وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئۆیغوری بۆ پوختەی تەفسیری قورئانی پیرۆز

نىسا

لە مەبەستەکانی سورەتەکە:
تنظيم المجتمع المسلم وبناء علاقاته، وحفظ الحقوق، والحث على الجهاد، وإبطال دعوى قتل المسيح.
مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنى تەرتىپلەش، ئالاقىسىنى قۇرۇش، ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، جىھادقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۇق دېگەن يالغان دەۋانى بىكار قىلىش. info

external-link copy
1 : 4

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن نَّفۡسٖ وَٰحِدَةٖ وَخَلَقَ مِنۡهَا زَوۡجَهَا وَبَثَّ مِنۡهُمَا رِجَالٗا كَثِيرٗا وَنِسَآءٗۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِي تَسَآءَلُونَ بِهِۦ وَٱلۡأَرۡحَامَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَيۡكُمۡ رَقِيبٗا

ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ئاتاڭلار ئادەمدىن ئىبارەت بىر ئىنساندىن ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئادەمدىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار ھەۋۋانى ياراتتى، ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە نۇرغۇن ئەر-ئايال ئەۋلادلارنى تاراتتى، بىر-بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇنداق قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن دەپ نامىنى تىلغا ئالىدىغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاراڭلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ كۈزۈتىشىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، بەلكى ھەممىنى ھېسابلاپ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 4

وَءَاتُواْ ٱلۡيَتَٰمَىٰٓ أَمۡوَٰلَهُمۡۖ وَلَا تَتَبَدَّلُواْ ٱلۡخَبِيثَ بِٱلطَّيِّبِۖ وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَهُمۡ إِلَىٰٓ أَمۡوَٰلِكُمۡۚ إِنَّهُۥ كَانَ حُوبٗا كَبِيرٗا

ئى ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار! ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، بالاغەتكە يەتمىگەن يېتىملەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئۇلار بالاغەتكە يېتىپ، توغرا يول تۇتقۇدەك بولغاندا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ھالالنى ھارامغا ئالماشتۇرماڭلار، يېتىمنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋىلىپ، ئورنىغا ماللىرىڭلاردىن ناچار-يارىماسلىرىنى بەرمەڭلار، يېتىمنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال-مۈلكىگە قېتىپ يەۋالماڭلار، ئۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا چوڭ گۇناھدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 4

وَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا تُقۡسِطُواْ فِي ٱلۡيَتَٰمَىٰ فَٱنكِحُواْ مَا طَابَ لَكُم مِّنَ ٱلنِّسَآءِ مَثۡنَىٰ وَثُلَٰثَ وَرُبَٰعَۖ فَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا تَعۡدِلُواْ فَوَٰحِدَةً أَوۡ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَعُولُواْ

ئەگەر قول ئاستىڭلاردىكى يېتىم قىزلار بىلەن توي قىلىپ ئۇلارغا تويلۇق مېھرىنى تولۇق بەرمەسلىك ياكى ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق تەرەپلىرىدىن ئادىللىق قىلالماسلىقىڭلاردىن قورۇقساڭلار، ئۇلارنى قويۇپ باشقا پاك ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، خالىساڭلار ئىككىنى ياكى ئۈچنى ياكى تۆتنى ئېلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىسەڭلار بىر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ، ياكى قول ئاستىڭلاردىكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ چۈنكى ئۇلارغا باشقا ھۆر ئاياللارغا ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلار ۋاجىپ بولمايدۇ، قۇرئان كەرىمدىمۇ يېتىملار توغرسىدىكى ئايەتتە: بىر ئايال بىلەن توي قىلىش ياكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىق ۋە بىرىگە مايىل بولۇپ يەنە بىرىنى تاشلاپ قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 4

وَءَاتُواْ ٱلنِّسَآءَ صَدُقَٰتِهِنَّ نِحۡلَةٗۚ فَإِن طِبۡنَ لَكُمۡ عَن شَيۡءٖ مِّنۡهُ نَفۡسٗا فَكُلُوهُ هَنِيٓـٔٗا مَّرِيٓـٔٗا

ئاياللارغا بېرىش كېرەك بولغان تويلۇق مېھرىنى خۇرسەنلىك بىلەن بېرىڭلار، ئەگەر ئاياللار دىلىدىن رازى بولۇپ تويلۇق مېھرىنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرسە، ئۇنى كەڭ-تاشا، سېڭىشلىك يەڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 4

وَلَا تُؤۡتُواْ ٱلسُّفَهَآءَ أَمۡوَٰلَكُمُ ٱلَّتِي جَعَلَ ٱللَّهُ لَكُمۡ قِيَٰمٗا وَٱرۡزُقُوهُمۡ فِيهَا وَٱكۡسُوهُمۡ وَقُولُواْ لَهُمۡ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا

