Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán

Número de página:close

external-link copy
275 : 2

ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ ٱلرِّبَوٰاْ لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ ٱلَّذِي يَتَخَبَّطُهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مِنَ ٱلۡمَسِّۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡبَيۡعُ مِثۡلُ ٱلرِّبَوٰاْۗ وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ فَمَن جَآءَهُۥ مَوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّهِۦ فَٱنتَهَىٰ فَلَهُۥ مَا سَلَفَ وَأَمۡرُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَنۡ عَادَ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

جازانە، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان جازانىنى ھالال بىلىپ، ئاللاھ ھالال قىلغان سودا ـ سېتىق بىلەن جازانىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماي، سودا-سېتىقمۇ جازانىغا ئوخشاش، ھەر بىرى مالنى زىيادە قىلىش ۋە مەنپەئەت ئىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان قىياسى ۋە يالغانچىلىقلىرىغا رەددىيە بېرىپ، سودىنىڭ ئومۇمغا ۋە شەخسلەرگە پايدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھالال ئىكەنلىكىنى، جازانىنىڭ بولسا زۇلۇم قىلىپ، بەدەلسىز باتىل يول ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يېيىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن جازانىدىن چەكلەش توغرىسىدىكى چەكلىمە كەلگەن ۋە ھۆججەت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دېگەندىن مەقسەت: ئۇلار جازانىنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغان، ياكى بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت دوزاختا تۇرۇپ قالىدىغانلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ، چۈنكى دوزاختا مەڭگۈ قىلىش دېگەن كاپىرلار ئۈچۈن .بولىدۇ، ئەمما ئەھلى تەۋھىد دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
276 : 2

يَمۡحَقُ ٱللَّهُ ٱلرِّبَوٰاْ وَيُرۡبِي ٱلصَّدَقَٰتِۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ

ئاللاھ جازانە قىلغان مالنى ھالاك قىلىدۇ ۋە ساھىبىنىڭ قولىدىن ئىلىپ قويىدۇ، ياكى ئەمەلىيەتتە ھالاك قىلىدۇ ياكى مەنىۋىي تەرەپتىن ئۇنىڭ بەرىكىتىنى تارتىۋېتىدۇ، سەدىقە مالنىڭ بەرىكىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ساۋابىنى كۆپەيتىپ ئۆستۈرىدۇ، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدىن يەتتە يۈز ھەتتا ئۇنىڭدىن زىيادە بولىدۇ، سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ماللىرىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا گۇناھ-مەسىيەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچى، چەكلەنگەن-ھارام نەرسىنى ھالال دەپ قارىغۇچى ھەرقانداق گەردەنكەش كاپىرنى ياقتۇرمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
277 : 2

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى ئاللاھ يولغا قويغان بويىچە تولۇق ئادا قىلغان، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى مۇستەھىق بولغان كىشىلەرگە بەرگەنلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە قورقۇنچ يوقتۇر، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەرگە غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
278 : 2

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

ئى ئاللاھغا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققان كىشىلەر! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى ئىشەنسەڭلار ۋە جازانىدىن توسقان چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلاردىن كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى تەلەپ قىلماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
279 : 2

فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ فَأۡذَنُواْ بِحَرۡبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ وَإِن تُبۡتُمۡ فَلَكُمۡ رُءُوسُ أَمۡوَٰلِكُمۡ لَا تَظۡلِمُونَ وَلَا تُظۡلَمُونَ

ئەگەر سىلەر بۇيرۇلغان ئىشنى قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر، ئەگەر جازانىنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھغا تەۋبە قىلساڭلار، سىلەرنىڭ قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، ئەسلى سەرمايىدىن ئارتۇق ئىلىش بىلەن باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر ۋە سىلەرمۇ ئەسلى سەرمايىنى كىمەيتىۋېتىش بىلەن زىيان تارتمايسىلەر info
التفاسير:

external-link copy
280 : 2

وَإِن كَانَ ذُو عُسۡرَةٖ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيۡسَرَةٖۚ وَأَن تَصَدَّقُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ

ئەگەر سىلەر قەرز بەرگەن مالنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قەرزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، قەرزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپقۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى تەلەپ قىلماي سەدىقە قىلىۋەتسەڭلار ياكى قەرزنىڭ بەزىسىنى ئەپۇ قىلىۋەتسەڭلەر، بۇ ئىشنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدىكى پەزىلىتىنى بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
281 : 2

وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا تُرۡجَعُونَ فِيهِ إِلَى ٱللَّهِۖ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ

ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغان، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تۇرىدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاندىن ئۇ كۈندە ھەر كىشى قىلغان ياخشى-يامان ئەمىلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلار قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى كىمەيتىۋېتىش ۋە قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى زىيادە قىلىۋېتىش بىلەن زۇلۇم قىلىنمايدۇ. info
التفاسير:
Beneficios de los versículos de esta página:
• من أعظم الكبائر أكل الربا، ولهذا توعد الله تعالى آكله بالحرب وبالمحق في الدنيا والتخبط في الآخرة.
جازانە يېيىش گۇناھلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دۇنيادا جازانە قىلىنغان مالنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزىۋىتىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنىدە جىن چېپىلىپ قالغان .ساراڭ ئادەملەردەك تىرىلدۇرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى info

• الالتزام بأحكام الشرع في المعاملات المالية ينزل البركة والنماء فيها.
مالىيە مۇئامىلىلىرىدە شەرىئەت ئەھكامىنى لازىم تۇتۇش بىلەن مال زىيادە ۋە بەرىكەتلىك بولىدۇ info

• فضل الصبر على المعسر، والتخفيف عنه بالتصدق عليه ببعض الدَّين أو كله.
قېيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە سەۋىر قىلىش، ئۇنىڭغا قەرزنى ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەرزىنى يەڭگىللىتىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ info