Traduzione dei Significati del Sacro Corano - Traduzione uigura dell'Abbreviata Esegesi del Nobile Corano

رەھمان

Alcuni scopi di questa Sura comprendono:
تذكير الجن والإنس بنعم الله الباطنة والظاهرة، وآثار رحمته في الدنيا والآخرة.
ئىنسان ۋە جىنلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى ئەسلىتىش ۋە ئاللاھنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى رەھمىتىنىڭ ئەسىرىنى بايان قىلىش. info

external-link copy
1 : 55

ٱلرَّحۡمَٰنُ

مېھرىبان ئاللاھ چەكسىز مەرھەمەتلىك زاتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 55

عَلَّمَ ٱلۡقُرۡءَانَ

ئىنسانلارغا قۇرئاننى قولاي يادلىيالايدىغان، مەنىلىرىنى ئاسان چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ تەلىم بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 55

خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ

ئىنساننى قامىتى تۈپتۈز، تۇرقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 55

عَلَّمَهُ ٱلۡبَيَانَ

ئۇنىڭغا كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قانداق ئىپادىلەشنى ئۆگەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 55

ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ بِحُسۡبَانٖ

ئىنسانلارنى يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاشنى بىلسۇن دەپ قۇياش بىلەن ئاينى ئىنچىكە ھېساب بويىچە سەير قىلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 55

وَٱلنَّجۡمُ وَٱلشَّجَرُ يَسۡجُدَانِ

غولسىز ئۆسۈملۈكلەرمۇ، دەل - دەرەخلەرمۇ بويسۇنغان ھەم تەسلىم بولغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 55

وَٱلسَّمَآءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ ٱلۡمِيزَانَ

ئاللاھ تائالا ئاسماننى يۈكسەك ئېگىزلىكتە يارىتىپ زېمىن ئۈستىگە ئۆگزە قىلدى، يەر يۈزىدە ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، بەندىلىرىنى شۇ ئادالەت بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىدى. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 55

أَلَّا تَطۡغَوۡاْ فِي ٱلۡمِيزَانِ

ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ بىر - بىرىڭلارغا ئۇۋال قىلىپ، تارازا ۋە كەمچىلەردە خىيانەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 55

وَأَقِيمُواْ ٱلۡوَزۡنَ بِٱلۡقِسۡطِ وَلَا تُخۡسِرُواْ ٱلۡمِيزَانَ

ئۆز-ئارا ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە جىڭ - تارازىلاردا كەم قىلماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 55

وَٱلۡأَرۡضَ وَضَعَهَا لِلۡأَنَامِ

زېمىننى مەخلۇقاتلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا مۇۋاپىق شەكلىدە (يايپاڭ) قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 55

فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَٱلنَّخۡلُ ذَاتُ ٱلۡأَكۡمَامِ

زېمىندا ھەرتۈرلۈك مېۋە دەرەخلىرى ۋە بوغۇنلۇق خورما دەرەخلىرى بار. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 55

وَٱلۡحَبُّ ذُو ٱلۡعَصۡفِ وَٱلرَّيۡحَانُ

زېمىندا بۇغداي ۋە ئارپىغا ئوخشاش سامانلىق زىرائەتلەر ۋە سىلەر خۇشپۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
14 : 55

خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن صَلۡصَٰلٖ كَٱلۡفَخَّارِ

،ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى چەكسە جاراڭلايدىغان پىشۇرۇلغان ساپالغا ئوخشاش قۇرۇق لايدىن ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 55

وَخَلَقَ ٱلۡجَآنَّ مِن مَّارِجٖ مِّن نَّارٖ

جىنلارنىڭ ئاتىسىنى تۈتۈن ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنىدىن ياراتتى. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
17 : 55

رَبُّ ٱلۡمَشۡرِقَيۡنِ وَرَبُّ ٱلۡمَغۡرِبَيۡنِ

ئۇ قىشتا ۋە يازدا قۇياشنىڭ چىقىدىغان ھەم پاتىدىغان جايىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 55

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ info
التفاسير:
Alcuni insegnamenti da trarre da questi versi sono:
• كتابة الأعمال صغيرها وكبيرها في صحائف الأعمال.
چوڭ - كىچىك ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە پۈتۈلىدۇ. info

• ابتداء الرحمن بذكر نعمه بالقرآن دلالة على شرف القرآن وعظم منته على الخلق به.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىنى دەسلەپتە قۇرئاننى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، بۇ، قۇرئاننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ھەم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارغا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. info

• مكانة العدل في الإسلام.
ئادالەتنىڭ ئىسلامدىكى مەرتىۋىسى ئىنتايىن يۈكسەكتۇر. info

• نعم الله تقتضي منا العرفان بها وشكرها، لا التكذيب بها وكفرها.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى بىزدىن ئۇنى تونۇشنى، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشنى، ئۇنى ئىنكار قىلماسلىقنى ۋە تۇزكورلۇق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. info