ئى يېتىملارنىڭ ئېگىلىرى! ياخشى تەسەررۇپ قىلالمايدىغان نادانلارغا ماللىرىنى بەرمەڭلار، بۇ ماللارنى ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىنى تۇرغۇزۇشقا سەۋەپ قىلدى، ئۇلار مال سەرپ قىلىش ۋە ساقلاشقا لايىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يارىشا سەرپ قىلىپ بېرىڭلار، كىيىم-كېچەك قىلىپ بېرىڭلار، ئۇلارغا چېرايلىق سۆزنى دەڭلار، بالاغەتكە يەتكەندە ۋە ياخشى تەسەررۇپ قىلىشنى ئۈگەنگەندە ماللىرىڭلارنى بېرىمىز دەپ چېرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 4

وَٱبۡتَلُواْ ٱلۡيَتَٰمَىٰ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغُواْ ٱلنِّكَاحَ فَإِنۡ ءَانَسۡتُم مِّنۡهُمۡ رُشۡدٗا فَٱدۡفَعُوٓاْ إِلَيۡهِمۡ أَمۡوَٰلَهُمۡۖ وَلَا تَأۡكُلُوهَآ إِسۡرَافٗا وَبِدَارًا أَن يَكۡبَرُواْۚ وَمَن كَانَ غَنِيّٗا فَلۡيَسۡتَعۡفِفۡۖ وَمَن كَانَ فَقِيرٗا فَلۡيَأۡكُلۡ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ فَإِذَا دَفَعۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡ أَمۡوَٰلَهُمۡ فَأَشۡهِدُواْ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبٗا

ئى يېتىمنىڭ ئىگىلىرى! ئۇلارنى بالاغەت يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ئۇلارغا ماللىرىدىن مەلۇم مىقداردا بېرىپ سىناڭلار، ئۇلاردا توغرا يول تۇتۇپ، مالنى چېرايلىق تەسەررۇپ قىلىش ئالامەتلىرى بايقالسا، ئۇلارغا ماللىرىنى كىمەيتىۋەتمەستىن تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن ھاجەت بولغاندا ئاللاھ سىلەرگە دۇرۇس قىلىپ بەرگەن مىقداردىن ئارتۇق يەۋالماڭلار، ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەندە ماللىرىنى ئېلىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى بۇزۇپ-چېچىپ يېيىشكە ئالدىرىماڭلار، ئۆزىگە يەتكۈدەك مېلى بار كىشى يېتىمنىڭ مېلىنى ئېلىشتىن چەكلەنسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كەمبەغەل بولسا، ئۇنىڭ مېلى بولمىسا يېتىمنىڭ مېلىدىن ھاجەت مىقدارىدا يېسە بولىدۇ، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ توغرا تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى نامايەندە بولغاندا ئۇلارغا ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئىختىلاپتىن ساقلىنىپ، ھەق-ھوقۇقنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن شاھىتلارنى ھازىر قىلىڭلار، بۇنىڭدا شاھىتلىققا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، بەندىلەردىن قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئالىدۇ. info
التفاسير:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• الأصل الذي يرجع إليه البشر واحد، فالواجب عليهم أن يتقوا ربهم الذي خلقهم، وأن يرحم بعضهم بعضًا.
ئىنسانلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى بىر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلىپ، بىر-بىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. info

• أوصى الله تعالى بالإحسان إلى الضعفة من النساء واليتامى، بأن تكون المعاملة معهم بين العدل والفضل.
ئاللاھ تائالا ئاياللار ۋە يېتىملاردىن بولغان ئاجىزلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق ۋە ئېسىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. info

• جواز تعدد الزوجات إلى أربع نساء، بشرط العدل بينهن، والقدرة على القيام بما يجب لهن.
ئاياللاردىن تۆتكىچە ئۆيلىنىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ماددى ۋە مەنەۋى ھاجەتلىرىنى ئادا قىلغۇدەك قۇدرەت بولۇش كېرەك info

• مشروعية الحَجْر على السفيه الذي لا يحسن التصرف، لمصلحته، وحفظًا للمال الذي تقوم به مصالح الدنيا من الضياع.
مال-مۇلكىنى ياخشى تەسەررۇپ قىلالمايدىغان ئەقلى ناقىس كىشىلەرنىڭ مال-دۇنياسىغا چەكلىمە قويۇش؛ ئۇنىڭ مەسلىھەتى، دۇنيا مەنپەئەتى ۋە مىلىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان پرىنسىپدۇر. info