Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

Səhifənin rəqəmi:close

external-link copy
70 : 8

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّمَن فِيٓ أَيۡدِيكُم مِّنَ ٱلۡأَسۡرَىٰٓ إِن يَعۡلَمِ ٱللَّهُ فِي قُلُوبِكُمۡ خَيۡرٗا يُؤۡتِكُمۡ خَيۡرٗا مِّمَّآ أُخِذَ مِنكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى بەدر كۈنى ئەسىر ئالغان ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ قەلبىڭلاردىكى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى مەقسەتنى بىلسە سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان پىدىيەدىنمۇ ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ. سىلەردىن ئېلىنغان پىدىيەگە قايغۇرۇپ كەتمەڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە كۆيۈمچاندۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى مۇسۇلمان بولغانلار ئىچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردا ئەمىلىلەشكەن. info
التفاسير:

external-link copy
71 : 8

وَإِن يُرِيدُواْ خِيَانَتَكَ فَقَدۡ خَانُواْ ٱللَّهَ مِن قَبۡلُ فَأَمۡكَنَ مِنۡهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ

ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاشكارىلىغان سۆزى ئارقىلىق (يەنى ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم ئاتا قىلدى. ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگىنى ئۆلتۈرۈلدى، ئەسىر ئېلىنغىنى ئەسىر ئېلىندى. ئەگەر ئۇلار قايتا خىيانەت قىلماقچى بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش (جازانى) كۈتسۇن. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچىدۇر. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
72 : 8

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يُهَاجِرُواْ مَا لَكُم مِّن وَلَٰيَتِهِم مِّن شَيۡءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُواْۚ وَإِنِ ٱسۡتَنصَرُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ فَعَلَيۡكُمُ ٱلنَّصۡرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى تەستىقلىغانلار، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغانلار، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ياكى خاتىرجەم ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلالايدىغان ئورۇنغا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ماللىرى ۋە جانلىرىنى سەرپ قىلىپ جىھاد قىلغانلار، ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە جاي بەرگەن ۋە ياردەم بەرگەن ئەنە شۇ مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغان ئەنسارىلار بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ ياردەمدە بولىدۇ. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلمىغان كىشىلەر ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ھىمايە قىلىش سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار ئەمەس. ئەگەر ئۇلارغا كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ، ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇلارغا دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولۇپ، ئۇلار ئەھدىنى بۇزمىغان بولسا ياردەم بەرمىسەڭلىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
73 : 8

وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٍۚ إِلَّا تَفۡعَلُوهُ تَكُن فِتۡنَةٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَفَسَادٞ كَبِيرٞ

كاپىرلارنى كۇپرىلىق جەملەيدۇ، ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. مۆئمىن كاپىرلانى دوست تۇتمايدۇ. ئەگەر سىلەر مۆئمىنلەرنى دوست تۇتۇپ، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتمىساڭلار دىنى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ياردەم بەرگۈدەك كىشىنى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە مۆئمىنلەر ئىچىدە پىتنە يۈز بېرىدۇ. زىمىندا ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىنمۇ چوڭراق پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
74 : 8

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ حَقّٗاۚ لَّهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار ئەنە شۇلار ھەقىقى ئىمان سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنگەنلەردۇر. ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى: گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىش ۋە جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل رىزىققا مۇشەررەپ قىلىشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 8

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۢ بَعۡدُ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ مَعَكُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ مِنكُمۡۚ وَأُوْلُواْ ٱلۡأَرۡحَامِ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلَىٰ بِبَعۡضٖ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ

ئى مۆمىنلەر! مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن كېيىن ئىمان ئېيتقانلار، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن، كۇپرى كەلىمىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئەنە شۇلار سىلەرگە تەۋە. سىلەر بەھرىمان بولغان ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ. سىلەر ئۆتۈگەن مەجبۇريەتنى ئۆتەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئۇرۇق-تۇققانلار بىر-بىرىگە مىراسخور بولۇشتا ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان( كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان) ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ھىجرەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن(بىر-بىرىدىن) مىراس ئالىدىغانلاردىن ھەقلىقراقتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ بەندىلىرىگە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى بەندىلەر ئۈچۈن يولغا قويىدۇ. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• يجب على المؤمنين ترغيب الأسرى في الإيمان.
ئەسىرلەرنى ئىمانغا قىزىقتۇرۇش مۆئمىنلەر ئۈستىگە ۋاجىپتۇر. info

• تضمنت الآيات بشارة للمؤمنين باستمرار النصر على المشركين ما داموا آخذين بأسباب النصر المادية والمعنوية.
ئايەتلەر مۆئمىنلەرگە ئۇلار غەلبىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى سەۋەبلىرىنى قىلسىلا مۇشرىكلارغا قارشى ئىزچىل ياردەم بېرىدىغانلىق بىشارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. info

• إن المسلمين إذا لم يكونوا يدًا واحدة على أهل الكفر لم تظهر شوكتهم، وحدث بذلك فساد كبير.
مۇسۇلمانلەر ھەقىقەتەن كاپىرلارغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ شەۋكىتى كۆتۈرۈلمەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئېغىر پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ. info

• فضيلة الوفاء بالعهود والمواثيق في شرعة الإسلام، وإن عارض ذلك مصلحة بعض المسلمين.
ئىسلام شەرىئىتىدە گەرچە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى بولسىمۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ پەزىلىتى info