قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ

تىن

سورہ کے بعض مقاصد:
امتنان الله على الإنسان باستقامة فطرته وخلقته، وكمال الرسالة الخاتمة.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئۇنىڭ تەبىئىتى، يارىتىلىشىنى راۋرۇس قىلىش ۋە پەيغەمبەرلىكنىڭ تۈگەنچىسىنى مۇكەممەل قىلىش بىلەن نېئمەت ئاتا قىلىشى. info

external-link copy
1 : 95

وَٱلتِّينِ وَٱلزَّيۡتُونِ

ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن زېمىندىكى ئەنجۈر بىلەن ھەمدە ئۇ ئۆسىدىغان جاي بىلەن، زەيتۇن بىلەن ھەمدە ئۇ ئۆسىدىغان جاي بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 95

وَطُورِ سِينِينَ

پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناجات قىلىشقان جاي سىنا تېغى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 95

وَهَٰذَا ٱلۡبَلَدِ ٱلۡأَمِينِ

كىرىۋالغان كىشى خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن ھۆرمەتلىك شەھەر مەككە بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 95

لَقَدۡ خَلَقۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ فِيٓ أَحۡسَنِ تَقۡوِيمٖ

ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەڭ مۇكەممەل قامەت ۋە ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 95

ثُمَّ رَدَدۡنَٰهُ أَسۡفَلَ سَٰفِلِينَ

ئاندىن ئۇنى مۇشۇ دۇنيادا قېرىلىق ۋە ئاجىزلىققا قايتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن گوياكى ئۇ تەبىئىتى بۇزۇۋېتىپ، دوزاخقا بارغاندا بەدىنى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمىغاندەك بەدىنىدىن پايدىلىنالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 95

إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَلَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونٖ

لېكىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا داۋاملىق ئۈزۈلمەيدىغان مۇكاپات بار بولۇپ، ئۇ مۇكاپات جەننەتتۇر. چۈنكى ئۇلار تەبىئىتىنى پاكلىغان كىشىلەر ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 95

فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعۡدُ بِٱلدِّينِ

ئەي ئىنسان! سەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالامەتلىرىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە سېنى جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلىشقا نېمە قىستىدى؟ info
التفاسير:

external-link copy
8 : 95

أَلَيۡسَ ٱللَّهُ بِأَحۡكَمِ ٱلۡحَٰكِمِينَ

ئاللاھ تائالا -قىيامەت كۈنىنى جازا - مۇكاپات كۈنى قىلىش ئارقىلىق- ئەڭ توغرا ھەم ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا ياخشى مۇكاپات، يامانلىق قىلغۇچىغا جازا بەرمەي تاشلاپ قويۇشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ info
التفاسير:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• رضا الله هو المقصد الأسمى.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نام-شۆھرىتىنى ئۈستۈن قېلىش بىلەن ئىكرام قىلىشى. info

• أهمية القراءة والكتابة في الإسلام.
ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ يۈكسەك غايىدۇر. info

• خطر الغنى إذا جرّ إلى الكبر والبُعد عن الحق.
ئىسلامدا ئوقۇش ۋە يېزىش ئىنتايىن مۇھىم ئىشتۇر. info

• النهي عن المعروف صفة من صفات الكفر.
كۆرەڭلەش ۋە ھەقتىن يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان بايلىق خەتەرلىكتۇر. info

• إكرام الله تعالى نبيه صلى الله عليه وسلم بأن رفع له ذكره.
ياخشى ئىشتىن چەكلەش كاپىرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. info