ترجمة معاني القرآن الكريم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم

سورة التوبة - تەۋبە

من مقاصد السورة:
البراءة من المشركين والمنافقين وجهادهم، وفتح باب التوبة للتائبين.
مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلاردىن ئادا-جۇدا بولۇش، ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىش، تەۋبە قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئېشىكىنى ئېچىش. info

external-link copy
1 : 9

بَرَآءَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

ئى مۇسۇلمانلار! بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرەپتىن ئادا-جۇدا بولۇشتۇر ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا سىلەر مۇشرىكلار بىلەن تۈزۈشكەن مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 9

فَسِيحُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَرۡبَعَةَ أَشۡهُرٖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُخۡزِي ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئى مۇشرىكلار! يەر يۈزىدە خاتىرجەم ھالدا تۆت ئاي يۈرۈڭلار. تۆت ئايدىن كېيىن سىلەرگە ئەمىنلىك بېرىلمەيدۇ ۋە مۇئاھىدىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. سىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئەگەر كۇپرىلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دۇنيادا ئەسىر ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ، قىيامەت كۈنى دەۋزەخكە كىرگۈزۈش بىلەن خار قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئەھدىنى بۇزغان ۋە ۋاقىتسىز مۇتلەق ئەھدىسى بولغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ۋاقىتلىق مۇئاھىدە تۈزۈشكەن ئادەمگە كەلسەك، گەرچە تۆت ئايدىن كۆپرەك بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ مۇئاھىدىسى ۋاقتى توشقىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 9

وَأَذَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلنَّاسِ يَوۡمَ ٱلۡحَجِّ ٱلۡأَكۡبَرِ أَنَّ ٱللَّهَ بَرِيٓءٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ وَرَسُولُهُۥۚ فَإِن تُبۡتُمۡ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِۗ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ

نەھرى كۈنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن بارلىق كىشىلەرگە: ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدادۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ ئادا-جۇدادۇر. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر شېرىك كەلتۈرۈشىڭلاردىن تەۋبە قىلساڭلار تەۋبە قىلغىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر تەۋبە قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر دەپ ئېلان قىلىندى. ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئۇلارنى ئوسال قىلىدىغان نەرسە يەنى ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان قاتتىق ئازاپ بىلەن خەۋەر بەرگىن. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 9

إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ثُمَّ لَمۡ يَنقُصُوكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَمۡ يُظَٰهِرُواْ عَلَيۡكُمۡ أَحَدٗا فَأَتِمُّوٓاْ إِلَيۡهِمۡ عَهۡدَهُمۡ إِلَىٰ مُدَّتِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ

ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىن سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن، تۈزۈشكەن مۇئاھىدىگە ۋاپا قىلغان، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى بۇزمىغان كىشىلەر ئىلگىرىكى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر. ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن مۇئاھىدىگە ۋاقتى توشقىچە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. مۇئاھىدىگە ئەمەل قىلىش ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىشقا مەنسۇپدۇر، خىيانەت قىلماسلىق ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا مەنسۇپدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 9

فَإِذَا ٱنسَلَخَ ٱلۡأَشۡهُرُ ٱلۡحُرُمُ فَٱقۡتُلُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ حَيۡثُ وَجَدتُّمُوهُمۡ وَخُذُوهُمۡ وَٱحۡصُرُوهُمۡ وَٱقۡعُدُواْ لَهُمۡ كُلَّ مَرۡصَدٖۚ فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ فَخَلُّواْ سَبِيلَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا ئەمىنلىك بەرگەن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار تۈگىسە مۇشرىكلارنى ئۇچرىغان جايدا ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارنى قورغانلىرىدا مۇھاسىرىگە ئېلىڭلار. ئۇلارنىڭ يوللىرىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار شېرىكتىن قول ئۈزۈپ ئاللاھقا تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرسە، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىسلامى قېرىندىشىڭلار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن قولۇڭلارنى يىغىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرگىچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 9

وَإِنۡ أَحَدٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٱسۡتَجَارَكَ فَأَجِرۡهُ حَتَّىٰ يَسۡمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبۡلِغۡهُ مَأۡمَنَهُۥۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡلَمُونَ

ئى پەيغەمبەر! قېنى ۋە مېلى ھالال بولغان مۇشرىكلاردىن بىرسى كىرىپ سەندىن ئامانلىق تىلىسە ئۇ قۇرئاننى ئاڭلىغانغا قەدەر ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغىن. ئاندىن ئۇنى ئەمىن جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى كاپىرلار ھەقىقەتەن دىننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. ئەگەر ئۇلار دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە قۇرئاننىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاشنى بىلسە ھىدايەت تېپىشى مۇمكىن. info
التفاسير:
من فوائد الآيات في هذه الصفحة:
• في الآيات دليل واضح على حرص الإسلام على تسوية العلاقات الخارجية مع الأعداء على أساس من السّلم والأمن والتّفاهم.
ئىسلامنىڭ دۈشمەنلەر بىلەن بولغان تاشقى ئالاقىنى تېنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىغا قۇرئان ئايەتلىرىدە ئۇچۇق دەلىل بار. info

• الإسلام يُقَدِّر العهود، ويوجب الوفاء بها، ويجعل حفظها نابعًا من الإيمان، وملازمًا لتقوى الله تعالى.
ئىسلام (كاپىرلار بىلەن تۈزۈشكەن) مۇئاھىدىلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋاجىپ ۋە ئۇنى ساقلاش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، شۇنداقلا ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ info

• أَنَّ إقامة الصّلاة وإيتاء الزّكاة دليل على الإسلام، وأنهما يعصمان الدّم والمال، ويوجبان لمن يؤدّيهما حقوق المسلمين من حفظ دمه وماله إلا بحق الإسلام؛ كارتكاب ما يوجب القتل من قتل النفس البريئة، وزنى الزّاني المُحْصَن، والرّدّة إلى الكفر بعد الإيمان.
ھەقىقەتەن ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ ئىككىسى بىر ئادەمنىڭ جېنى ۋە مېلىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ ئىككىسىنى ئادا قىلغان كىشى مۇسۇلمانلار بەھرىمان بولىدىغان جېنى ۋە مېلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىن ئىبارەت ھەقلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ. ئەمما بىگۇناھ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن قاتىلنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، توي قىلىپ بولغان كىشىنىڭ زىنا قىلىشى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇرتەد بولغان كىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىسلامنىڭ ھەققى بىلەن بولسا بۇ ئىلگىرىكى ھۆكۈمدىن مۇستاسنادۇر info

• مشروعيّة الأمان؛ أي: جواز تأمين الحربي إذا طلبه من المسلمين؛ ليسمع ما يدلّ على صحّة الإسلام، وفي هذا سماحة وتكريم في معاملة الكفار، ودليل على إيثار السِّلم.
ئەمىنلىك بېرىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى يەنى ئىسلامنىڭ توغرا (بىر دىن) ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن دۈشمەن مۇسۇلمانلاردىن ئەمىنلىك سورىسا ئەمىنلىك بېرىشنىڭ جايىزلىقى، بۇنىڭدا (ئىسلامنىڭ) كاپىرلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە نەقەدەر كەڭ قورساق ۋە ئېسىللىقى، تېنىچلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىغا دەلىل بار. info