قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى- مۇھەممەد سالىھ

ئەئلا

external-link copy
1 : 87

سَبِّحِ ٱسۡمَ رَبِّكَ ٱلۡأَعۡلَى

ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 87

ٱلَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ

ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى[2]. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 87

وَٱلَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ

مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 87

وَٱلَّذِيٓ أَخۡرَجَ ٱلۡمَرۡعَىٰ

ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 87

فَجَعَلَهُۥ غُثَآءً أَحۡوَىٰ

ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى[5]. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 87

سَنُقۡرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 87

إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلۡجَهۡرَ وَمَا يَخۡفَىٰ

(ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 87

وَنُيَسِّرُكَ لِلۡيُسۡرَىٰ

سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 87

فَذَكِّرۡ إِن نَّفَعَتِ ٱلذِّكۡرَىٰ

ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 87

سَيَذَّكَّرُ مَن يَخۡشَىٰ

ئاللاھتىن (قورققان) ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 87

وَيَتَجَنَّبُهَا ٱلۡأَشۡقَى

ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ[11]. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 87

ٱلَّذِي يَصۡلَى ٱلنَّارَ ٱلۡكُبۡرَىٰ

ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[12]. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 87

ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحۡيَىٰ

ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ[13]. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 87

قَدۡ أَفۡلَحَ مَن تَزَكَّىٰ

(كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى[14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 87

وَذَكَرَ ٱسۡمَ رَبِّهِۦ فَصَلَّىٰ

ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى[15]. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 87

بَلۡ تُؤۡثِرُونَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا

سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 87

وَٱلۡأٓخِرَةُ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰٓ

ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر[17]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 87

إِنَّ هَٰذَا لَفِي ٱلصُّحُفِ ٱلۡأُولَىٰ

بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 87

صُحُفِ إِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ

بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19]. info
التفاسير: