قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ

صفحہ نمبر:close

external-link copy
120 : 2

وَلَن تَرۡضَىٰ عَنكَ ٱلۡيَهُودُ وَلَا ٱلنَّصَٰرَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمۡۗ قُلۡ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلۡهُدَىٰۗ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم بَعۡدَ ٱلَّذِي جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٍ

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سەن ئىسلامنى تەرك قىلىپ ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن رازى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئىش ئوچۇق ھەقىقەت كەلگەندىن كېيىن سەندىن ياكى سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭنىڭ بىرىدىن سادىر بولىدىكەن، سېنى ياكى ئۇلارنىڭ بىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ياردەمچىمۇ ياكى مەدەتكارمۇ بولمايدۇ. بۇ باتىل ئەھلى بىلەن مۇۋاپىقلىشىپ ھەقنى تەرك قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتۇر info
التفاسير:

external-link copy
121 : 2

ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَتۡلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ

قۇرئان كەرىم ئەھلى كىتابتىن بولغان قوللىرىدىكى كىتابقا ئەمەل قىلىدىغان، ھەقىقەتكە ئەگىشىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەرنى تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئىيتىشقا ئالدىرايدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا كۇپىرنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇلار ھەسسىلەپ زېيان تارتقۇچىلاردۇر info
التفاسير:

external-link copy
122 : 2

يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَنِّي فَضَّلۡتُكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلىرىمنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق بىلەن شۇ زاماندىكى بارلىق جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار info
التفاسير:

external-link copy
123 : 2

وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا لَّا تَجۡزِي نَفۡسٌ عَن نَّفۡسٖ شَيۡـٔٗا وَلَا يُقۡبَلُ مِنۡهَا عَدۡلٞ وَلَا تَنفَعُهَا شَفَٰعَةٞ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ

ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى بىلەن ئۆزۇڭلار ئارىسىدا قالقان ھاسىل قىلىڭلار، ئۇ كۈندە كىشى يەنە بىر كىشىگە ئەسقاتمايدۇ ۋە ھەر قانچە كاتتا پىداكارلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچقانداق كىشى شاپائەت قىلالمايدۇ. ئۇ كۈندە بەندىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەم بەرگۈچى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
124 : 2

۞ وَإِذِ ٱبۡتَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ رَبُّهُۥ بِكَلِمَٰتٖ فَأَتَمَّهُنَّۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامٗاۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِيۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهۡدِي ٱلظَّٰلِمِينَ

ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە مەسئۇلىيەتلەر بىلەن سىنىغانلىقىنى زىكىر قىلغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە تولۇق ئادا قىلدى، ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: سېنى كىشىلەر ئىش-ھەرىكەت ۋە ئەخلاقتا ئەگىشىدىغان پېشىۋا قىلىمەن دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ مېنىڭ بەزى ئەۋلادىمنىمۇ كىشىلەر ئەگىشىدىغان پېشىۋا قىلساڭ دېدى، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغاجاۋاپ بېرىپ: مېنىڭ سېنى دىندا پېشىۋا قىلىش ئەھدىمگە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن بولغان زالىملار ئېرىشەلمەيدۇ، دېدى info
التفاسير:

external-link copy
125 : 2

وَإِذۡ جَعَلۡنَا ٱلۡبَيۡتَ مَثَابَةٗ لِّلنَّاسِ وَأَمۡنٗا وَٱتَّخِذُواْ مِن مَّقَامِ إِبۡرَٰهِـۧمَ مُصَلّٗىۖ وَعَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ

ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر جەم بولىدىغان، ھەر قاچان قايتسا قايتا كېلىشكە قەلبى تەلپۈنىدىغان، تېنچ جاي قىلىپ بەردۇق، ئۇ يەردە ئۇلارغا ھەددىدىن ئاشقۇچى بولمايدۇ. كىشىلەرگە: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى ياسىغاندا تۇرغان تاشنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار دېدۇق، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ھەرەم-بەيتۇللاھ كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاسكىنا-مەينەت بۇتلاردىن پاك تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلدۇق info
التفاسير:

external-link copy
126 : 2

وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّ ٱجۡعَلۡ هَٰذَا بَلَدًا ءَامِنٗا وَٱرۡزُقۡ أَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ مَنۡ ءَامَنَ مِنۡهُم بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُۥ قَلِيلٗا ثُمَّ أَضۡطَرُّهُۥٓ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلنَّارِۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ

ئى پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلىگىن: پەرۋەردىگارىم! مەككىنى ھېچ بىركىشى يامانلىق بىلەن چېقىلالمايدىغان تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ساڭا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن دېدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلاردىن كاپىر بولغانلىرىنىمۇ دۇنيادا رىزقتىن مەلۇم مۇددەت بەھرىمان قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاخىرەتتە دوزاخقا ھەيدەيمەن، قىيامەت كۈنى ھەيدىلىدىغان دوزاخ نېمە دېگەن يامان جاي-ھە!. info
التفاسير:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• أن المسلمين مهما فعلوا من خير لليهود والنصارى؛ فلن يرضوا حتى يُخرجوهم من دينهم، ويتابعوهم على ضلالهم.
ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار يەھۇدىي-ناسارالار ئۈچۈن ھەرقانچە ياخشىلىق قىلسىمۇ، ئۇلار مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن ياندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن يوللرىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ info

• الإمامة في الدين لا تُنَال إلا بصحة اليقين والصبر على القيام بأمر الله تعالى.
دىندا رەببانىي ئالىم بولۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداشتا تولۇق ئىشەنچ ۋە سەۋىرچان بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. info

• بركة دعوة إبراهيم عليه السلام للبلد الحرام، حيث جعله الله مكانًا آمنًا للناس، وتفضّل على أهله بأنواع الأرزاق.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرەم ئەھلىگە قىلغان دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىدىن: ئاللاھ ھەرەمنى كىشىلەر ئۈچۈن تېنچ جاي قىلىپ بەردى، شۇنداقلا ھەرەم ئەھلىگە تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى info