የቅዱስ ቁርዓን ይዘት ትርጉም - የቁርአን አጭር ማብራርያ ትርጉም በኡዊጎር ቋንቋ

የገፅ ቁጥር:close

external-link copy
73 : 9

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ جَٰهِدِ ٱلۡكُفَّارَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱغۡلُظۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ

ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا قارشى قىلىچ بىلەن جىھاد قىلغىن، مۇناپىقلارغا قارشى تىل ۋە ھۆججەت بىلەن جىھاد قىلغىن. ئۇلارغا قارشى قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان جاي-ھە! info
التفاسير:

external-link copy
74 : 9

يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ مَا قَالُواْ وَلَقَدۡ قَالُواْ كَلِمَةَ ٱلۡكُفۡرِ وَكَفَرُواْ بَعۡدَ إِسۡلَٰمِهِمۡ وَهَمُّواْ بِمَا لَمۡ يَنَالُواْۚ وَمَا نَقَمُوٓاْ إِلَّآ أَنۡ أَغۡنَىٰهُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ مِن فَضۡلِهِۦۚ فَإِن يَتُوبُواْ يَكُ خَيۡرٗا لَّهُمۡۖ وَإِن يَتَوَلَّوۡاْ يُعَذِّبۡهُمُ ٱللَّهُ عَذَابًا أَلِيمٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَمَا لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ

مۇناپىقلار سېنى تىللاش ۋە دىنىڭنى ئەيىپلەشتىن ئىبارەت ساڭا يېتىپ كەلگەن سۆزلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دېمىگەنلىكىگە يالغاندىن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار ساڭا يېتىپ كەلگەن كۇپرى سۆزلىرىنى ئېيتتى. ئىمان ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن كاپىر بولدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئىشقا ئاشمايدىغان پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە ئاتا قىلغان غەنىمەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مەرھەمەت قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشنى ئىنكار قىلدى. ئەگەر ئۇلار مۇناپىقلىقىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلسا تەۋبە قىلغىنى مۇناپىقلىقتا قېلىپ قالغىنىدىن ياخشى ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن ئېغىر جازالىسا، ئاخىرەتتە دەۋزەختە دەھشەتلىك ئازاپ بىلەن جازالايدۇ. ئۇلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ئازاپتىن قۇتقۇزىدىغان ۋە ئۇلاردىن ئازاپنى چىكىندۈرىدىغان بىرەر دوست ياكى مەدەتكار بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 9

۞ وَمِنۡهُم مَّنۡ عَٰهَدَ ٱللَّهَ لَئِنۡ ءَاتَىٰنَا مِن فَضۡلِهِۦ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

مۇناپىقلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر: ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا ئەلۋەتتە بىز موھتاجلارغا سەدىقە بېرەتتۇق، ئەمەللىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ سالىھلارنىڭ قاتارىدىن بولاتتۇق دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
76 : 9

فَلَمَّآ ءَاتَىٰهُم مِّن فَضۡلِهِۦ بَخِلُواْ بِهِۦ وَتَوَلَّواْ وَّهُم مُّعۡرِضُونَ

ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان چاغدا، بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، بەلكى ماللىرىدىن ھېچ نەرسە سەدىقە قىلمىدى، ئۇلار ئىماندىن يۈز ئۆرىدى. info
التفاسير:

external-link copy
77 : 9

فَأَعۡقَبَهُمۡ نِفَاقٗا فِي قُلُوبِهِمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ يَلۡقَوۡنَهُۥ بِمَآ أَخۡلَفُواْ ٱللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُواْ يَكۡذِبُونَ

ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە تۇرماستىن يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاپ قىيامەتكە قەدەر مۇناپىقلىقنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇقەررەرلەشتۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 9

أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ سِرَّهُمۡ وَنَجۡوَىٰهُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ

ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىدا مەخپى قىلىشقان سۈيقەست ۋە ھىلە-مىكرىلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ غەيبلەرنى بىلىدىغانلىقىنى مۇناپىقلار بىلمەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا كۆرە جازالايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 9

ٱلَّذِينَ يَلۡمِزُونَ ٱلۡمُطَّوِّعِينَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ فِي ٱلصَّدَقَٰتِ وَٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهۡدَهُمۡ فَيَسۡخَرُونَ مِنۡهُمۡ سَخِرَ ٱللَّهُ مِنۡهُمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ

مۇناپىقلار مۆئمىنلەر ئىچىدىكى كۈچىنىڭ يېتىشىچە پەقەت ئازغىنە نەرسە سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىپلەيدۇ، ئۇلار: «ئۇلارنىڭ سەدىقە قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» دەپ مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مۆئمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ. ئۇلار قاتتىق ئازاپقا .دۇچار بولىدۇ info
التفاسير:
ከአንቀጾቹ የምንማራቸዉ ቁም ነገሮች:
• وجوب جهاد الكفار والمنافقين، فجهاد الكفار باليد وسائر أنواع الأسلحة الحربية، وجهاد المنافقين بالحجة واللسان.
كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارغا جىھاد قىلىشنىڭ ۋاجىپتۇر. كاپىرلارغا قول ۋە باشقا جەڭ قوراللىرى بىلەن، مۇناپىقلارغا ھۆججەت ۋە تىل بىلەن جىھاد قىلىنىدۇ. info

• المنافقون من شرّ الناس؛ لأنهم غادرون يقابلون الإحسان بالإساءة.
مۇناپىقلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر. چۈنكى ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ. info

• في الآيات دلالة على أن نقض العهد وإخلاف الوعد يورث النفاق، فيجب على المسلم أن يبالغ في الاحتراز عنه.
ئەھدىنى بۇزۇش ۋە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش مۇناپىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭلاشقا مۇسۇلمان ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى لازىم. info

• في الآيات ثناء على قوة البدن والعمل، وأنها تقوم مقام المال، وهذا أصل عظيم في اعتبار أصول الثروة العامة والتنويه بشأن العامل.
بەدەننىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە ئىبادەتنىڭ ئۆلچەملىك قىلىنىشىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى مەدھىيەلەيدۇ. بەدەننىڭ كۈچلۈك بولىشى مال-مۈلكنىڭ بار بولغىنىغا باراۋەردۇر. بۇ بولسا ئومۇمى بايلىق پرىنسىپلىرىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ۋە ئەمەل قىلغۇچىنى مەدھىيىلەشتىكى ئاساسى پرىنسىپتۇر. info