Übersetzung der Bedeutungen von dem heiligen Quran - Die uigurische Übersetzung von Al-Mukhtasar - Eine Kurzfassung der Bedeutungen des edlen Qurans

Nummer der Seite:close

external-link copy
88 : 16

ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ زِدۡنَٰهُمۡ عَذَابٗا فَوۡقَ ٱلۡعَذَابِ بِمَا كَانُواْ يُفۡسِدُونَ

ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان بەدبەختلەرگە ئۇلارنىڭ بۇزۇقلىقى ۋە باشقىلارنى بۇزۇپ يولدىن ئازدۇرغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەقلىق بولغان ئازابقا ئازابنى تېخىمۇ زىيادە قېلىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 16

وَيَوۡمَ نَبۡعَثُ فِي كُلِّ أُمَّةٖ شَهِيدًا عَلَيۡهِم مِّنۡ أَنفُسِهِمۡۖ وَجِئۡنَا بِكَ شَهِيدًا عَلَىٰ هَٰٓؤُلَآءِۚ وَنَزَّلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ تِبۡيَٰنٗا لِّكُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُسۡلِمِينَ

ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىيامەت كۈنى بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقان ياكى كاپىر بولغانلىقىغا شاھىت بولىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىمىز، بۇ پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ مىللىتىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلىدە سۆزلەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى بارلىق ئۈممەتلەرگە شاھىت قىلىپ ئەكىلىمىز. بىز ساڭا ھالال-ھارام، ساۋاب-جازا قاتارلىق بايان قىلىپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. قۇرئاننى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغانلارغا رەھمەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۆمىنلەرگە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان دائىملىق نېمەتلەر بىلەن خوشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن .نازىل قىلدۇق info
التفاسير:

external-link copy
90 : 16

۞ إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَٱلۡإِحۡسَٰنِ وَإِيتَآيِٕ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَيَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡبَغۡيِۚ يَعِظُكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ

ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنى ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەندە ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىدۇ. ھۆكۈمدە كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولمايدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق پەقەت ھەق بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئىنسان ئۆزىگە پەرز بولمىغان خەير-ئېھسان، زۇلۇمنى ئەپۇ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قېلىدۇ، يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى بىرىشكە بۇيرۇيدۇ، ناچار سۆز ۋە زىناغا ئوخشاش قەبىھ ئىشلاردىن ۋە شەرىئەت ئىنكار قىلغان گۇناھ ئىشلاردىن چەكلەيدۇ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قېلىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ مۇشۇ ئايەتتە سىلەرنى بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن ئىشلار بىلەن سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىدۇ، بۇ ۋەز-نەسىھەتتىن سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈمىد قىلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 16

وَأَوۡفُواْ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ إِذَا عَٰهَدتُّمۡ وَلَا تَنقُضُواْ ٱلۡأَيۡمَٰنَ بَعۡدَ تَوۡكِيدِهَا وَقَدۡ جَعَلۡتُمُ ٱللَّهَ عَلَيۡكُمۡ كَفِيلًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا تَفۡعَلُونَ

سىلەر ئاللاھ بىلەن تۈزۈشكەن ۋە كىشىلەر بىلەن تۈزۈشكەن بارلىق ئەھدىلەرگە تولۇق ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ كۈچەيتكەن قەسەمنى بۇزماڭلار. سىلەر قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتا ئاللاھنى شاھىت قىلدىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
92 : 16

وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّتِي نَقَضَتۡ غَزۡلَهَا مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٍ أَنكَٰثٗا تَتَّخِذُونَ أَيۡمَٰنَكُمۡ دَخَلَۢا بَيۡنَكُمۡ أَن تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرۡبَىٰ مِنۡ أُمَّةٍۚ إِنَّمَا يَبۡلُوكُمُ ٱللَّهُ بِهِۦۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَا كُنتُمۡ فِيهِ تَخۡتَلِفُونَ

سىلەر ئەقىلسىز دۆت كىشىلەردەك ئەھدىنى بۇزماڭلار، خۇددى جاپا تارتىپ يۇڭ ياكى پاختىدىن يىپ ئېگىرىپ، يىپنى پىششىق ئېگىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بۇزۇپ، پارچە-پارچە قىلىپ ئىگىرمىگەندەك ئەسلى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويغان ئەخمەق خوتۇنغا ئوخشاش بولماڭلار، ئۇ ئايال يىپىنى ئېگىرىش ۋە بۇزۇشتا كۆپ جاپا تارتتى، لېكىن تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىدى. جامائەتلىرىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولىشى ئۈچۈن سىلەر قەسەملىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارنى ئالدايدىغان ۋاسىتە قېلىۋالماڭلار. سىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلامدۇ ياكى بۇزامدۇ؟ دەپ ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە دۇنيادا سىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشىڭلارنى ئەلۋەتتە روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ كۈندە ھەقنى باتىلدىن، راستنى يالغاندىن ئايرىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
93 : 16

وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَكُمۡ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ وَلَٰكِن يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَلَتُسۡـَٔلُنَّ عَمَّا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ھەقكە ئىتتىپاق كەلگەن بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ھەقتىن ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن خارلاش بىلەن ئازدۇرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ پەزلى بىلەن ھەققە مۇۋەپپەق قېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە سوئال قىلىنىسىلەر. info
التفاسير:
Die Nutzen der Versen in dieser Seite:
• للكفار الذين يصدون عن سبيل الله عذاب مضاعف بسبب إفسادهم في الدنيا بالكفر والمعصية.
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان كاپىرلارغا، دۇنيادا ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىپ، جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھەسسىلەپ ئازاب بېرىلىدۇ. info

• لا تخلو الأرض من أهل الصلاح والعلم، وهم أئمة الهدى خلفاء الأنبياء، والعلماء حفظة شرائع الأنبياء.
زېمىن ھەر ۋاقىت ئىسلاھ قىلغۇچى ۋە ئىلىم ئىگىلىرىدىن خالى بولمايدۇ، ئۇلار توغرا يول تۇتقۇچى يىتەكچىلەر، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئۆلىمالاردىن ئىبارەتتۇر. info

• حدّدت هذه الآيات دعائم المجتمع المسلم في الحياة الخاصة والعامة للفرد والجماعة والدولة.
بۇ ئايەت شەخسلەر، جامائەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئۈچۈن ئومۇمى ۋە خۇسۇسى ھاياتىدا مۇسۇلمانلار جەمئىتىنى كۈچلاندۇرۇشنى بېكىتىدۇ. info

• النهي عن الرشوة وأخذ الأموال على نقض العهد.
رىشۋەت ئىلىش، ۋەدىنى بۇزۇش قاتارلىقلار بەدىلىگە پۇل ئىلىش .چەكلىنىدۇ info