ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
7 : 54

خُشَّعًا أَبۡصَٰرُهُمۡ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ كَأَنَّهُمۡ جَرَادٞ مُّنتَشِرٞ

ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپمۇ قارىيالمىغان ھالدا قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېساب مەيدانىغا ماڭغاندىكى ھالىتى گوياكى تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىلەرگىلا ئوخشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 54

مُّهۡطِعِينَ إِلَى ٱلدَّاعِۖ يَقُولُ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا يَوۡمٌ عَسِرٞ

ئۇلار ئاشۇ ئورۇنغا چاقىرغۇچى تەرەپكە ئالدىراپ كېلىپ كاپىرلار: بۇ ئىنتايىن قىيىن كۈندۇر. چۈنكى بۇ كۈندە مۈشكۈلچىلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 54

۞ كَذَّبَتۡ قَبۡلَهُمۡ قَوۡمُ نُوحٖ فَكَذَّبُواْ عَبۡدَنَا وَقَالُواْ مَجۡنُونٞ وَٱزۡدُجِرَ

ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ دەۋىتىڭنى ئىنكار قىلغان بۇ قەۋمدىن بۇرۇنمۇ نۇھنىڭ قەۋمى بەندىمىز نۇھنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، بىز ئۇنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار: بۇ بىر ساراڭ، دېيىشكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەت قىلىپ، دەۋىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغان بولسا (ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىمىز) دەپ تەھدىتمۇ سالغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 54

فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَغۡلُوبٞ فَٱنتَصِرۡ

شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگارىغا: ھەقىقەتەن قەۋمىم مېنى بوزەك قىلىپ، چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمىدى. شۇڭا ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ ماڭا ياردەم بەرگىن، دەپ ئىلتىجا قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 54

فَفَتَحۡنَآ أَبۡوَٰبَ ٱلسَّمَآءِ بِمَآءٖ مُّنۡهَمِرٖ

ئاندىن بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر سۈيى بىلەن ئېچىۋەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 54

وَفَجَّرۡنَا ٱلۡأَرۡضَ عُيُونٗا فَٱلۡتَقَى ٱلۡمَآءُ عَلَىٰٓ أَمۡرٖ قَدۡ قُدِرَ

زېمىننى يېرىۋېدۇق، تەرەپ - تەرەپتىن بۇلاقلار شەكىللىنىپ، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇر سۈيى بىلەن زېمىندىن ئېتىلىپ چىققان سۇ ئاللاھ تەقدىر قىلغان رەۋىشتە ئۆز-ئارا ئۇچراشتى - دە، ئاللاھ قۇتۇلدۇرغاندىن باشقا ھەممەيلەن غەرق بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 54

وَحَمَلۡنَٰهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلۡوَٰحٖ وَدُسُرٖ

بىز نۇھنى تاختايلار بىلەن مىخلاردىن ياسالغان كېمىگە چىقىرىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 54

تَجۡرِي بِأَعۡيُنِنَا جَزَآءٗ لِّمَن كَانَ كُفِرَ

بۇ كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىز ئاستىدا ئۆركەشلەپ تۇرغان سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ ماڭاتتى. (بۇ) قەۋمى ئىنكار قىلغان نۇھقا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 54

وَلَقَد تَّرَكۡنَٰهَآ ءَايَةٗ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى جازالىغان بۇ ئازابنى (يەنى توپان بالاسىنى) پەند - نەسىھەت قىلىپ قالدۇردۇق. بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
16 : 54

فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ

مېنىڭ ئىنكارچىلارغا قىلغان ئازابىم قانداقكەن؟ مېنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش بىلەن ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
17 : 54

وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
18 : 54

كَذَّبَتۡ عَادٞ فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ

ئاد قەۋمى پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى. ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
19 : 54

إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا صَرۡصَرٗا فِي يَوۡمِ نَحۡسٖ مُّسۡتَمِرّٖ

بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇم كۈندە قاتتىق سوغۇق بوراننى ئەۋەتتۇقكى، بۇ شۇملۇق ئۇلار تاكى جەھەننەمگە كەلگەنگە قەدەر ئۈزۈلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 54

تَنزِعُ ٱلنَّاسَ كَأَنَّهُمۡ أَعۡجَازُ نَخۡلٖ مُّنقَعِرٖ

ئۇ بوران كىشىلەرنى يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ، خۇددى قومۇرۇۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك بېشىچە يەرگە ئاتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 54

فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ

ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
22 : 54

وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
23 : 54

كَذَّبَتۡ ثَمُودُ بِٱلنُّذُرِ

سەمۇد قەۋمى ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 54

فَقَالُوٓاْ أَبَشَرٗا مِّنَّا وَٰحِدٗا نَّتَّبِعُهُۥٓ إِنَّآ إِذٗا لَّفِي ضَلَٰلٖ وَسُعُرٍ

ئۇلار ئىنكار قىلغان ھالدا: بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئەگىشىمىزما؟ ئەگەر بىز مۇشۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالساق ئەلۋەتتە توغرىدىن يىراققا چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، جاپادا قالىمىز، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 54

أَءُلۡقِيَ ٱلذِّكۡرُ عَلَيۡهِ مِنۢ بَيۡنِنَا بَلۡ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٞ

ئۇ (ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە تەرەپدارلىرى يوق) تەنھا بىرى تۇرسا، بىزگە ئەمەس، يەنە شۇنىڭغا ۋەھىي چۈشەمدىكەن؟ ئۇنداق ئىش يوق. بەلكى ئۇ بىر يالغانچى، مۇتەكەببىردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 54

سَيَعۡلَمُونَ غَدٗا مَّنِ ٱلۡكَذَّابُ ٱلۡأَشِرُ

ئۇلار قىيامەت كۈنى كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ، يەنى سالىھمۇ ياكى ئۆزلىرىمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
27 : 54

إِنَّا مُرۡسِلُواْ ٱلنَّاقَةِ فِتۡنَةٗ لَّهُمۡ فَٱرۡتَقِبۡهُمۡ وَٱصۡطَبِرۡ

ھەقىقەتەن بىز قورام تاشتىن بىر چىشى تۆگىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئى سالىھ! كۈتۈپ تۇرغىن ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىگە نېمە قىلدىغانلىقىنى، تۆگىنىڭمۇ ئۇلارغا نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• مشروعية الدعاء على الكافر المصرّ على كفره.
كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان كاپىرغا بەددۇئا قىلىش يوللۇق. info

• إهلاك المكذبين وإنجاء المؤمنين سُنَّة إلهية.
ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىپ، مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. info

• تيسير القرآن للحفظ وللتذكر والاتعاظ.
قۇرئان يادلاشقا، چۈشىنىشكە ۋە پەند - نەسىھەت ئېلىشقا ئاسان قىلىنغان. info