Qurani Kərimin mənaca tərcüməsi - Qurani Kərimin müxtəsər tərfsiri - kitabının Uyğur dilinə tərcüməsi.

Səhifənin rəqəmi:close

external-link copy
270 : 2

وَمَآ أَنفَقۡتُم مِّن نَّفَقَةٍ أَوۡ نَذَرۡتُم مِّن نَّذۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُهُۥۗ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٍ

ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ياخشىلىقتىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى خەير-ئىھسان قىلساڭلار ياكى نەپلە ئىبادەتلەرنى داۋام قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، سىلەرنى ئەڭ كاتتا ساۋاب بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلەرنى چەكلىگەن ياكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىغان زالىملارغا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
271 : 2

إِن تُبۡدُواْ ٱلصَّدَقَٰتِ فَنِعِمَّا هِيَۖ وَإِن تُخۡفُوهَا وَتُؤۡتُوهَا ٱلۡفُقَرَآءَ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۚ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّـَٔاتِكُمۡۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ

قىلماقچى بولغان سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، قىلغان سەدىقەڭلار ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى كەمبەغەللەرگە مەخپى ھالدا بەرسەڭلار، بۇ ئاشكارا بەرگەندىن تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى سەدىقىنى مەخپى بېرىش سەمىمىيەتكە ئەڭ يېقىندۇر، سەمىمى كىشىلەرنىڭ قىلغان سەدىقىسى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇپ، گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، سىلەرنىڭ .ئىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
272 : 2

۞ لَّيۡسَ عَلَيۡكَ هُدَىٰهُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۗ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَلِأَنفُسِكُمۡۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ ٱللَّهِۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ

ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنى ھەقكە بويسۇندۇرۇش ۋە ھەقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۇلارغا ھەقنى تونۇتۇش ۋە ھەق يولغا باشلاپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. ھەقكە مۇۋەپپەق قىلىش ۋە ھىدايەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھەقكە ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىھاجەتتۇر، خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار. ھەقىقى مۆئمىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ خەير-ئېھسان قىلىدۇ، مېلىڭلاردىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
273 : 2

لِلۡفُقَرَآءِ ٱلَّذِينَ أُحۡصِرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا يَسۡتَطِيعُونَ ضَرۡبٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ يَحۡسَبُهُمُ ٱلۡجَاهِلُ أَغۡنِيَآءَ مِنَ ٱلتَّعَفُّفِ تَعۡرِفُهُم بِسِيمَٰهُمۡ لَا يَسۡـَٔلُونَ ٱلنَّاسَ إِلۡحَافٗاۗ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌ

تىرىكچىلىك قىلىش سەۋەبلىك ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن چەكلىنىپ قالغان يوقسۇللارغا خەير-ئېھسان قىلىنىشى كېرەك، ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارغا سىنچىلاپ قارىغاندا ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە سېرتقى كۆرۈنىشىدىن ھاجەتمەن ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلار باشقا كەمبەغەللەرگە ئوخشاش كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرگە كاتتا مۇكاپات بېرىدۇ info
التفاسير:

external-link copy
274 : 2

ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ فَلَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ

ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ كېچە ـ كۈندۈز ھەممە ۋاقىت، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلماستىن خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن پەزلى-نېئمەت بىلەن ئاخىرەتتە قورقۇنچ يوقتۇر. دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرگە غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. info
التفاسير:
Bu səhifədə olan ayələrdən faydalar:
• إذا أخلص المؤمن في نفقاته وصدقاته فلا حرج عليه في إظهارها وإخفائها بحسب المصلحة، وإن كان الإخفاء أعظم أجرًا وثوابًا لأنها أقرب للإخلاص.
ئەگەر مۆئمىن ئىخلاس بىلەن ئۆزىنىڭ قىلغان سەدىقە ۋە نەپىقىسىدە كەمبەغەللەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاشكارا قىلسا ياكى مەخپى قىلسا گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر مەخپى قىلسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ، چۈنكى سەدىقىنى مەخپى قىلىش سەمىمىيەتكە ئەڭ يېقىندۇر. info

• دعوة المؤمنين إلى الالتفات والعناية بالمحتاجين الذين تمنعهم العفة من إظهار حالهم وسؤال الناس.
مۇسۇلمانلارنى، نومۇس قىلىپ يوقسۇللىقىنى ئاشكارا قىلىش ۋە كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشتىن چىكىنىدىغان كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش .ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش كېرەك info

• مشروعية الإنفاق في سبيل الله تعالى في كل وقت وحين، وعظم ثوابها، حيث وعد تعالى عليها بعظيم الأجر في الدنيا والآخرة.
ھەر ۋاقىت ئاللاھ يولىدا خەير-ئىھسان قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە كاتتا ساۋاپ ۋە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى. info