قرآن کریم کے معانی کا ترجمہ - المختصر فی تفسیر القرآن الکریم کا اویغوری ترجمہ

صفحہ نمبر:close

external-link copy
64 : 12

قَالَ هَلۡ ءَامَنُكُمۡ عَلَيۡهِ إِلَّا كَمَآ أَمِنتُكُمۡ عَلَىٰٓ أَخِيهِ مِن قَبۡلُ فَٱللَّهُ خَيۡرٌ حَٰفِظٗاۖ وَهُوَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ

دادىسى ئۇلارغا ئېيتتى: مەن بۇنىڭ ئىشىدىمۇ سىلەرگە خۇددى بۇندىن بۇرۇن قېرىندىشى يۇسۇفنىڭ ئىشىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇفنىڭ ئىشىدا سىلەرگە ئىشەنگەن ئىدىم، سىلەرمۇ ئۇنى قوغدايدىغانلىقىڭلار توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدىڭلار، ئەمما ۋەدەڭلاردا تۇرمىدىڭلار. شۇڭا ئەمدى سىلەرنىڭ بۇنى قوغدايدىغانلىقىڭلار توغرىسىدا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ئىشەنمەيمەن، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ ئۆزى قوغدىماقچى بولغان كىشىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغۇچىدۇر ھەمدە رەھىم قىلىشنى خالىغان كىشىگە ئەڭ رەھىملىكدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
65 : 12

وَلَمَّا فَتَحُواْ مَتَٰعَهُمۡ وَجَدُواْ بِضَٰعَتَهُمۡ رُدَّتۡ إِلَيۡهِمۡۖ قَالُواْ يَٰٓأَبَانَا مَا نَبۡغِيۖ هَٰذِهِۦ بِضَٰعَتُنَا رُدَّتۡ إِلَيۡنَاۖ وَنَمِيرُ أَهۡلَنَا وَنَحۡفَظُ أَخَانَا وَنَزۡدَادُ كَيۡلَ بَعِيرٖۖ ذَٰلِكَ كَيۡلٞ يَسِيرٞ

ئۇلار ئەكەلگەن ئاشلىق تاغارلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئاچقاندا ماللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدى - دە، دادىسىغا: بىز بۇ ئېسىل كىشىنىڭ مۇشۇنچىۋالا ئىززەت - ئىكراملىرىغا نائىل بوپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭدىن نېمىنى كۈتىمىز. ئاشلىقلار ئۈچۈن تۆلىگەن پۇللىرىمىز مانا، ئۇ ئېسىل كىشى بىزگە ئىلتىپات قىلىپ قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. بىز ئائىلىمىزگە ئوزۇق - تۈلۈكمۇ ئەكېلىمىز، قېرىندىشىمىزنىمۇ سەن ئەنسىرىگەن خەتەردىن قوغدايمىز، شۇنداقلا ئۇنى يېنىمىزغا ئېلىۋالساق بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالالايمىز. چۈنكى بىرەر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق بېرىش ئۇ ئېسىل كىشىگە نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
66 : 12

قَالَ لَنۡ أُرۡسِلَهُۥ مَعَكُمۡ حَتَّىٰ تُؤۡتُونِ مَوۡثِقٗا مِّنَ ٱللَّهِ لَتَأۡتُنَّنِي بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يُحَاطَ بِكُمۡۖ فَلَمَّآ ءَاتَوۡهُ مَوۡثِقَهُمۡ قَالَ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٞ

دادىسى ئۇلارغا: سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولۇپ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم قالمىغانلىقتىن ئۇنى قوغداپ، قايتۇرۇپ كېلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىساڭلارلا ماڭا بۇنيامىننى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرىدىغانغا چىن ۋەدە بەرمىگۈچە مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ئەۋەتمەيمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەئقۇبقا چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ۋەدە بېرىۋېدى، يەئقۇب: بىزنىڭ دېيىشكەنلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى بىزگە كۇپايە، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 12

وَقَالَ يَٰبَنِيَّ لَا تَدۡخُلُواْ مِنۢ بَابٖ وَٰحِدٖ وَٱدۡخُلُواْ مِنۡ أَبۡوَٰبٖ مُّتَفَرِّقَةٖۖ وَمَآ أُغۡنِي عَنكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍۖ إِنِ ٱلۡحُكۡمُ إِلَّا لِلَّهِۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَعَلَيۡهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُتَوَكِّلُونَ

