قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - ایغور ترجمہ - محمد صالح

صفحہ نمبر:close

external-link copy
38 : 11

وَيَصۡنَعُ ٱلۡفُلۡكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيۡهِ مَلَأٞ مِّن قَوۡمِهِۦ سَخِرُواْ مِنۡهُۚ قَالَ إِن تَسۡخَرُواْ مِنَّا فَإِنَّا نَسۡخَرُ مِنكُمۡ كَمَا تَسۡخَرُونَ

نۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. نۇھ ئېيتتى: « سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز[38]. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 11

فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ مَن يَأۡتِيهِ عَذَابٞ يُخۡزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيۡهِ عَذَابٞ مُّقِيمٌ

خار قىلغۇچى ئازاب (يەنى توپان بالاسى بىلەن غەرق بولۇش) نىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازاب(يەنى جەھەننەم ئازابى) نىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى كېلەچەكتە بىلىسىلەر»[39]. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 11

حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَمۡرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ قُلۡنَا ٱحۡمِلۡ فِيهَا مِن كُلّٖ زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِ وَأَهۡلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيۡهِ ٱلۡقَوۡلُ وَمَنۡ ءَامَنَۚ وَمَآ ءَامَنَ مَعَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٞ

(توپان بالاسى توغرىسىدىكى) بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن (ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، ­­_ ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ھالاك بولۇشى ھۆكۈم قىلىنغانلار (يەنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋائىلە بىلەن ئوغلى كەنئان) بۇنىڭ سىرتىدا _ ۋە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن كېمىگە چىققىن» دېدۇق، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنا كىشىلەر ئىمان ئېيتتى[40]. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 11

۞ وَقَالَ ٱرۡكَبُواْ فِيهَا بِسۡمِ ٱللَّهِ مَجۡر۪ىٰهَا وَمُرۡسَىٰهَآۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ

نۇھ (ئىمان ئېيتقان تەۋەلىرىگە) ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»[41]. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 11

وَهِيَ تَجۡرِي بِهِمۡ فِي مَوۡجٖ كَٱلۡجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ٱبۡنَهُۥ وَكَانَ فِي مَعۡزِلٖ يَٰبُنَيَّ ٱرۡكَب مَّعَنَا وَلَا تَكُن مَّعَ ٱلۡكَٰفِرِينَ

كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى[42]. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 11

قَالَ سَـَٔاوِيٓ إِلَىٰ جَبَلٖ يَعۡصِمُنِي مِنَ ٱلۡمَآءِۚ قَالَ لَا عَاصِمَ ٱلۡيَوۡمَ مِنۡ أَمۡرِ ٱللَّهِ إِلَّا مَن رَّحِمَۚ وَحَالَ بَيۡنَهُمَا ٱلۡمَوۡجُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُغۡرَقِينَ

ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى[43]. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 11

وَقِيلَ يَٰٓأَرۡضُ ٱبۡلَعِي مَآءَكِ وَيَٰسَمَآءُ أَقۡلِعِي وَغِيضَ ٱلۡمَآءُ وَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ وَٱسۡتَوَتۡ عَلَى ٱلۡجُودِيِّۖ وَقِيلَ بُعۡدٗا لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

«ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى[44]. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 11

وَنَادَىٰ نُوحٞ رَّبَّهُۥ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ٱبۡنِي مِنۡ أَهۡلِي وَإِنَّ وَعۡدَكَ ٱلۡحَقُّ وَأَنتَ أَحۡكَمُ ٱلۡحَٰكِمِينَ

نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى[45]. info
التفاسير: