ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

external-link copy
32 : 29

قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطٗاۚ قَالُواْ نَحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَن فِيهَاۖ لَنُنَجِّيَنَّهُۥ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ

ئىبراھىم پەرىشتىلەرگە: ھەقىقەتەن سىلەر ھالاك قىلماقچى بولغان بۇ شەھەردە لۇتمۇ بار، ئۇ زالىملاردىن ئەمەسقۇ، دېدى. پەرىشتىلەر: بىز بۇ شەھەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز، بىز لۇتنى ھەم ئۇنىڭ خاتونىدىن باشقا پۈتۈن ئائىلە - تاۋابىئاتىنى شەھەر ئاھالىسىگە كېلىدىغان ھالاكەتتىن ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز. ئۇنىڭ خاتونى ھالاك بولغۇچىلاردىن ئىدى، شۇڭا بىز ئۇنىمۇ باشقىلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمىز، دېدى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• قوله تعالى:﴿ وَقَد تَّبَيَّنَ..﴾ تدل على معرفة العرب بمساكنهم وأخبارهم.
ئاللاھ تائالانىڭ: «ئەي مەككە ئەھلى! ھەزرەمەۋتنىڭ ھىجر ۋە شىھر دىگەن جايلىرىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار سىلەرگە ئايدىڭ» دېگەن سۆزى ئەرەبلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى ۋە خەۋەرلىرىنى بىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. info

• العلائق البشرية لا تنفع إلا مع الإيمان.
ئىمان بولمىغان ئىنسانلار ئارا ئالاقىنىڭ پايدىسى يوق. info

• الحرص على أمن الضيوف وسلامتهم من الاعتداء عليهم.
مېھمانلارنىڭ دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن تىنچ - ئامان بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. info

• منازل المُهْلَكين بالعذاب عبرة للمعتبرين.
ئازابتا ھالاك قىلىنغانلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلارغا ئىبرەتتۇر. info

• العلم بالحق لا ينفع مع اتباع الهوى وإيثاره على الهدى.
ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەمدە ئۇنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى بىلگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. info