Fassarar Ma'anonin Alqura'ni - Fassarar taƙaitaccen Tafsirin AlƘur'ani mai girma da harshen Uyguranci.

external-link copy
15 : 40

رَفِيعُ ٱلدَّرَجَٰتِ ذُو ٱلۡعَرۡشِ يُلۡقِي ٱلرُّوحَ مِنۡ أَمۡرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوۡمَ ٱلتَّلَاقِ

ئاللاھ خالىس دۇئا قىلىنىشقا ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق زاتتۇر. ئۇ مەرتىۋىسى ئەڭ يۈكسەك زاتتۇركى، پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن پەرقلىقتۇر. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ بەندىلىرىنىڭ تىرىك ياشاپ، باشقىلارنىڭ (قەلبلىرىنىمۇ) تىرىلدۈرۈشى ئۈچۈن، ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بەندىلىرى ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ۋەھىي نازىل قىلىدۇ. info
التفاسير:
daga cikin fa'idodin Ayoyin wannan shafi:
• مَحَلُّ قبول التوبة الحياة الدنيا.
تەۋبە قوبۇل بولىدىغان جاي مۇشۇ دۇنيادۇر. info

• نفع الموعظة خاص بالمنيبين إلى ربهم.
ۋەز - نەسىھەت پەقەت پەرۋەردىگارىغا تەۋبە قىلغۇچىلارغا ئەسقاتىدۇ. info

• استقامة المؤمن لا تؤثر فيها مواقف الكفار الرافضة لدينه.
مۇئمىننىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلارنىڭ پوزىتسىيەلىرى تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. info

• خضوع الجبابرة والظلمة من الملوك لله يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى زالىم، زوراۋان پادىشاھلارمۇ ئاللاھقا بويسۇنىدۇ. info