قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ

صفحہ نمبر:close

external-link copy
122 : 4

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَنُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٗاۚ وَمَنۡ أَصۡدَقُ مِنَ ٱللَّهِ قِيلٗا

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى بىز چوقۇم سارايلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، چۈنكى ئۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. سۆزدە ئاللاھتىن راستچىل ھېچكىم يوق. info
التفاسير:

external-link copy
123 : 4

لَّيۡسَ بِأَمَانِيِّكُمۡ وَلَآ أَمَانِيِّ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِۗ مَن يَعۡمَلۡ سُوٓءٗا يُجۡزَ بِهِۦ وَلَا يَجِدۡ لَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا

ئەي مۇئمىنلەر! دوزاختىن قۇتۇلۇش ۋە جەننەتكە ئېرىشىش، كۆڭلۈڭلار تارتقان ئىشنى قىلىش ياكى ئەھلى كىتابنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاراڭلاردىن كىمكى بىرەر يامان ئىش قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا قارىتا جازاغا تارتىلىدۇ. ئۇ نە ئۆزىگە ئاللاھتىن باشقا پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىرەر دوست، نە زىياننى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
124 : 4

وَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ مِن ذَكَرٍ أَوۡ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَدۡخُلُونَ ٱلۡجَنَّةَ وَلَا يُظۡلَمُونَ نَقِيرٗا

ئەر-ئاياللاردىن كىمكى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي ئىشىنىپ تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار ئىمان بىلەن ياخشى ئەمەلنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن گەرچە خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى كاتەكچىلىك كىچىككىنە نەرسىمۇ كېمەيتىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
125 : 4

وَمَنۡ أَحۡسَنُ دِينٗا مِّمَّنۡ أَسۡلَمَ وَجۡهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ وَٱتَّبَعَ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۗ وَٱتَّخَذَ ٱللَّهُ إِبۡرَٰهِيمَ خَلِيلٗا

ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن تامامەن ئاللاھقا تەسلىم بولغان، نىيىتىنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ئاللاھ يولغا قويغان ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەللىرىنى ياخشى قىلغان، شېرىكتىن ۋە كۇپرىدىن تەۋھىدكە ۋە ئىمانغا مايىل بولغان ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ يىلتىزى بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ دىندا ياخشىراق كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن تولۇق مۇھەببىتىگە تاللىدى. info
التفاسير:

external-link copy
126 : 4

وَلِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٖ مُّحِيطٗا

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن ھەر نەرسىنى ئىلمى، قۇدرىتى ۋە تەدبىرى بىلەن قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
127 : 4

وَيَسۡتَفۡتُونَكَ فِي ٱلنِّسَآءِۖ قُلِ ٱللَّهُ يُفۡتِيكُمۡ فِيهِنَّ وَمَا يُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ فِي يَتَٰمَى ٱلنِّسَآءِ ٱلَّٰتِي لَا تُؤۡتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرۡغَبُونَ أَن تَنكِحُوهُنَّ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلۡوِلۡدَٰنِ وَأَن تَقُومُواْ لِلۡيَتَٰمَىٰ بِٱلۡقِسۡطِۚ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِهِۦ عَلِيمٗا

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سەندىن ئاياللار توغرىسىدا ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ. ئۇلارغا دەپ قويغىنكى: ئاللاھ سىلەر پەتىۋا سورىغان ئىشنى بايان قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان، قول ئاستىڭلاردىكى ئاياللار ئىچىدىن يېتىملەر ھەققىدىكى بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر سىلەرگە بايان قىلىدۇ. سىلەر ئۇ يېتىم ئاياللارغا ئاللاھ بېكىتكەن تويلۇق مېھرىنى ياكى مىراسنى بەرمەيسىلەر، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار نىكاھىڭلارغا ئېلىشنىمۇ خالىمايسىلەر، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە كۆز تىكىپ باشقىلارغا نىكاھلاپمۇ بەرمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئاشۇ كىچىك بىچارىلەر ھەققىدە ۋاجىب بولغان ھۆكۈملەرنى، يەنى ئۇلارنىڭ مىراستىن كەلگەن ھەقلىرىنى ئۆز قوللىرىغا بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلماسلىقتىن ئىبارەت ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا يېتىملەرنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىڭلارنى ھەققانىيلىق بىلەن ئادا قىلىشىڭلارنىڭ ۋاجىبلىقىنى بايان قىلىدۇ. سىلەر يېتىملەرگە ۋە باشقىلارغا قانداق ياخشىلىق قىلغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا شەكسىزكى ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. چوقۇم ئۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• ما عند الله من الثواب لا يُنال بمجرد الأماني والدعاوى، بل لا بد من الإيمان والعمل الصالح.
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب-مۇكاپاتلارغا قۇرۇق ئارزۇ-ئارمانلار بىلەنلا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە مۇكەممەل ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بولۇشى كېرەك. info

• الجزاء من جنس العمل، فمن يعمل سوءًا يُجْز به، ومن يعمل خيرًا يُجْز بأحسن منه.
جازا-مۇكاپات قىلغان ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. كىمكى بىرەر يامان ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا قارىتا جازالىنىدۇ، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا قىلغىنىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپات بېرىلىدۇ. info

• الإخلاص والاتباع هما مقياس قبول العمل عند الله تعالى.
ئىخلاس بىلەن سۈننەتكە ئەگىشىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇش ئۆلچىمىدۇر. info

• عَظّمَ الإسلام حقوق الفئات الضعيفة من النساء والصغار، فحرم الاعتداء عليهم، وأوجب رعاية مصالحهم في ضوء ما شرع.
ئىسلام دىنى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن ئىبارەت ئاجىزلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا قول ئۇزىتىشنى ھارام قىلدى ھەمدە ئۆزى يولغا قويغان بويىچە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋاجىب قىلدى. info