Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

Nummer der Seite:close

external-link copy
65 : 16

وَٱللَّهُ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ

ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدرۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ كەتكەن زېمىننى ياشنىتىپ زېمىندىن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى چېقىرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈرۈشتە، زېمىندىن زىرائەتلەرنى چېقىرىشتا، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنى تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قېلىدىغان روشەن دەلىللەر .بار info
التفاسير:

external-link copy
66 : 16

وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِۦ مِنۢ بَيۡنِ فَرۡثٖ وَدَمٖ لَّبَنًا خَالِصٗا سَآئِغٗا لِّلشَّٰرِبِينَ

ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر ئۈچۈن تۆگە، كالا ۋە قويلاردا بىر ۋەز-نەسىھەت بار، بىز سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ئارتۇق نەرسىلەر بىلەن، جىسمىدىكى قاننىڭ ئارىسىدىن چىققان سۈت بىلەن سۇغۇرىمىز، مۇشۇنداق جايدىن ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان ساپ- سۈزۈك سۈت چېقىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 16

وَمِن ثَمَرَٰتِ ٱلنَّخِيلِ وَٱلۡأَعۡنَٰبِ تَتَّخِذُونَ مِنۡهُ سَكَرٗا وَرِزۡقًا حَسَنًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

سىلەر ئۈچۈن بىز سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن خورمە ۋە ئۈزۈم مېۋىلىرىدە سىلەرگە ئىبرەت باركى، سىلەر ئۇنىڭدىن ئەقىلنى كەتكۈزىۋېتىدىغان ياخشى بولمىغان شاراپلارنى ياسايسىلەر، ۋە ئۇنىڭدىن يەنە خورما، قۇرۇق ئۈزۈم، ئاچچىقسۇ، ۋە خورما تالقىنى قاتارلىق مەنپەئەتلىنىدىغان چېرايلىق رىزىقلارنى قېلىسىلەر، ھەقىقەتەن يۇقىرىدا زىكىر قېلىنغاندەك بەندىلەرگە ئىنئام قىلىنغان نەرسىلەردە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بار. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 16

وَأَوۡحَىٰ رَبُّكَ إِلَى ٱلنَّحۡلِ أَنِ ٱتَّخِذِي مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا وَمِنَ ٱلشَّجَرِ وَمِمَّا يَعۡرِشُونَ

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام قىلىپ يول كۆرسۈتۈپ: تاغلاردا، دەرەخلەردە ئۇۋا تۇتقىن، كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان جايلىرىدا ئۇۋا تۇتۇپ ئۇلارنى .ھەسەل بىلەن مەنپەئەتلەندۇرگىن، دېدى info
التفاسير:

external-link copy
69 : 16

ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ فَٱسۡلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلٗاۚ يَخۡرُجُ مِنۢ بُطُونِهَا شَرَابٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ فِيهِ شِفَآءٞ لِّلنَّاسِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

ئاندىن ئىشتىھايىڭ تارتقان تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ئىلھام قىلغان ۋە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يولدىن ماڭغىن، ئاشۇ ھەرىنىڭ قورسىقىدىن ئاق، سېرىق رەڭدىكى تۈرلۈك ھەسەللار چېقىدۇ، بۇنىڭدا كىشىلەرگە شىپا بار، ئۇنىڭ بىلەن كېسەللىرىنى داۋالايدۇ. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھەرىگە ئىلھام قىلىش ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىن چىققان ھەسەللەردە پىكىر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى .قۇدىرتىگە .دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار info
التفاسير:

external-link copy
70 : 16

وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ ثُمَّ يَتَوَفَّىٰكُمۡۚ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرۡذَلِ ٱلۡعُمُرِ لِكَيۡ لَا يَعۡلَمَ بَعۡدَ عِلۡمٖ شَيۡـًٔاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٞ قَدِيرٞ

ئاللاھ سىلەرنى ئۆرنەكسىز ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلار تۈگۈگەندە سىلەرنى ۋاپات تاپتۇرىدۇ، سىلەردىن بەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يامان باسقۇچىغىچە يەنى بەك قېرىپ كەتكۈچە ياشايدىغانلار بار، ئۇ دەۋرىدە ئىلگىرى بىلگەن نەرسىلىرىنى بىلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىر، ئاللاھنى ھېچ .نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
71 : 16