دادىسى ئۇلارغا ئالاھىدە تاپىلاپ: مىسىرغا ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، بۆلۈنۈپ باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىرىڭلار، بۇ بىراۋنىڭ ھەممىڭلارغا بىراقلا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ساغلام تەدبىردۇر. مەن بۇ گەپلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئىرادە قىلغان بىرەر زىياننىڭ ئالدىنى ئالالايمەن ياكى ئاللاھ ئىرادە قىلمىغان بىرەر پايدىنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن دېگەن مەقسەتتە دېمەيۋاتىمەن. ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، بارچە ئىش پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مەن بارچە ئىشلىرىمدا يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. شۇڭا پۈتۈن تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۆز ئىشلىرىدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلسۇن. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 12

وَلَمَّا دَخَلُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَهُمۡ أَبُوهُم مَّا كَانَ يُغۡنِي عَنۡهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَيۡءٍ إِلَّا حَاجَةٗ فِي نَفۡسِ يَعۡقُوبَ قَضَىٰهَاۚ وَإِنَّهُۥ لَذُو عِلۡمٖ لِّمَا عَلَّمۡنَٰهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئۇلار قېرىندىشىنى ئېلىپ يولغا چىقتى. دادىسىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە شەھەرگە باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىردى. لېكىن ئۇلارنىڭ باشقا - باشقا دەرۋازىدىن كىرگەنلىكى ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈۋەتكەن ئىشتىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىزھار قىلغان مېھىر - شەپقىتى بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز قىل تەۋرىمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا شۇنداق قىلىشنى تاپىلىغان ئىدى. ئۇ بىزنىڭ بىلدۈرۈشىمىز ئارقىلىق تەقدىرگە ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە سەۋەب قىلىشنى ياخشى بىلەتتى. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى بىلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
69 : 12

وَلَمَّا دَخَلُواْ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيۡهِ أَخَاهُۖ قَالَ إِنِّيٓ أَنَا۠ أَخُوكَ فَلَا تَبۡتَئِسۡ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇكىسى بۇنيامىننى ئېلىپ يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگەندە يۇسۇف ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلىقىغا: مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ يۇسۇف بولىمەن، شۇڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭ قىلغان يولسىز ئەزىيەتلىرىگە ۋە بىزگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەنلىكىگە قايغۇرمىغىن، دەپ پىچىرلىدى. info
التفاسير:
حالیہ صفحہ میں آیات کے فوائد:
• الأمر بالاحتياط والحذر ممن أُثِرَ عنه غدرٌ، وقد ورد في الحديث الصحيح: ((لَا يُلْدَغُ المُؤْمِنٌ مِنْ جُحْرٍ وَاحِدٍ مَرَّتَيْنِ))، [أخرجه البخاري ومسلم].
خىيانەتنىڭ ئەسىرى بار كىشىدىن ھەزەر قىلىش ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، بۇ توغرىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىستە:«مۇئمىن بىر تۆشۈكتىن ئىككى قېتىم سېپىلمايدۇ»بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. info

• من وجوه الاحتياط التأكد بأخذ المواثيق المؤكدة باليمين، وجواز استحلاف المخوف منه على حفظ الودائع والأمانات.
قەسەم قىلدۇرۇش ئارقىلىق ۋەدە ئېلىش ئېھتىياتچانلىقنىڭ ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ۋەدىسىگە تۇرماسلىقىدىن ۋە ئامانەتكە خىيانەت قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشىنى قەسەم قىلدۇرۇش دۇرۇس. info

• يجوز لطالب اليمين أن يستثني بعض الأمور التي يرى أنها ليست في مقدور من يحلف اليمين.
قەسەم تەلەپ قىلغۇچى قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئىمكانىيىتىدە ئەمەس دەپ قارىغان بىر قىسىم ئىشىلارغا ئايرىم مۇئامىلە قىلىشى دۇرۇس. info

• من الأخذ بالأسباب الاحتياط من المهالك.
خەتەرلەردىن ئېھتىيات قىلىشمۇ سەۋەب قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info