Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ougandaise - Muhammad Sâlih.

Numéro de la page:close

external-link copy
76 : 17

وَإِن كَادُواْ لَيَسۡتَفِزُّونَكَ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ لِيُخۡرِجُوكَ مِنۡهَاۖ وَإِذٗا لَّا يَلۡبَثُونَ خِلَٰفَكَ إِلَّا قَلِيلٗا

(ئۇلار) سېنى زېمىندىن (يۇرتۇڭدىن) چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇ يەردە سېنى خاتىرجەم تۇرغۇزماسلىققا ئورۇندى. شۇنداق بولغاندا، سەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايتتى (يەنى ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن ھالاك بولاتتى)[76]. info
التفاسير:

external-link copy
77 : 17

سُنَّةَ مَن قَدۡ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِن رُّسُلِنَاۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحۡوِيلًا

(بۇ بىزنىڭ) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز ھەققىدە تۇتقان يولىمىزدۇر (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقارغان ھەرقانداق ئۈممەتنى ھالاك قىلىش ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە تۇتقان يولىدۇر)، تۇتقان يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن[77]. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 17

أَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِدُلُوكِ ٱلشَّمۡسِ إِلَىٰ غَسَقِ ٱلَّيۡلِ وَقُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِۖ إِنَّ قُرۡءَانَ ٱلۡفَجۡرِ كَانَ مَشۡهُودٗا

(ئى مۇھەممەد!) كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ[78]. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 17

وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَتَهَجَّدۡ بِهِۦ نَافِلَةٗ لَّكَ عَسَىٰٓ أَن يَبۡعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامٗا مَّحۡمُودٗا

ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد‍!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر[79]. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 17

وَقُل رَّبِّ أَدۡخِلۡنِي مُدۡخَلَ صِدۡقٖ وَأَخۡرِجۡنِي مُخۡرَجَ صِدۡقٖ وَٱجۡعَل لِّي مِن لَّدُنكَ سُلۡطَٰنٗا نَّصِيرٗا

«پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن[80]. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 17

وَقُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَزَهَقَ ٱلۡبَٰطِلُۚ إِنَّ ٱلۡبَٰطِلَ كَانَ زَهُوقٗا

«ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۇفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن[81]. info
التفاسير:

external-link copy
82 : 17

وَنُنَزِّلُ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِ مَا هُوَ شِفَآءٞ وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا خَسَارٗا

بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)[82]. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 17

وَإِذَآ أَنۡعَمۡنَا عَلَى ٱلۡإِنسَٰنِ أَعۡرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ كَانَ يَـُٔوسٗا

ئىنسانغا(تۈرلۈك نېمەتلەرنى) بەرسەك (پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (چوڭچىلىق قىلىپ) پەرۋەردىگارىدىن يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ[83]. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 17

قُلۡ كُلّٞ يَعۡمَلُ عَلَىٰ شَاكِلَتِهِۦ فَرَبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِمَنۡ هُوَ أَهۡدَىٰ سَبِيلٗا

ھەر ئادەم (ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا) ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ[84]. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 17

وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلرُّوحِۖ قُلِ ٱلرُّوحُ مِنۡ أَمۡرِ رَبِّي وَمَآ أُوتِيتُم مِّنَ ٱلۡعِلۡمِ إِلَّا قَلِيلٗا

ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن[85]. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 17

وَلَئِن شِئۡنَا لَنَذۡهَبَنَّ بِٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ بِهِۦ عَلَيۡنَا وَكِيلًا

ئەگەر بىز خالىساق ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئەلۋەتتە (دىللاردىن ۋە مۇسھەفلەردىن) كۆتۈرۈۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىزگە قارشى ھېچقانداق ھامىي تاپالمايتتىڭ[86]. info
التفاسير: