Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

Səhifənin rəqəmi:close

external-link copy
84 : 26

وَٱجۡعَل لِّي لِسَانَ صِدۡقٖ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

مەندىن كېيىن كېلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 26

وَٱجۡعَلۡنِي مِن وَرَثَةِ جَنَّةِ ٱلنَّعِيمِ

مېنى مۇئمىن بەندىلىرىڭ راھەت - پاراغەتتە ياشايدىغان جەننەتنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئىگە قىلغىن، مېنى شۇ جايلاردا تۇرغۇزغىن. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 26

وَٱغۡفِرۡ لِأَبِيٓ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ

ئاتامنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن شېرىك سەۋەبىدىن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتتى. ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولۇپ، دۇئا قىلمايدىغان بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 26

وَلَا تُخۡزِنِي يَوۡمَ يُبۡعَثُونَ

ھېساب ئۈچۈن خالايىقلارنى تىرىلدۈرىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
88 : 26

يَوۡمَ لَا يَنفَعُ مَالٞ وَلَا بَنُونَ

ئۇ كۈندە ئىنساننىڭ دۇنيادا توپلىغان مال - مۈلۈك ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىدىغان ئوغۇللار ئەسقاتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 26

إِلَّا مَنۡ أَتَى ٱللَّهَ بِقَلۡبٖ سَلِيمٖ

پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شېرىك، نىپاق، رىيا ۋە مەنمەنچىلىك بولمىغان ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مال - مۈلكى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ئوغۇللىرى ئەسقاتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 26

وَأُزۡلِفَتِ ٱلۡجَنَّةُ لِلۡمُتَّقِينَ

جەننەت پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 26

وَبُرِّزَتِ ٱلۡجَحِيمُ لِلۡغَاوِينَ

مەھشەردە توغرا دىندىن ئېزىپ كەتكەن ئازغۇنلارغا دوزاخ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
92 : 26

وَقِيلَ لَهُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡبُدُونَ

ئۇلارغا قاتتىق كايىپ دېيىلىدۇكى: سىلەر دۇنيادا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىڭلار قېنى؟ info
التفاسير:

external-link copy
93 : 26

مِن دُونِ ٱللَّهِ هَلۡ يَنصُرُونَكُمۡ أَوۡ يَنتَصِرُونَ

سىلەر ئاللاھنى قويۇپ شۇلارغا چوقۇناتتىڭلارغۇ؟ ئەمدى ئۇلار سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇش ئارقىلىق ياردەم قىلالامدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە بولسىمۇ ياردەم بېرەلەمدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
94 : 26

فَكُبۡكِبُواْ فِيهَا هُمۡ وَٱلۡغَاوُۥنَ

ئۇلار ۋە ئۇلارنى ئازدۇرغانلار دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
95 : 26

وَجُنُودُ إِبۡلِيسَ أَجۡمَعُونَ

ئىبلىسنىڭ ياردەمچى شەيتانلىرىمۇ ھەممىسى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئۇلاردىن ھېچكىم چەتتە قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
96 : 26

قَالُواْ وَهُمۡ فِيهَا يَخۡتَصِمُونَ

ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ۋە ئاللاھنى قويۇپ شېرىكلەرنى تۇتۇۋالغان مۇشرىكلار ئۆزلىرى چوقۇنغان بۇتلىرى بىلەن تاكاللىشىپ مۇنداق دەيدۇ: info
التفاسير:

external-link copy
97 : 26

تَٱللَّهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنمىز. info
التفاسير:

external-link copy
98 : 26

إِذۡ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەڭ قىلىپ، خۇددى شۇنىڭغا چوقۇنغاندەك چوقۇنۇپتىكەنمىز. info
التفاسير:

external-link copy
99 : 26

وَمَآ أَضَلَّنَآ إِلَّا ٱلۡمُجۡرِمُونَ

بىزنى ھەق يولدىن ئازدۇرۇۋەتكىنى پەقەت ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرغان جىنايەتچىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
100 : 26

فَمَا لَنَا مِن شَٰفِعِينَ

ئەمدى بىزگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر يوق. info
التفاسير:

external-link copy
101 : 26

وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٖ

بىزگە چاپان ياپىدىغان ۋە بىزگە شاپائەت قىلىدىغان سەمىمىي دوستمۇ يوق. info
التفاسير:

external-link copy
102 : 26

فَلَوۡ أَنَّ لَنَا كَرَّةٗ فَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

كاشكى بىز ھاياتىي دۇنياغا قايتالىغان بولساق، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولاتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
103 : 26

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسىسى ۋە كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى بايانلاردا ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت باردۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 26

وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
105 : 26

كَذَّبَتۡ قَوۡمُ نُوحٍ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

نۇھنىڭ قەۋمى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ۋاقتىدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
106 : 26

إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
107 : 26

إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ

مەن شەكسىزكى سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلاردۇرمەن، ئاللاھ مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغىنىغا قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
108 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 26

وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 26

۞ قَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ لَكَ وَٱتَّبَعَكَ ٱلۡأَرۡذَلُونَ

نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېچىدە دۆلەتمەن، كاتتىباشلار بولمىسا، بىز يەنە ساڭا ئىمان ئېيتىپ، دىنىڭغا ئەمەل قىلىمىزمۇ؟ دېيىشتى. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• أهمية سلامة القلب من الأمراض كالحسد والرياء والعُجب.
قەلبنىڭ ھەسەتخورلۇق، رىيا ۋە مەنمەنچىلىككە ئوخشاش كېسەللىكلەردىن ساغلام بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. info

• تعليق المسؤولية عن الضلال على المضلين لا تنفع الضالين.
گۇمراھلىققا ئازغۇنلارنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ ۋە بۇ ئازغۇنلارغا ئەسقاتمايدۇ. info

• التكذيب برسول الله تكذيب بجميع الرسل.
رەسۇلۇللاھنى ئىنكار قىلىش بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. info

• حُسن التخلص في قصة إبراهيم من الاستطراد في ذكر القيامة ثم الرجوع إلى خاتمة القصة.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە قىيامەت ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ۋەقەلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياخشى بىر خۇلاسىدۇر. info