Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

Page Number:close

external-link copy
32 : 34

قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُوٓاْ أَنَحۡنُ صَدَدۡنَٰكُمۡ عَنِ ٱلۡهُدَىٰ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَكُمۖ بَلۡ كُنتُم مُّجۡرِمِينَ

ھەقىقەتتىن چوڭچىلىق قىلغان يولباشچىلار، بوزەك قىلىنغان ئەگەشكۈچىلەرگە: بىز سىلەرنى مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتتىن توستۇقمۇ؟ ئۇنداق ئىش يوق. بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلار زالىم ۋە بۇزغۇنچى بولدۇڭلار، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 34

وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ بَلۡ مَكۡرُ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ إِذۡ تَأۡمُرُونَنَآ أَن نَّكۡفُرَ بِٱللَّهِ وَنَجۡعَلَ لَهُۥٓ أَندَادٗاۚ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۚ وَجَعَلۡنَا ٱلۡأَغۡلَٰلَ فِيٓ أَعۡنَاقِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۖ هَلۡ يُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

خوجايىنلىرى بوزەك قىلغان ئەگەشكۈچىلەر ھەقتىن چوڭچىلىق قىلغان يولباشچىلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىزگە كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار بىزنى توغرا يولدىن توستى. ئەينى چاغدا سىلەر بىزنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا، ئۇنى قويۇپ مەخلۇقلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار، دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن چاغدا دۇنيادىكى كۇپۇرلۇقلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارنىڭ بۇنداق جازاغا ئۇچرىشى پەقەت دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئاللاھتىن باشقىسىغا چوقۇنغانلىقى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 34

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتۡرَفُوهَآ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ

بىز قانداق بىر شەھەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسەكلا، شۇ شەھەردىكى دۆلەتمەنلەر، يۈز - ئابرۇيلۇق، بايلار: -ئەي پەيغەمبەرلەر!- شەكسىزكى بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارغا كاپىر بولغۇچىلارمىز، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 34

وَقَالُواْ نَحۡنُ أَكۡثَرُ أَمۡوَٰلٗا وَأَوۡلَٰدٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ

بۇ يۈز - ئابرۇيلۇق كىشىلەر يەنە كۆرەڭلەپ، پەخىرلەنگەن ھالدا: بىزنىڭ مال - ۋارانلىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىز بەك كۆپ. سىلەرنىڭ بىزنى ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەپ بىلجىرلىشىڭلار يالغان. بىز بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 34

قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئى پەيغەمبەر! ئېرىشكەن ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئۆزى خالىغان كىشىنى شۈكۈر قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى سەۋر قىلامدۇ ياكى ۋايسامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى تار قىلىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ئىشنى چوقۇم مۇكەممەل ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇنى بىلگەنلەر بىلدى، بىلمىگەنلەر بىلمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 34

وَمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُم بِٱلَّتِي تُقَرِّبُكُمۡ عِندَنَا زُلۡفَىٰٓ إِلَّا مَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَزَآءُ ٱلضِّعۡفِ بِمَا عَمِلُواْ وَهُمۡ فِي ٱلۡغُرُفَٰتِ ءَامِنُونَ

سىلەرنى كۆرەڭلەتكەن مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارالمايدۇ. لېكىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلار ھەسسىلەپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. مال - دۇنيانى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىش ئۆز ساھىبىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرالايدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشى بىلەنمۇ يېقىنلىشالايدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئاشۇ مۇئمىنلەرگە، قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ھەسىسىلەپ مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئۇلار جەننەتتە ئېگىز سارايلاردا ئازابتىن، ئۆلۈمدىن ۋە نېئمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ياشايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 34

وَٱلَّذِينَ يَسۡعَوۡنَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡعَذَابِ مُحۡضَرُونَ

پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنسانلارنى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن توسۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان كاپىرلار بۇ دۇنيادا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 34

قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥۚ وَمَآ أَنفَقۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَهُوَ يُخۡلِفُهُۥۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. سىلەر ئاللاھ يولىدا نېمە سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىش، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق سىلەرگە ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى رىزىق تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھقا يالۋۇرسۇن. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• تبرؤ الأتباع والمتبوعين بعضهم من بعض، لا يُعْفِي كلًّا من مسؤوليته.
ئەگەشكۈچىلەر بىلەن ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئادا - جۇدا بولۇشى ھېچبىرىنى مەسئۇلىيەتتىن خالاس قىلالمايدۇ. info

• الترف مُبْعِد عن الإذعان للحق والانقياد له.
راھەت - پاراغەت ھەقىقەتكە بويسۇنۇش ۋە باش ئېگىشتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. info

• المؤمن ينفعه ماله وولده، والكافر لا ينتفع بهما.
مۇئمىننىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى ئەسقاتىدۇ، ئەمما كاپىرغا ئەسقاتمايدۇ. info

• الإنفاق في سبيل الله يؤدي إلى إخلاف المال في الدنيا، والجزاء الحسن في الآخرة.
ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان (پۇل - مالنىڭ) بۇ دۇنيادا ئورنى تولدۇرۇپ بېرىلسە، ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ۋەسىلە بولىدۇ. info