Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

قىيامەت

Surənin məqsədlərindən:
إظهار قدرة الله على بعث الخلق وجمعهم يوم القيامة.
ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنى ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈش ۋە قىيامەت مەيدانىغا توپلاشتىكى قۇدرىتىنى نامايەندە قىلىش. info

external-link copy
1 : 75

لَآ أُقۡسِمُ بِيَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ

ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرىدىغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 75

وَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلنَّفۡسِ ٱللَّوَّامَةِ

ئاللاھ يەنە ئۆز ساھىبىغا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا سەل قاراپ، يامان ئەمەللەرنى قىلغانلىقىغا قارىتا مالامەت قىلىدىغان پاك نەپس بىلەن قەسەم قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئىككى ئىش بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 75

أَيَحۡسَبُ ٱلۡإِنسَٰنُ أَلَّن نَّجۡمَعَ عِظَامَهُۥ

ئىنسان بىزنى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن (چىرىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى توپلىيالمايدۇ، دەپ گۇمان قىلامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
4 : 75

بَلَىٰ قَٰدِرِينَ عَلَىٰٓ أَن نُّسَوِّيَ بَنَانَهُۥ

ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى ئىلگىرى قانداق ياراتقان بولساق، يەنە ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىغا قەدەر يىغىپ، مۇكەممەل ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 75

بَلۡ يُرِيدُ ٱلۡإِنسَٰنُ لِيَفۡجُرَ أَمَامَهُۥ

بەلكى ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يەنە چەكلىمىسىز ھالدا ئۆزىنىڭ پىسقى - پۇجۇرلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 75

يَسۡـَٔلُ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلۡقِيَٰمَةِ

ئۇ قىيامەت كۈنىنى يىراق ساناپ: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 75

فَإِذَا بَرِقَ ٱلۡبَصَرُ

ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 75

وَخَسَفَ ٱلۡقَمَرُ

ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، info
التفاسير:

external-link copy
9 : 75

وَجُمِعَ ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ

ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 75

يَقُولُ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذٍ أَيۡنَ ٱلۡمَفَرُّ

ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 75

كَلَّا لَا وَزَرَ

ئۇ كۈندە ھېچ يەرگە قېچىش يوق. پاجىرلارغا پاناھلىنىدىغان، سىغىنىدىغان جاي يوق. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 75

إِلَىٰ رَبِّكَ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡمُسۡتَقَرُّ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇ كۈندە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىپ بارىدىغان ئاقىۋەت پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىگىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 75

يُنَبَّؤُاْ ٱلۡإِنسَٰنُ يَوۡمَئِذِۭ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ

ئۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى - كېيىن قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 75

بَلِ ٱلۡإِنسَٰنُ عَلَىٰ نَفۡسِهِۦ بَصِيرَةٞ

بەلكى ئىنسان ئۆز - ئۆزىگە گۇۋاھچىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۇ ئىشلىگەن گۇناھلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 75

وَلَوۡ أَلۡقَىٰ مَعَاذِيرَهُۥ

ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانداق باھانە كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 75

لَا تُحَرِّكۡ بِهِۦ لِسَانَكَ لِتَعۡجَلَ بِهِۦٓ

ئەي پەيغەمبەر! قۇرئان (نازل بولۇۋاتقاندا) ئۇنى ئېسىڭدە تۇتۇۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمە. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 75

إِنَّ عَلَيۡنَا جَمۡعَهُۥ وَقُرۡءَانَهُۥ

ئۇنى سېنىڭ دىلىڭدا توپلاپ، قىرائىتىنى تىلىڭغا سابىت قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 75

فَإِذَا قَرَأۡنَٰهُ فَٱتَّبِعۡ قُرۡءَانَهُۥ

ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىزنىڭ ئەلچىمىز جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ساڭا قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەندە، جىم تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلاۋېتىگە قۇلاق سالغىن. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 75

ثُمَّ إِنَّ عَلَيۡنَا بَيَانَهُۥ

ئاندىن ئۇنى ساڭا چۈشەندۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• مشيئة العبد مُقَيَّدة بمشيئة الله.
بەندىنىڭ خاھىشى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر. info

• حرص رسول الله صلى الله عليه وسلم على حفظ ما يوحى إليه من القرآن، وتكفّل الله له بجمعه في صدره وحفظه كاملًا فلا ينسى منه شيئًا.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاندىن ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىدا ۋە ئېسىدە تولۇق توپلاشقا كېپىل بولغان. شۇڭا ئۇ قۇرئاندىن ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. info