفاسير: