ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
31 : 29

وَلَمَّا جَآءَتۡ رُسُلُنَآ إِبۡرَٰهِيمَ بِٱلۡبُشۡرَىٰ قَالُوٓاْ إِنَّا مُهۡلِكُوٓاْ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِۖ إِنَّ أَهۡلَهَا كَانُواْ ظَٰلِمِينَ

بىز ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەرىشتىلەر ئىبراھىمغا ئىسھاق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوغلى يەئقۇب بىلەن خۇشبېشارەت بەرگىلى كەلگەندە ئىبراھىمغا: بىز لۇت قەۋمىنىڭ شەھىرى بولغان سەدۇم ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن سەت ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 29

قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطٗاۚ قَالُواْ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَن فِيهَاۖ لَنُنَجِّيَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ

ئىبراھىم پەرىشتىلەرگە: ھەقىقەتەن سىلەر ھالاك قىلماقچى بولغان بۇ شەھەردە لۇتمۇ بار، ئۇ زالىملاردىن ئەمەسقۇ، دېدى. پەرىشتىلەر: بىز بۇ شەھەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، بىز لۇتنى ھەم ئۇنىڭ خاتونىدىن باشقا پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتىنى شەھەر ئاھالىسىگە كېلىدىغان ھالاكەتتىن ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز. ئۇنىڭ خاتونى ھالاك بولغۇچىلاردىن ئىدى، شۇڭا بىز ئۇنىمۇ باشقىلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمىز، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 29

وَلَمَّآ أَن جَآءَتۡ رُسُلُنَا لُوطٗا سِيٓءَ بِهِمۡ وَضَاقَ بِهِمۡ ذَرۡعٗاۖ وَقَالُواْ لَا تَخَفۡ وَلَا تَحۡزَنۡ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهۡلَكَ إِلَّا ٱمۡرَأَتَكَ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ

بىز لۇتنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەرىشتىلەر لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە لۇت ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن قايغۇغا چۆمدى، چۈنكى ئۇ قەۋمىنىڭ ئۇلارغىمۇ پەسكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، پەرىشتىلەر ئەرلەرنىڭ قىياپىتىدە كەلگەن بولۇپ، لۇتنىڭ قەۋمى ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ئەنسىرىمىگىن، قەۋمىڭ ئەمدى ساڭا يامانلىق قىلالمايدۇ، بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھالاكەت خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزدىنمۇ قايغۇرۇپ كەتمىگىن. بىز سېنى ۋە خاتونۇڭدىن باشقا پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتىڭنى قۇتۇلدۇرىمىز. خاتونۇڭ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولغاچقا ئۇنىمۇ باشقىلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمىز، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 29

إِنَّا مُنزِلُونَ عَلَىٰٓ أَهۡلِ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ

بىز ھەقىقەتەن ناچار ئىشلارنى قىلغان بۇ شەھەر ئاھالىسىگە ئاسماندىن ساپال تاشلارنى ئازاب قىلىپ ياغدۇرىمىز، بۇ ئۇلارنىڭ ئاياللارنى قويۇپ، ئەرلەر بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ناچار قىلمىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنىڭ جازاسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 29

وَلَقَد تَّرَكۡنَا مِنۡهَآ ءَايَةَۢ بَيِّنَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

ھەقىقەتەن بىز ھالاك قىلغان بۇ شەھەر ئاھالىسىدىن ئەقلىنى ئىشقا سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن مۆجىزىلەرنى قالدۇردۇق، چۈنكى مۇشۇنداق كىشىلەر مۆجىزىلەردىن ئىبرەت ئالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 29

وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗا فَقَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱرۡجُواْ ٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

بىز مەديەن ئاھالىسىگە قان قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. شۇئەيب ئېيتتى: ئى قەۋمىم! يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەت كۈنىدىكى مۇكاپاتنى كۈتۈڭلار، گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ھەم تارقىتىش بىلەن يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 29

فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ فَأَصۡبَحُواْ فِي دَارِهِمۡ جَٰثِمِينَ

ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرىدى - دە، ئۇلار تۇرغان يېرىگىلا دۇم چۈشۈپ، يۈزلىرى توپىغا مىلىنىپ كەتتى، ھەتتا جايلىرىدىن مىت قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 29

وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَقَد تَّبَيَّنَ لَكُم مِّن مَّسَٰكِنِهِمۡۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ فَصَدَّهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَكَانُواْ مُسۡتَبۡصِرِينَ

يەنە شۇنىڭدەك، بىز ھۇد قەۋمى ئادنى ھەم سالىھ قەۋمى سەمۇدنى ھالاك قىلدۇق. ئەي مەككە ئەھلى! ھەزرەمەۋتنىڭ ھىجر ۋە شىھر دىگەن جايلىرىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار سىلەرگە ئايدىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئادەمزاتتىن خالىي قالغان تۇرالغۇلىرى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسىيلىقلىرىنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن بۇرۇۋەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ تەلىماتى بىلەن توغرا - خاتانىڭ ھەم ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. لېكىن ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىشنى ھىدايەت يولىغا مېڭىشتىن ئۈستۈن بىلدى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• قوله تعالى:﴿ وَقَد تَّبَيَّنَ..﴾ تدل على معرفة العرب بمساكنهم وأخبارهم.
ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەي مەككە ئەھلى! ھەزرەمەۋتنىڭ ھىجر ۋە شىھر دىگەن جايلىرىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار سىلەرگە ئايدىڭ» دېگەن سۆزى ئەرەبلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى ۋە خەۋەرلىرىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• العلائق البشرية لا تنفع إلا مع الإيمان.
ئىمان بولمىغان ئىنسانلار ئارا ئالاقىنىڭ پايدىسى يوق. info

• الحرص على أمن الضيوف وسلامتهم من الاعتداء عليهم.
مېھمانلارنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن تىنچ - ئامان بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. info

• منازل المُهْلَكين بالعذاب عبرة للمعتبرين.
ئازابتا ھالاك قىلىنغانلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلارغا ئىبرەتتۇر. info

• العلم بالحق لا ينفع مع اتباع الهوى وإيثاره على الهدى.
ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەمدە ئۇنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى بىلگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. info