قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - ایغور ترجمہ - محمد صالح

صفحہ نمبر:close

external-link copy
102 : 21

لَا يَسۡمَعُونَ حَسِيسَهَاۖ وَهُمۡ فِي مَا ٱشۡتَهَتۡ أَنفُسُهُمۡ خَٰلِدُونَ

ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇ - نېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ[102]. info
التفاسير:

external-link copy
103 : 21

لَا يَحۡزُنُهُمُ ٱلۡفَزَعُ ٱلۡأَكۡبَرُ وَتَتَلَقَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ هَٰذَا يَوۡمُكُمُ ٱلَّذِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ

چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ(103). info
التفاسير:

external-link copy
104 : 21

يَوۡمَ نَطۡوِي ٱلسَّمَآءَ كَطَيِّ ٱلسِّجِلِّ لِلۡكُتُبِۚ كَمَا بَدَأۡنَآ أَوَّلَ خَلۡقٖ نُّعِيدُهُۥۚ وَعۡدًا عَلَيۡنَآۚ إِنَّا كُنَّا فَٰعِلِينَ

ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) خەت يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز[104]. info
التفاسير:

external-link copy
105 : 21

وَلَقَدۡ كَتَبۡنَا فِي ٱلزَّبُورِ مِنۢ بَعۡدِ ٱلذِّكۡرِ أَنَّ ٱلۡأَرۡضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ ٱلصَّٰلِحُونَ

بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا (ئەزەلدە) يازغاندىن كېيىن، (داۋۇدقا نازىل قىلىنغان) زەبۇردا زېمىنغا ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى (يەنى ۋارىسلىق قىلىشقا لاياقەتلىك) بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق[105]. info
التفاسير:

external-link copy
106 : 21

إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَٰغٗا لِّقَوۡمٍ عَٰبِدِينَ

بۇ (قۇرئان) دا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن (خەۋەرلەر، ۋەز ـ نەسىھەتلەردىن) ئەلۋەتتە يېتەرلىك بار[106]. info
التفاسير:

external-link copy
107 : 21

وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا رَحۡمَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ

(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق[107]. info
التفاسير:

external-link copy
108 : 21

قُلۡ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ أَنَّمَآ إِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّسۡلِمُونَ

(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) «ماڭا ۋەھىي قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن[108]. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 21

فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُلۡ ءَاذَنتُكُمۡ عَلَىٰ سَوَآءٖۖ وَإِنۡ أَدۡرِيٓ أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٞ مَّا تُوعَدُونَ

ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى ھېچ كىشىنى ئايرىماستىن) ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ئازاب) يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇقمايمەن[109]. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 21

إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا تَكۡتُمُونَ

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاشكارا سۆزنىمۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ[110]. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 21

وَإِنۡ أَدۡرِي لَعَلَّهُۥ فِتۡنَةٞ لَّكُمۡ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ

بىلمەسمەنكى، ئۇ (يەنى سىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ كېچىكىشى) سىلەر ئۈچۈن سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولۇشى مۇمكىن»[111]. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 21

قَٰلَ رَبِّ ٱحۡكُم بِٱلۡحَقِّۗ وَرَبُّنَا ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلۡمُسۡتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ

(پەيغەمبەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىم! (مېنىڭ بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن»[112]. info
التفاسير: