Traducción de los significados del Sagrado Corán - La traducción uigur del abreviado de la exégesis del Noble Corán

Número de página:close

external-link copy
25 : 2

وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ كُلَّمَا رُزِقُواْ مِنۡهَا مِن ثَمَرَةٖ رِّزۡقٗا قَالُواْ هَٰذَا ٱلَّذِي رُزِقۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَأُتُواْ بِهِۦ مُتَشَٰبِهٗاۖ وَلَهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَهُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

يۇقىرىدا كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابلار بايان قىلىندى، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىشەنگەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆئمىنلەرگە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان قەسىرلىرى ۋە باغچىلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، ئۇلار جەننەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان ۋاقىتتا، بۇ مېۋىلەرنىڭ دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە بەك ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىز بۇرۇن دۇنيادىمۇ بۇ مېۋىلەردىن رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق دەيدۇ، ئۇلارغا شەكلى، ئىسمى كۆرۈنىشى دۇنيادا تونۇشلۇق بولغان مېۋىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، لېكىن ئۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى ۋە تاتلىقلىقى دۇنيادىكى مېۋىلەرگە ئوخشىمايدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا دۇنيا ئەھلىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پاسكىنا ۋە يىرگىنىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن پاك بولغان جۈپلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتتە دۇنيادىكى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان نېئمەتلەرگە ئوخشىمايدىغان، ئۈزۈلمەي مەڭگۈ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان نېمەتلەردە بولىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
26 : 2

۞ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَسۡتَحۡيِۦٓ أَن يَضۡرِبَ مَثَلٗا مَّا بَعُوضَةٗ فَمَا فَوۡقَهَاۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَيَقُولُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۘ يُضِلُّ بِهِۦ كَثِيرٗا وَيَهۡدِي بِهِۦ كَثِيرٗاۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِۦٓ إِلَّا ٱلۡفَٰسِقِينَ

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، پاشا ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق ياكى كېچىكرەك نەرسىنى مىسال قىلىدۇ، ئىنسانلار مۇشۇ مىسالنىڭ تەرىپىدە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: مۆئمىنلەر ۋە كاپىرلار، ئەمما مۆئمىنلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە بۇ مىسالنىڭ ئارقىسىدا ھېكمەت بارلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما كاپىرلار بولسا مەسخىرە قىلغان ھالەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ پاشا، چېۋىن ۋە ئۆمۇچۈككە ئوخشاش ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىلەرنى مىسال كەلتۈرىشىدىكى سەۋەبنى سورايدۇ، بۇنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ: بۇ مىساللاردا ئىنسانلارنى ئىمتىھان قىلىش، يول كۆرسۈتۈش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت بۈيۈك بىر ھېكمەت بار، ئاللاھ تائالا مۇشۇ مىساللار بىلەن بۇ توغرىدا پىكىر قېلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار كۆپ ساندىكى كىشىلەردۇر، بۇ مىسالنىڭ سەۋەبى بىلەن ۋەز-نەسىھەت ئالغان كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ، ئۇلارمۇ كۆپتۇر، ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارغا ئوخشاش ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان، ئازغۇنلۇققا دۇچار بولغان كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
27 : 2

ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهۡدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقۡطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

ئاللاھ ئۇلاردىن يالغۇز ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر خەۋەر بەرگەن ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىسىدا ئەھدە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلاشقا بۇيرىغان سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش، زېمىندا گۇناھ-مەسىيەت تارىتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشقا ئوخشىغان رەزىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيا-ئاخىرەتتە تولۇق نەسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 2

كَيۡفَ تَكۡفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمۡ أَمۡوَٰتٗا فَأَحۡيَٰكُمۡۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

ئى كاپىرلار سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ھەيران قالارلىق! ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىنى ئۆزۈڭلاردا كۆرۈۋاتىسىلەر، سىلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئېدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى پەيدا قىلدى، تىرىلگۈزدى، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى ئىككىنچى قېتىم ۋاپات تاپقۇزۇپ، ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 2

هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ

ئاللاھ ئۆزى يالغۇز زېمىندىكى دەريا-ئۆستەڭ، دەل-دەرەخ قاتارلىق سانىنى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، سىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىسىلەر، ئاندىن ئاسمانغا ئۆرلەپ يەتتە قات ئاسماننى تەدرىجى ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئىلمى كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. info
التفاسير:
Beneficios de los versículos de esta página:
• من كمال النعيم في الجنة أن ملذاتها لا يكدرها أي نوع من التنغيص، ولا يخالطها أي أذى.
جەننەتتىكى نېئمەتلەر مۇكەممەل بولۇپ، ئىنسانغا زىيان قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭ لەززىتىگە ھېچ قانداق نەرسە تەڭ كىلەلمەيدۇ. info

• الأمثال التي يضربها الله تعالى لا ينتفع بها إلا المؤمنون؛ لأنهم هم الذين يريدون الهداية بصدق، ويطلبونها بحق.
ئاللاھ قۇرئاندا بايان قىلغان مىساللاردىن پەقەت مۆئمىنلەرلا پايدىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار سەمىمىيەت بىلەن توغرا يول ۋە ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىدۇ. info

• من أبرز صفات الفاسقين نقضُ عهودهم مع الله ومع الخلق، وقطعُهُم لما أمر الله بوصله، وسعيُهُم بالفساد في الأرض.
پاسىقلارنىڭ ئەڭ ئوچۇق سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار ئاللاھغا بەرگەن ۋە ئىنسانلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرىغان سىلە-رەھىمنى ئۈزىدۇ، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. info

• الأصل في الأشياء الإباحة والطهارة؛ لأن الله تعالى امتنَّ على عباده بأن خلق لهم كل ما في الأرض.
نەرسىلەر ئەسلىدە پاك ۋە مۇباھتۇر، چۈنكى ئاللاھ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بەندىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتتى. info