يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمۡ فِي رَيۡبٖ مِّنَ ٱلۡبَعۡثِ فَإِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ مِنۡ عَلَقَةٖ ثُمَّ مِن مُّضۡغَةٖ مُّخَلَّقَةٖ وَغَيۡرِ مُخَلَّقَةٖ لِّنُبَيِّنَ لَكُمۡۚ وَنُقِرُّ فِي ٱلۡأَرۡحَامِ مَا نَشَآءُ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى ثُمَّ نُخۡرِجُكُمۡ طِفۡلٗا ثُمَّ لِتَبۡلُغُوٓاْ أَشُدَّكُمۡۖ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡلَا يَعۡلَمَ مِنۢ بَعۡدِ عِلۡمٖ شَيۡـٔٗاۚ وَتَرَى ٱلۡأَرۡضَ هَامِدَةٗ فَإِذَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهَا ٱلۡمَآءَ ٱهۡتَزَّتۡ وَرَبَتۡ وَأَنۢبَتَتۡ مِن كُلِّ زَوۡجِۭ بَهِيجٖ
ئەي ئىنسانلار! ئەگەر بىزنىڭ سىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزدا گۇماندا بولساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ھەقىقەتەن بىز ئاتاڭلار ئادەمنى توپىدىن ياراتتۇق، ئاندىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئەرنىڭ ئايالنىڭ رەھمىگە تۆككەن ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق، ئاندىن ئابىمەنىي ئۇيۇل قانغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇيۇل قان چاينالغان گۆشكە ئوخشاش بىر پارچە گۆشكە ئايلىنىدۇ، ئاندىن بۇ بىر پارچە گۆش يا تىرىك بوۋاق بولۇپ، تاكى دۇنياغا كۆز ئاچقانغا قەدەر ئانىنىڭ رەھمىدە تولۇق ئىنسان شەكلىگە كىرىپ تۇرىدۇ، ياكى يارىتىلىشى مۇكەممەل بولماستىن بويدىن ئاجراپ كېتىدۇ. (بۇ ئايەتلەر) بىزنىڭ سىلەرنى باسقۇچقا بۆلۈپ يارىتىشتىكى قۇدرىتىمىزنى بايان قىلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر. بىز ئۆزىمىز خالىغان تۆرەلمىنى بالىياتقۇدا بەلگىلەنگەن توققۇز ئاي مۇددەت توشۇپ تۇغۇلغانغا قەدەر تۇرغۇزىمىز، ئاندىن بوۋاق ھالەتتە ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چىقىرىمىز، ئاندىن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئەقىل - پاراسەتكە تولىسىلەر. سىلەردىن كامالەتكە يەتمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ، كۈچ - قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئەقلى زەيىپلىشىپ تاكى قېرىلىق يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ياشايدىغانلارمۇ بار. نەتىجىدە ئۇ بۇرۇن بىلگەنلىرىدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان، بالىلىقىدىنمۇ ناچار ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. (ئۇ چاغدا) زېمىننى ھېچقانداق گىياھ بولمىغان، قاقاس ھالەتتە كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياغدۇرغىنىمىزدا يېرىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى بىلەن كۆپۈشىدۇ ۋە گۈزەل مەنزىرىلىك تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.
التفاسير: