ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
50 : 54

وَمَآ أَمۡرُنَآ إِلَّا وَٰحِدَةٞ كَلَمۡحِۭ بِٱلۡبَصَرِ

بىز بىرەر نەرسىنى پەيدا قىلماقچى بولساق، پەقەت «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا قىلىمىز، ئۇ نەرسە شۇ ھامان كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ بولغۇچە بىز خالىغان شەكىلدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 54

وَلَقَدۡ أَهۡلَكۡنَآ أَشۡيَاعَكُمۡ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردىن كۇپرىدا سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنىڭ نۇرغۇنىنى ھالاك قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، كۇپۇرلۇقىدىن يانىدىغانلار بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
52 : 54

وَكُلُّ شَيۡءٖ فَعَلُوهُ فِي ٱلزُّبُرِ

بەندىلەر قىلغان ھەر بىر ئىش پۈتۈكچى پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نامە - ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈكلىرىدىن بۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە چۈشۈپ قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 54

وَكُلُّ صَغِيرٖ وَكَبِيرٖ مُّسۡتَطَرٌ

چوڭ - كىچىك ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە ۋە لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەن بولۇپ، بەندىلەرگە شۇنىڭغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 54

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَنَهَرٖ

ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتلەردە بولۇپ، شۇ جەننەتلەردە، ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەرنىڭ بويلىرىدا راھەت - پاراغەتتە ياشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 54

فِي مَقۡعَدِ صِدۡقٍ عِندَ مَلِيكٖ مُّقۡتَدِرِۭ

ئۇلار بىكار گەپ ۋە گۇناھ بولمىغان ياخشى سورۇنلاردا، ھەر نەرسە ئىلكىدە بولغان، ھېچ نەرسىدىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن مۇقىم نېئمەتلەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى سورىمايلا قوي! info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• كتابة الأعمال صغيرها وكبيرها في صحائف الأعمال.
چوڭ - كىچىك ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە پۈتۈلىدۇ. info

• ابتداء الرحمن بذكر نعمه بالقرآن دلالة على شرف القرآن وعظم منته على الخلق به.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىنى دەسلەپتە قۇرئاننى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، بۇ، قۇرئاننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ھەم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارغا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. info

• مكانة العدل في الإسلام.
ئادالەتنىڭ ئىسلامدىكى مەرتىۋىسى ئىنتايىن يۈكسەكتۇر. info

• نعم الله تقتضي منا العرفان بها وشكرها، لا التكذيب بها وكفرها.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى بىزدىن ئۇنى تونۇشنى، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشنى، ئۇنى ئىنكار قىلماسلىقنى ۋە تۇزكورلۇق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. info