وَٱللَّهُ فَضَّلَ بَعۡضَكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ فِي ٱلرِّزۡقِۚ فَمَا ٱلَّذِينَ فُضِّلُواْ بِرَآدِّي رِزۡقِهِمۡ عَلَىٰ مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ فَهُمۡ فِيهِ سَوَآءٌۚ أَفَبِنِعۡمَةِ ٱللَّهِ يَجۡحَدُونَ

ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتەئەلا سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، سىلەردىن بەزىڭلارنى باي، بەزىڭلارنى كەمبەغەل، بەزىڭلارنى خوجايىن قىلسا بەزىڭلارنى ئىشلەمچى قىلدى. ئاللاھ رىزقىنى ئۈستۈن قىلغانلار قول ئاستىدىكىلەر بىلەن رىزىققا ئىگە بولۇشتا باراۋەر بولۇپ ئۇلارنى رىزىققا شېرىك قېلىۋىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا بەرمەيدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا قانداقمۇ رازى بولىدۇ؟، ئۇلار قۇللارنىڭ ئۆزلىرىگە شېرىك بولۇشنى ۋە ئۆزلىرى بىلەن رىزىقتا باراۋەر بولۇشىغا رازى بولمايدىغان تۇرسا؟، بۇ قانداق زۇلۇم؟! ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ بەكراق تۇزكورلۇق بولمىسا كېرەك!؟. info
التفاسير:

external-link copy
72 : 16

وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُم بَنِينَ وَحَفَدَةٗ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِۚ أَفَبِٱلۡبَٰطِلِ يُؤۡمِنُونَ وَبِنِعۡمَتِ ٱللَّهِ هُمۡ يَكۡفُرُونَ

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ جىنسىڭلاردىن سىلەرنىڭ ئۈنسى-ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاياللىرىڭلارنى ياراتتى، ئاياللىرىڭلاردىن ئەۋلادلارنى ۋە نەۋىرلەرنى قىلدى، سىلەرگە گۆش ۋە مېۋىلەرگە ئوخشاش پاك يېمىكلىكلەرنى رىزىق قېلىپ بەردى. بۇت-ھەيكەللەردىن ئىبارەت باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ساناپ-تۈگەتكۈسىز نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قېلامسىلەر؟ ئاللاھقا شۈكۈر قىلمامسىلەر، يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىشەنمەمسىلەر!؟. info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• جعل تعالى لعباده من ثمرات النخيل والأعناب منافع للعباد، ومصالح من أنواع الرزق الحسن الذي يأكله العباد طريًّا ونضيجًا وحاضرًا ومُدَّخَرًا وطعامًا وشرابًا.
ئاللاھ تائالا خورما ۋە ئۈزۈمدىن ئىبارەت مېۋىلەرنى بەندىلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلدى، ئۇلارغا يېڭى، پىششىق، ھازىر ۋە ساقلاپ يەيدىغان يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئېسىللىرىدىن تۈرلۈك رىزىقلارنى ئاتا قىلدى. info

• في خلق النحلة الصغيرة وما يخرج من بطونها من عسل لذيذ مختلف الألوان بحسب اختلاف أرضها ومراعيها، دليل على كمال عناية الله تعالى، وتمام لطفه بعباده، وأنه الذي لا ينبغي أن يوحَّد غيره ويُدْعى سواه.
ئاللاھ تائالا، جىسمى كىچىك ھەسەل ھەرىسىنى يارىتىپ، زېمىننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېتىزلىقلىرىدا ئۇنىڭ ھەرتۈرلۈك گۈل چاڭلىرىنى شۈمۇرۇپ رەڭگارەڭ لەززەتلىك ھەسەلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان تولۇق كۆيۈمچانلىقى ۋە كامالى ئىنايىتىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەتتە باشقا نەرىسىلەرنى شېرىك قىلىشى توغرا .بولمايدۇ info

• من منن الله العظيمة على عباده أن جعل لهم أزواجًا ليسكنوا إليها، وجعل لهم من أزواجهم أولادًا تقرُّ بهم أعينهم، ويخدمونهم ويقضون حوائجهم، وينتفعون بهم من وجوه كثيرة.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېئمەتلىرىدىن: ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىرگە ياشىشى ئۈچۈن ئايال جىنسىنى ياراتتى. ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئاياللىرىدىن پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلاردىن مەنپەئەتلىنىدۇ. info