Traduction des sens du Noble Coran - La traduction ougandaise - Muhammad Sâlih.

Numéro de la page:close

external-link copy
50 : 17

۞ قُلۡ كُونُواْ حِجَارَةً أَوۡ حَدِيدًا

سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ). ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن. ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، (سەن) «ئۇ پات يېقىندا بولۇشى مۇمكىن›› دېگىن[50ـ51]. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 17

أَوۡ خَلۡقٗا مِّمَّا يَكۡبُرُ فِي صُدُورِكُمۡۚ فَسَيَقُولُونَ مَن يُعِيدُنَاۖ قُلِ ٱلَّذِي فَطَرَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖۚ فَسَيُنۡغِضُونَ إِلَيۡكَ رُءُوسَهُمۡ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَۖ قُلۡ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ قَرِيبٗا

سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ). ئۇلار: «بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ، «سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ» دېگىن. ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: «ئۇ قاچان بولىدۇ؟›› دېيىشىدۇ، (سەن) «ئۇ پات يېقىندا بولۇشى مۇمكىن›› دېگىن[50ـ51]. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 17

يَوۡمَ يَدۡعُوكُمۡ فَتَسۡتَجِيبُونَ بِحَمۡدِهِۦ وَتَظُنُّونَ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا

شۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇرغاندەك ئويلايسىلەر[52]. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 17

وَقُل لِّعِبَادِي يَقُولُواْ ٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ يَنزَغُ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ كَانَ لِلۡإِنسَٰنِ عَدُوّٗا مُّبِينٗا

بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پىتنە قوزغايدۇ، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر[53]. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 17

رَّبُّكُمۡ أَعۡلَمُ بِكُمۡۖ إِن يَشَأۡ يَرۡحَمۡكُمۡ أَوۡ إِن يَشَأۡ يُعَذِّبۡكُمۡۚ وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ عَلَيۡهِمۡ وَكِيلٗا

ئاللاھ سىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، خالىسا سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، خالىسا سىلەرنى ئازابلايدۇ ، سېنى ئۇلار (يەنى كاپىرلار) غا ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق[54]. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 17

وَرَبُّكَ أَعۡلَمُ بِمَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَلَقَدۡ فَضَّلۡنَا بَعۡضَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ عَلَىٰ بَعۡضٖۖ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا

پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[55]. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 17

قُلِ ٱدۡعُواْ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُم مِّن دُونِهِۦ فَلَا يَمۡلِكُونَ كَشۡفَ ٱلضُّرِّ عَنكُمۡ وَلَا تَحۡوِيلًا

سىلەر ئاللاھنى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ[56]. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 17

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ يَبۡتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ ٱلۡوَسِيلَةَ أَيُّهُمۡ أَقۡرَبُ وَيَرۡجُونَ رَحۡمَتَهُۥ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُۥٓۚ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحۡذُورٗا

ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) پەرۋەردىگارىغا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەرۋەردىگارىغا) يېقىنراق بولغىنى (ھەم ئىبادەت ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ)، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ (ئۇنىڭ) ئازابىدىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن ساقلىنىشقا تېگىشلىكتۇر[57]. info
التفاسير:

external-link copy
58 : 17

وَإِن مِّن قَرۡيَةٍ إِلَّا نَحۡنُ مُهۡلِكُوهَا قَبۡلَ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَوۡ مُعَذِّبُوهَا عَذَابٗا شَدِيدٗاۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَسۡطُورٗا

(ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر[58]. info
التفاسير: