وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئۆیغوری بۆ پوختەی تەفسیری قورئانی پیرۆز

ھەج

لە مەبەستەکانی سورەتەکە:
تعظيم الله سبحانه وتعالى وشعائره والتسليم لأمره.
ئاللاھ تائالانى كاتتىلاش، دىنى شۇئارلارنى ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش. info

external-link copy
1 : 22

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُواْ رَبَّكُمۡۚ إِنَّ زَلۡزَلَةَ ٱلسَّاعَةِ شَيۡءٌ عَظِيمٞ

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. قىيامەت بىلەن تەڭ مەيدانغا كېلىدىغان يەر تەۋرەش ۋە باشقا ئالامەتلەر ئىنتايىن بۈيۈك بىر ئىشتۇركى، ئۇ كۈن ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىش زۆرۈردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 22

يَوۡمَ تَرَوۡنَهَا تَذۡهَلُ كُلُّ مُرۡضِعَةٍ عَمَّآ أَرۡضَعَتۡ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمۡلٍ حَمۡلَهَا وَتَرَى ٱلنَّاسَ سُكَٰرَىٰ وَمَا هُم بِسُكَٰرَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ ٱللَّهِ شَدِيدٞ

ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتكۈچى قاتتىق قورقۇنچتىن ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر قانداق ھامىلدارنىڭ ھامىلىسى چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ دەھشىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئىنسانلارنى خۇددى مەسكە ئوخشاش ھوشىنى يوقاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلار ھاراق ئېچكەنلىكتىن مەس بولغىنى يوق، لېكىن ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئەقلى - ھوشىنى يوقىتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 22

وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيۡطَٰنٖ مَّرِيدٖ

ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشتىكى قۇدرىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئىلمىي دەلىلگە تايانماستىن دەتالاش قىلىشىدۇ، بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ خاتا ئېتىقادى ۋە پەرۋەردىگارىغا ئاسىي بولغان سەركەش شەيتان ۋە ئازغۇن پېشىۋالارنىڭ سۆزلىرىگە ئەگىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 22

كُتِبَ عَلَيۡهِ أَنَّهُۥ مَن تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُۥ يُضِلُّهُۥ وَيَهۡدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ

ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىدىن ئاشۇ بويۇنتاۋغا شۇنداق پۈتۈۋېتىلدىكى، كىمكى ئۇنىڭ كەينىگە كىرىپ، دېگەنلىرىگە ئىشىنىدىكەن، شەيتان ئۇنى توغرا يولدىن چوقۇم ئازدۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە يېتىلەش ئارقىلىق دوزاخ ئازابىغا ئېلىپ بارىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 22

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمۡ فِي رَيۡبٖ مِّنَ ٱلۡبَعۡثِ فَإِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ مِنۡ عَلَقَةٖ ثُمَّ مِن مُّضۡغَةٖ مُّخَلَّقَةٖ وَغَيۡرِ مُخَلَّقَةٖ لِّنُبَيِّنَ لَكُمۡۚ وَنُقِرُّ فِي ٱلۡأَرۡحَامِ مَا نَشَآءُ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى ثُمَّ نُخۡرِجُكُمۡ طِفۡلٗا ثُمَّ لِتَبۡلُغُوٓاْ أَشُدَّكُمۡۖ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡلَا يَعۡلَمَ مِنۢ بَعۡدِ عِلۡمٖ شَيۡـٔٗاۚ وَتَرَى ٱلۡأَرۡضَ هَامِدَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡ وَأَنۢبَتَتۡ مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر بىزنىڭ سىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزدا گۇماندا بولساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ھەقىقەتەن بىز ئاتاڭلار ئادەمنى توپىدىن ياراتتۇق، ئاندىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئەرنىڭ ئايالنىڭ رەھمىگە تۆككەن ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق، ئاندىن ئابىمەنىي ئۇيۇل قانغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇيۇل قان چاينالغان گۆشكە ئوخشاش بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىدۇ، ئاندىن بۇ بىر پارچە گۆش يا تىرىك بوۋاق بولۇپ، تاكى دۇنياغا كۆز ئاچقانغا قەدەر ئانىنىڭ رەھمىدە تولۇق ئىنسان شەكلىگە كىرىپ تۇرىدۇ، ياكى يارىتىلىشى مۇكەممەل بولماستىن بويدىن ئاجراپ كېتىدۇ. (بۇ ئايەتلەر) بىزنىڭ سىلەرنى باسقۇچقا بۆلۈپ يارىتىشتىكى قۇدرىتىمىزنى بايان قىلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر. بىز ئۆزىمىز خالىغان تۆرەلمىنى بالىياتقۇدا بەلگىلەنگەن توققۇز ئاي مۇددەت توشۇپ تۇغۇلغانغا قەدەر تۇرغۇزىمىز، ئاندىن بوۋاق ھالەتتە ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چىقىرىمىز، ئاندىن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئەقىل - پاراسەتكە تولىسىلەر. سىلەردىن كامالەتكە يەتمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ، كۈچ - قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئەقلى زەيىپلىشىپ تاكى قېرىلىق يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ياشايدىغانلارمۇ بار. نەتىجىدە ئۇ بۇرۇن بىلگەنلىرىدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان، بالىلىقىدىنمۇ ناچار ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. (ئۇ چاغدا) زېمىننى ھېچقانداق گىياھ بولمىغان، قاقاس ھالەتتە كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرغىنىمىزدا يېرىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى بىلەن كۆپۈشىدۇ ۋە گۈزەل مەنزىرىلىك تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ. info
التفاسير:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• وجوب الاستعداد ليوم القيامة بزاد التقوى.
قىيامەت كۈنى ئۈچۈن تەقۋالىق ئۇزۇقى تەييارلاش ۋاجىبتۇر. info

• شدة أهوال القيامة حيث تنسى المرضعة طفلها وتسقط الحامل حملها وتذهب عقول الناس.
قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىنىڭ قاتتىقلىقىدىن بالا ئېمىتكۈچى بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ، ھامىلدارنىڭ ھامىلىسى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئىنسانلار ھوشىنى يوقىتىدۇ. info

• التدرج في الخلق سُنَّة إلهية.
يارىتىشتىكى تەدرىجىيلىك ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. info

• دلالة الخلق الأول على إمكان البعث.
دەسلەپكى يارىتىش ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. info

• ظاهرة المطر وما يتبعها من إنبات الأرض دليل ملموس على بعث الأموات.
يامغۇر يېغىش ھادىسىسى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىنىڭ ھېسسىي دەلىلىدۇر. info