قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - ایغور ترجمہ - محمد صالح

صفحہ نمبر: 220:208 close

external-link copy
107 : 10

وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يُرِدۡكَ بِخَيۡرٖ فَلَا رَآدَّ لِفَضۡلِهِۦۚ يُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى)[107]. info
التفاسير:

external-link copy
108 : 10

قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِوَكِيلٖ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»[108]. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 10

وَٱتَّبِعۡ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ وَٱصۡبِرۡ حَتَّىٰ يَحۡكُمَ ٱللَّهُۚ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغىچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر[109]. info
التفاسير: