Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano

Numero di pagina:close

external-link copy
19 : 55

مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ يَلۡتَقِيَانِ

ئاللاھ تائالا بىرى تۇزلۇق، يەنە بىرى تاتلىق ئىككى دېڭىزنى كۆز ئالدىڭلارغا ئۇچراشتۇرۇپ (ئەمما بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرەتمەي) ئاققۇزدى. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 55

بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٞ لَّا يَبۡغِيَانِ

بۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىدا توسما بار بولۇپ، ئۇ توسما ھەر بىر دېڭىز سۈيىنىڭ يەنە بىرىگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن توسۇپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە تاتلىق دېڭىز تاتلىق پېتى، تۇزلۇق دېڭىز تۇزلۇق پېتى قېپقالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
22 : 55

يَخۡرُجُ مِنۡهُمَا ٱللُّؤۡلُؤُ وَٱلۡمَرۡجَانُ

ئىككى دېڭىز قوشۇلغان جايدىن چوڭ - كىچىك مەرۋايىتلار چىقىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
24 : 55

وَلَهُ ٱلۡجَوَارِ ٱلۡمُنشَـَٔاتُ فِي ٱلۡبَحۡرِ كَٱلۡأَعۡلَٰمِ

دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەرنىڭ تەسەررۇپى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
26 : 55

كُلُّ مَنۡ عَلَيۡهَا فَانٖ

يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەخلۇقات شەكسىز يوقىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 55

وَيَبۡقَىٰ وَجۡهُ رَبِّكَ ذُو ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ ھەم بەندىلىرىگە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
29 : 55

يَسۡـَٔلُهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ كُلَّ يَوۡمٍ هُوَ فِي شَأۡنٖ

ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى سورايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن يارىتىش، ئۆلتۈرۈش ۋە رىزىق بېرىش دېگەندەك بىرەر ئىش بىلەندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
31 : 55

سَنَفۡرُغُ لَكُمۡ أَيُّهَ ٱلثَّقَلَانِ

ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! بىز سىلەردىن ئېلىشقا يۈزلىنىپ، ھەر كىمگە تېگىشلىك مۇكاپات ياكى جازا بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
33 : 55

يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ إِنِ ٱسۡتَطَعۡتُمۡ أَن تَنفُذُواْ مِنۡ أَقۡطَارِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ فَٱنفُذُواْۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلۡطَٰنٖ

ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسان ۋە جىنلارنى توپلىغان چاغدا: ئەي جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئاسمان - زېمىننىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىن چىقالايدىغان يوچۇق تاپالىساڭلار، چىقىپ كېتىڭلار. كۈچ - قۇۋۋەتسىز ۋە دەلىل - ئىسپاتسىز ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر. سىلەرگە بۇنداق كۈچ - قۇۋۋەت نەدە تۇرۇپتۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
34 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
35 : 55

يُرۡسَلُ عَلَيۡكُمَا شُوَاظٞ مِّن نَّارٖ وَنُحَاسٞ فَلَا تَنتَصِرَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئىس - تۈتەك ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنى ۋە يالقۇنسىز ئىس - تۈتەك ئەۋەتىمىز. سىلەر بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
37 : 55

فَإِذَا ٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ وَرۡدَةٗ كَٱلدِّهَانِ

قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسماننىڭ رەڭگى قىپقىزىل چەمدەك بوپقالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
39 : 55

فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُسۡـَٔلُ عَن ذَنۢبِهِۦٓ إِنسٞ وَلَا جَآنّٞ

ئۇ بۈيۈك كۈندە ھېچبىر ئنسان ياكى جىندىن گۇناھلىرى ھەققىدە (سەن بۇ گۇناھنى قىلغانمۇ - ياقمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار) سورالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى بىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
41 : 55

يُعۡرَفُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ بِسِيمَٰهُمۡ فَيُؤۡخَذُ بِٱلنَّوَٰصِي وَٱلۡأَقۡدَامِ

قىيامەت كۈنى گۇناھكارلار ئۆزلىرىدىكى بەلگىلەردىن تونۇلىدىغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەر قارا يۈزلەر ۋە كۆك كۆزلەردۇر. ئۇلارنىڭ كوكۇلىسى پۇتلىرىغا باغلىنىپ، جەھەننەمگە ئېتىلىدۇ. info
التفاسير:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• الجمع بين البحر المالح والعَذْب دون أن يختلطا من مظاهر قدرة الله تعالى.
تۇزلۇق دېڭىز بىلەن تاتلىق دېڭىزنى سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەستىن بىرگە ئاققۇزۇش ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرىدۇر. info

• ثبوت الفناء لجميع الخلائق، وبيان أن البقاء لله وحده حضٌّ للعباد على التعلق بالباقي - سبحانه - دون من سواه.
پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ۋە يالغۇز ئاللاھنىڭلا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىكى مەقسەت بەندىلەرنى باشقىلارغا ئەمەس، مەڭگۈ يوقالمايدىغان ئاللاھقا ئېسىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. info

• إثبات صفة الوجه لله على ما يليق به سبحانه دون تشبيه أو تمثيل.
ئوخشىتىش ياكى مىسال قىلىش دېگەندەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانماستىن ئاللاھقا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يۈز دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. info

• تنويع عذاب الكافر.
كاپىرلارغا بولىدىغان ئازاب خىلمۇ-خىلدۇر. info