ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
28 : 54

وَنَبِّئۡهُمۡ أَنَّ ٱلۡمَآءَ قِسۡمَةُۢ بَيۡنَهُمۡۖ كُلُّ شِرۡبٖ مُّحۡتَضَرٞ

ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغىنكى، قۇدۇقنىڭ سۈيى ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ، بىر كۈن تۆگە، بىر كۈن ئۇلار سۇ ئىچىدۇ. ھەر ئۆلۈشنىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خاس بولغان كۈندە كەلسە بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 54

فَنَادَوۡاْ صَاحِبَهُمۡ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ

ئۇلار بۇرادىرىنى تۆگىنى ئۆلتۈرگىلى چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلىچىنى ئېلىپ، قەۋمىنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 54

فَكَيۡفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ

ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
31 : 54

إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ صَيۡحَةٗ وَٰحِدَةٗ فَكَانُواْ كَهَشِيمِ ٱلۡمُحۡتَظِرِ

ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋاز ئەۋەتىپ، ھالاك قىلدۇق. ئۇلار قوتان ياسىغۇچى قويلىرىغا قوتان قىلىدىغان قۇرۇق شاخ - شۇمبۇللاردەك بوپقالدى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 54

وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
33 : 54

كَذَّبَتۡ قَوۡمُ لُوطِۭ بِٱلنُّذُرِ

لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 54

إِنَّآ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ حَاصِبًا إِلَّآ ءَالَ لُوطٖۖ نَّجَّيۡنَٰهُم بِسَحَرٖ

ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا تاش بوران ئەۋەتتۇق. لېكىن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە بۇ ئازاب كەلمىدى. چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ كەتكەن بولغاچقا بىز ئۇلارنى ئۇ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 54

نِّعۡمَةٗ مِّنۡ عِندِنَاۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي مَن شَكَرَ

ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق. بىز خۇددى لۇتنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغانلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 54

وَلَقَدۡ أَنذَرَهُم بَطۡشَتَنَا فَتَمَارَوۡاْ بِٱلنُّذُرِ

شۈبھىسىزكى لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قورقۇتقان چاغدا ئۇلار لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە دەتالاش قىلىشىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 54

وَلَقَدۡ رَٰوَدُوهُ عَن ضَيۡفِهِۦ فَطَمَسۡنَآ أَعۡيُنَهُمۡ فَذُوقُواْ عَذَابِي وَنُذُرِ

ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ پەرىشتە مېمھانلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرمەسلىكنى تەلەپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ناچار ئىشنى (يەنى لىۋاتە) قىلىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق - دە، ئۇلارنى كۆرەلمىدى. بىز ئۇلارغا: مېنىڭ ئازابىمنى ۋە سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى تېتىڭلار، دېدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 54

وَلَقَدۡ صَبَّحَهُم بُكۡرَةً عَذَابٞ مُّسۡتَقِرّٞ

ئۇلارغا چوقۇم تاڭ ۋاقتىدا تاكى ئۇلار ئاخىرەتكە بېرىپ، ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدىغان ئازاب كېلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 54

فَذُوقُواْ عَذَابِي وَنُذُرِ

ئۇلارغا: مېنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن ئازابىمنى ۋە لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تېتىپ بېقىڭلار، دېيىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 54

وَلَقَدۡ يَسَّرۡنَا ٱلۡقُرۡءَانَ لِلذِّكۡرِ فَهَلۡ مِن مُّدَّكِرٖ

ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
41 : 54

وَلَقَدۡ جَآءَ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ ٱلنُّذُرُ

ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىگە مۇسا ۋە ھارۇننىڭ تىلى ئارقىلىق بىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىز كەلدى. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 54

كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذۡنَٰهُمۡ أَخۡذَ عَزِيزٖ مُّقۡتَدِرٍ

ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن كەلگەن بارلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازالىدۇقكى، بۇ جازا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان غالىب، ھېچ ئىشتىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك زاتنىڭ جازاسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 54

أَكُفَّارُكُمۡ خَيۡرٞ مِّنۡ أُوْلَٰٓئِكُمۡ أَمۡ لَكُم بَرَآءَةٞ فِي ٱلزُّبُرِ

ئەي مەككە خەلقى! سىلەرنىڭ كۇپپارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ ياكى نۇھ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە لۇت قەۋمى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىن ئىبارەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ كاپىرلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كەچۈرۈم خېتى كەلگەنمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
44 : 54

أَمۡ يَقُولُونَ نَحۡنُ جَمِيعٞ مُّنتَصِرٞ

ئەكسىچە مەككىلىكلەر ئىچىدىن چىققان بۇ كاپىرلار: بىز بىزگە يامانلىق قىلماقچى ۋە بىرلىكىمىزنى پارچىلىماقچى بولغانلارنى يېڭىۋېتەلەيدىغان بىر توپ كىشىلەرمىز، دەمدۇ!؟. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 54

سَيُهۡزَمُ ٱلۡجَمۡعُ وَيُوَلُّونَ ٱلدُّبُرَ

بۇ كاپىرلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ قاچىدۇ. دەرۋەقە بەدرى كۈنىسى مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 54

بَلِ ٱلسَّاعَةُ مَوۡعِدُهُمۡ وَٱلسَّاعَةُ أَدۡهَىٰ وَأَمَرُّ

ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان قىيامەت بولسا ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر. قىيامەتنىڭ ئازابى كاپىرلار بەدرى كۈنى يولۇققان دۇنيا ئازابىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ھەم قاتتىقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 54

إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي ضَلَٰلٖ وَسُعُرٖ

ھەقىقەتەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەت يولىغا ماڭغانلار ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق، ئازاب ۋە كۈلپەت ئىچىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 54

يَوۡمَ يُسۡحَبُونَ فِي ٱلنَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ ذُوقُواْ مَسَّ سَقَرَ

ئۇلار يۈزلىرىچە دوزاخقا سۆرىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 54

إِنَّا كُلَّ شَيۡءٍ خَلَقۡنَٰهُ بِقَدَرٖ

ھەقىقەتەن بىز كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ئۆلچەم بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئىلمى ۋە خاھىشىمىزغا ئۇيغۇن شەكىلدە، لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈپ قويغىنىمىز بويىچە ياراتتۇق. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• شمول العذاب للمباشر للجريمة والمُتَمالئ معه عليها.
بۇ ئازاب جىنايەتكە بىۋاسىتە قول تىققۇچى ۋە ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغۇچىلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. info

• شُكْر الله على نعمه سبب السلامة من العذاب.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ. info

• إخبار القرآن بهزيمة المشركين يوم بدر قبل وقوعها من الإخبار بالغيب الدال على صدق القرآن.
قۇرئان كەرىمنىڭ بەدرى كۈنىدىكى مۇشرىكلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن خەۋەر بەرگەنلىكى قۇرئاننىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدىغان غەيبىي خەۋەرلەردىندۇر. info

• وجوب الإيمان بالقدر.
تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر. info