قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
11 : 64

مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ يَهۡدِ قَلۡبَهُۥۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ

بىراۋنىڭ ئۆزىگە، ياكى مال - مۈلكىگە، ياكى بالا - چاقىسىغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەنلا يېتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىگە ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋە ھۆكمىگە رازى بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مهمة الرسل التبليغ عن الله، وأما الهداية فهي بيد الله.
پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزۈش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. info

• الإيمان بالقدر سبب للطمأنينة والهداية.
تەقدىرگە ئىشىنىش كۆڭۈلنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ھىدايەتكە سەۋەب بولىدۇ. info

• التكليف في حدود المقدور للمكلَّف.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى بەندىنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسىدە بولىدۇ. info

• مضاعفة الثواب للمنفق في سبيل الله.
ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ ساۋابى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ. info