የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የኡይጉርኛ ትርጉም - በመሐመድ ሳሊሕ

نازىئات

external-link copy
1 : 79

وَٱلنَّٰزِعَٰتِ غَرۡقٗا

(كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[1]، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 79

وَٱلنَّٰشِطَٰتِ نَشۡطٗا

(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[2]، info
التفاسير:

external-link copy
3 : 79

وَٱلسَّٰبِحَٰتِ سَبۡحٗا

(ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[3]، info
التفاسير:

external-link copy
4 : 79

فَٱلسَّٰبِقَٰتِ سَبۡقٗا

(مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[4]، info
التفاسير:

external-link copy
5 : 79

فَٱلۡمُدَبِّرَٰتِ أَمۡرٗا

(ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 79

يَوۡمَ تَرۡجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ

بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 79

تَتۡبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ

ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 79

قُلُوبٞ يَوۡمَئِذٖ وَاجِفَةٌ

بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 79

أَبۡصَٰرُهَا خَٰشِعَةٞ

شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 79

يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرۡدُودُونَ فِي ٱلۡحَافِرَةِ

ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)[10] info
التفاسير:

external-link copy
11 : 79

أَءِذَا كُنَّا عِظَٰمٗا نَّخِرَةٗ

ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»[11] info
التفاسير:

external-link copy
12 : 79

قَالُواْ تِلۡكَ إِذٗا كَرَّةٌ خَاسِرَةٞ

ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»[12]. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 79

فَإِنَّمَا هِيَ زَجۡرَةٞ وَٰحِدَةٞ

بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 79

فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ

بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ[13ـ14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 79

هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ

ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟[15] info
التفاسير:

external-link copy
16 : 79

إِذۡ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوًى

ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:[16] info
التفاسير: