ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
39 : 29

وَقَٰرُونَ وَفِرۡعَوۡنَ وَهَٰمَٰنَۖ وَلَقَدۡ جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱسۡتَكۡبَرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا كَانُواْ سَٰبِقِينَ

قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىگە زۇلۇم قىلغان بولغاچقا بىز ئۇنى تۇرالغۇلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق، پىرئەۋن بىلەن ۋەزىرى ھاماننى دېڭىزغا غەرق قىلدۇق. مۇسا ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار مىسىر زېمىنىدا مۇساغا ئىمان ئېيتىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلدى. نەتىجىدە ئازابىمىزدىن ئامان قالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 29

فَكُلًّا أَخَذۡنَا بِذَنۢبِهِۦۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِ حَاصِبٗا وَمِنۡهُم مَّنۡ أَخَذَتۡهُ ٱلصَّيۡحَةُ وَمِنۡهُم مَّنۡ خَسَفۡنَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ وَمِنۡهُم مَّنۡ أَغۡرَقۡنَاۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ

بىز يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغانلارنىڭ ھەر بىرىنى ھالاك قىلغۇچى ئازابىمىز بىلەن جازالىدۇق. ئۇلارنىڭ بىرى لۇت قەۋمى بولۇپ، بىز ئۇلارغا ئارقىمۇئارقا ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە سالىھ ۋە شۇئەيبنىڭ قەۋمىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى. قارۇنمۇ ئۇلاردىن بىرى ئىدى، بىز ئۇنى ئوردا - سارايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. نۇھ قەۋمى، پىرئەۋن ۋە ھامانلارمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بىز ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتتۇق. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى ھېچبىر گۇناھسىزلا ھالاك قىلىۋەتكىنى يوق. لېكىن ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە پېتىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابقا لايىق بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 29

مَثَلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡلِيَآءَ كَمَثَلِ ٱلۡعَنكَبُوتِ ٱتَّخَذَتۡ بَيۡتٗاۖ وَإِنَّ أَوۡهَنَ ٱلۡبُيُوتِ لَبَيۡتُ ٱلۡعَنكَبُوتِۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىسى تېگىپ قالارمىكى ياكى شاپائەت قىپ قالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغان مۇشرىكلارنىڭ مىسالى كۈشەندىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئۆي ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۆمۈچۈكنى كۈشەندىلىرىدىن قوغدىيالمايدۇ. شۇنىڭدەك مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، شاپائەتمۇ قىلالمايدۇ. ئەگەر مۇشرىكلار بۇنى بىلگەن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 29

إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇ مەبۇدلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن غالىبتۇركى، يېڭىلمەيدۇ. ئۇ يارىتىشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 29

وَتِلۡكَ ٱلۡأَمۡثَٰلُ نَضۡرِبُهَا لِلنَّاسِۖ وَمَا يَعۡقِلُهَآ إِلَّا ٱلۡعَٰلِمُونَ

بىز ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن بۇ مىساللار ئۇلارنى ئويغىتىش ھەمدە ئۇلارغا ھەقنى كۆرسىتىش ۋە توغرىغا يېتەكلەش ئۈچۈندۇركى، پەقەت ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە ھېكمىتىنى بىلىدىغان ئالىملارلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تېگىگە يېتەلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 29

خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى، ئۇنى ھېچقانداق ئەھمىيەتسىز، ئويۇن قىلىپ ياراتقىنى يوق. شەكسىزكى بۇ مەخلۇقاتلاردا مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىللەر بار. چۈنكى مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلىدۇ. ئەمما كاپىرلار بىپايان كائىناتتىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى مۆجىزىلەرنىڭ يېنىدىن ياراتقۇچىنىڭ كاتتىلىقى ۋە قۇدرىتىگە پەرۋا قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 29

ٱتۡلُ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَۖ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ تَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۗ وَلَذِكۡرُ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تَصۡنَعُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئىنسانلارغا ئوقۇپ بەرگىن، نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن. شەكسىزكى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىنغان ناماز ئىگىسىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن توسىدۇ. چۈنكى بۇنداق ناماز قەلبلەردە نۇر پەيدا قىلىدۇكى، ئۇ نۇر گۇناھلاردىن توسۇپ، ياخشى ئەمەللەرگە يېتەكلەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھنى ئەسلەش ھەر قانداق ئەمەلدىن چوڭ ھەم كاتتىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ، يەنى ئەمىلىڭلار ياخشى بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر، يامان بولسا جازاغا تارتىلىسىلەر. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• أهمية ضرب المثل: (مثل العنكبوت) .
«ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالى»غا ئوخشاش مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر. info

• تعدد أنواع العذاب في الدنيا.
بۇ دۇنيادىكى ئازابنىڭ تۈرلىرى كۆپتۇر. info

• تَنَزُّه الله عن الظلم.
ئاللاھ ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن پاكتۇر. info

• التعلق بغير الله تعلق بأضعف الأسباب.
ئاللاھتىن باشقىسىغا ئېسىلىش ئەڭ ئاجىز تۇتقۇغا ئېسىلغانلىقتۇر. info

• أهمية الصلاة في تقويم سلوك المؤمن.
مۇئمىننىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى تۈزەشتە ناماز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. info