قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
6 : 93

أَلَمۡ يَجِدۡكَ يَتِيمٗا فَـَٔاوَىٰ

ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ساڭا پاناھلىنىدىغان جاي بەردى. يەنى بوۋاڭ ئابدۇلمۇتتەلىب، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغاڭ ئەبۇتالىب ساڭا مېھرىبانلىق قىلدى. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه لا تدانيها منزلة.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىگە ھېچبىر مەرتىۋىنىڭ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• شكر النعم حقّ لله على عبده.
نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلىش ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. info

• وجوب الرحمة بالمستضعفين واللين لهم.
ئاجىزلارغا شەپقەتلىك بولۇش ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش ۋاجىبتۇر. info