Translation of the Meanings of the Noble Qur'an - Uyghur translation of Al-Mukhtsar in interpretation of the Noble Quran

Page Number:close

external-link copy
23 : 34

وَلَا تَنفَعُ ٱلشَّفَٰعَةُ عِندَهُۥٓ إِلَّا لِمَنۡ أَذِنَ لَهُۥۚ حَتَّىٰٓ إِذَا فُزِّعَ عَن قُلُوبِهِمۡ قَالُواْ مَاذَا قَالَ رَبُّكُمۡۖ قَالُواْ ٱلۡحَقَّۖ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ

ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق شاپائەت ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھ تائالا پەقەت ئۆزى رازى بولغانلارنىڭلا شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاسماندا سۆز قىلغان چاغدا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە باش ئېگىپ قاناتلىرىنى قېقىشى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىندۇر. پەرشتىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئۇلار جىبرىئىلغا: پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى؟ دېيىشىدۇ. جىبرىئىل: ھەقنى دېدى، ئۇ زاتىدا ۋە ھۆكۈمرانلىقتا ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەممىدىن بۈيۈك، بارچە نەرسە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان زاتتۇر، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 34

۞ قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قُلِ ٱللَّهُۖ وَإِنَّآ أَوۡ إِيَّاكُمۡ لَعَلَىٰ هُدًى أَوۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ

ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق ئاسمانلاردىن، مول ھوسۇللارنى، زىرائەتلەرنى ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقىنى كىم؟ يەنە ئېيتقىنكى، سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقىنى ئاللاھتۇر. - ئەي مۇشرىكلار- چوقۇمكى بىز ياكى سىلەر ئەلۋەتتە توغرا يول ئۈستىدە ياكى روشەن ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇرمىز. دېمەك، بىزنىڭ بىرىمىز شەكسىز شۇنداق. ئەمەلىيەتتە توغرا يولدا بولغانلارنىڭ مۇئمىن، ئازغۇنلارنىڭ مۇشرىكلار ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 34

قُل لَّا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّآ أَجۡرَمۡنَا وَلَا نُسۡـَٔلُ عَمَّا تَعۡمَلُونَ

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، قىيامەت كۈنى سىلەر بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ھەققىدە سورالمايسىلەر، بىزمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار ھەققىدە سورالمايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 34

قُلۡ يَجۡمَعُ بَيۡنَنَا رَبُّنَا ثُمَّ يَفۡتَحُ بَيۡنَنَا بِٱلۡحَقِّ وَهُوَ ٱلۡفَتَّاحُ ٱلۡعَلِيمُ

يەنە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بىزنى ۋە سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا قىلغۇچىنى خاتا قىلغۇچىدىن ئايرىيدۇ. ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، قانداق ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلگۈچى زاتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 34

قُلۡ أَرُونِيَ ٱلَّذِينَ أَلۡحَقۡتُم بِهِۦ شُرَكَآءَۖ كَلَّاۚ بَلۡ هُوَ ٱللَّهُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلەرنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ! ھەرگىز كۆرسىتەلمەيسىلەر. بۇ ئىش سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، دەپ ئويلىغىنىڭلاردەك ئەمەس. ئەكسىچە ئاللاھ تائالا ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب زاتتۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە باشقۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 34

وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا كَآفَّةٗ لِّلنَّاسِ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى تەقۋادارلارغا جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى، كاپىرلار ۋە پاسىقلارنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسا ئىدى، سېنى ھەرگىز يالغانغا چىقارمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 34

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

مۇشرىكلار تەھدىت قىلىنغان ئازابنى ئالدىرىتىپ: ئەگەر سىلەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ۋەدە قىلىنغان بۇ ئازاب قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟ دېيىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 34

قُل لَّكُم مِّيعَادُ يَوۡمٖ لَّا تَسۡتَـٔۡخِرُونَ عَنۡهُ سَاعَةٗ وَلَا تَسۡتَقۡدِمُونَ

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن بىر كۈن بار، ئۇ كۈندىن بىر دەممۇ ئىلگىرى - كېيىن بولمايسىلەر. ئۇ كۈن بولسا قىيامەت كۈنىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 34

وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن نُّؤۡمِنَ بِهَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ وَلَا بِٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ مَوۡقُوفُونَ عِندَ رَبِّهِمۡ يَرۡجِعُ بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٍ ٱلۡقَوۡلَ يَقُولُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ لَوۡلَآ أَنتُمۡ لَكُنَّا مُؤۡمِنِينَ

ئاللاھقا كاپىر بولغانلار: بىز مۇھەممەد ئۆزىگە نازىل قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلغان قۇرئانغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارغىمۇ ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى. - ئەي پەيغەمبەر!- ئەگەر زالىملارنىڭ قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى ھالىتىنى كۆرگەن بولساڭ، (ئەلۋەتتە دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆزئارا تاكاللىشىپ، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئارتىشىپ، تاپا - مالامەت قىلىشىدۇ. بوزەك قىلىنغان ئەگەشكۈچىلەر دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان خوجايىنلىرىغا: ناۋادا سىلەر بىزنى ئازدۇرمىغان بولساڭلار، چوقۇم ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دەيدۇ. info
التفاسير:
Benefits of the verses in this page:
• التلطف بالمدعو حتى لا يلوذ بالعناد والمكابرة.
دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ سەركەشلىك ۋە تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن مۇلايىم مۇئامىلە قىلىش. info

• صاحب الهدى مُسْتَعْلٍ بالهدى مرتفع به، وصاحب الضلال منغمس فيه محتقر.
ھىدايەت تاپقان كىشى ھىدايىتى بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەنلىك سەۋەبتىن ئۈستۈندۇر، ئازغۇن ئازغۇنلۇققا پاتقانلىقى سەۋەبلىك پەستۇر. info

• شمول رسالة النبي صلى الله عليه وسلم للبشرية جمعاء، والجن كذلك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارغا ئومۇمىيدۇر. info